ئالقاتنىڭ ساقلىقنى ساقلاش رولى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ئومۇمىي بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ. ئۇنداقتا ئالقاتنى قانداق يېسە پايدىسى ئەڭ كۆپ؟
ئالقات تەركىبىدە كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنت ۋە ۋىتامىن مول بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، پەقەت يېيىشنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندىلا دورىلىق قىممىتى بولىدۇ، ئاندا-ساندا بىر-ئىككى تالنى يەپ قويسا ئۈنۈمى بولمايدۇ. كىشىلەر ئالقاتنى دەملەپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن، لېكىن ئالقات تەركىبىدىكى ۋىتامىننىڭ كۆپ قىسمى سۇدا ئېرىيدىغان بولغاچقا، ئىسسىققا يولۇقسا ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇڭا قۇرۇتۇلغان ئالقاتنى سۇغا چىلاپ قويغاندىن كېيىن قورۇما، ئۇماچ قاتارلىقلارغا سېلىپ ئىستېمال قىلىش دورىلىق قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئالقات تەركىبىدە كاروتىن، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغاچقا، كۆزىگە ئىنتايىن پايدىلىق. بىراق ئالقات ھەممىلا كىشىگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، زۇكامدىغان، قىزىۋاتقان، ياللۇغلانغان، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىكى كېرەك، تېنى ئاجىز، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەركۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ.
(پىراكتىكانت زىلالە غالىب «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن تەييارلىدى)