تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قىرانلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان پارتىيەمىز ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلىدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (5)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  ‹‹جۇڭگو يېڭى دەۋرنى ئاچتى››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈكسەك ئىرادىسىنى قايتا نامايان قىلدى››... پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېپىلدى، جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى كەيپىياتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. كىشىلەر يەنە بىرنەچچە يىلدىن كېيىن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق قىلىپ ئېدگار سىنو ئەينى يىلى يەنئەندە كۆرگەن ئاشۇ ‹‹جاسارەت››نى ئىزچىل ساقلاپ قالالىدى؟ دەپ ھەيران قېلىشتى.

  نۇرغۇن كىشى بۇ سىر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىجتىمائىي ۋەكىللىك خاراكتېرى، تەشكىلىي تەرەققىيات ئىقتىدارى، سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى قاتارلىق ئوخشىمىغان ئۆلچەملەردىن بۇ پارتىيەنىڭ ‹‹ھاياتىي كۈچى››نىڭ مەنبەسىنى تەتقىق قىلدى. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلىغان، پارتىيەمىز 100 يىلنى باشتىن كەچۈرۈپ قىرانلىق دەۋرىگە قەدەم قويدى!›› 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا قايتا سايلانغان شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە گۈللىنىش يولى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ مۇساپىسىنى ئۆلچەپ، مۇھىم ھالقىنى سۆزلەپ، تۈپ ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق چېنىققانلىقى، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقى، ئۇلۇغ ئىشلار ئۈچۈن تىرىشقانلىقى، ئۇلۇغ ئارزۇنى يالقۇنجاتقانلىقى ئۈچۈن، پارتىيەمىز ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ خەتەرلىك ئېقىنلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، 100 يىلدىن بۇيان قېرىماي، بىر ئەسىردىن بۇيان ياشلىقىنى ساقلاپ كەلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارزۇسى قاناتلانغان جېجياڭ جياشىڭدىكى نەنخۇدا باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلغاندىلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەڭگۈ ياش تۇرىدۇ››. ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، بىر پارتىيەنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئىشلار جۇڭگو كوممۇنىستلىرىغا يۈكلىگەن ئەندىزە ۋە غايىنى كۆز ئالدىنىلا كۆرىدىغان پارتىيەلەر ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. ئۇزۇن سەپەردىكى قانلىق جەڭ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئوتى، ئېچىۋېتىلگەن ئىزدىنىش، ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مىللىي گۈللىنىش ئىشلىرى بىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، پارتىيەمىز بىر قېتىملىق سىناقنى باشتىن كەچۈردى. كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش دەۋرگە باشلامچىلىق قىلدى، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى پارتىيەمىزنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈردى. ئەزاسى ئاران 50 نەچچىدىن ھازىرقى 89 مىليوندىن ئاشقان دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ پارتىيەگە، ئورنىدىن تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان جەرياندا، ئەينى يىلى مىللەتنىڭ ئارزۇسى يۈكلەنگەن كىچىككىنە قىزىل كېمە، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى يۈكلەنگەن گۈللىنىش ناملىق چوڭ پاراخوتقا ئايلاندى.

  100 يىللىق شەرەپ قۇچۇش، بۇرچ بىزنىڭ ھاياتىي كۈچىمىزنى مەڭگۈ ساقلىشىمىزغا تۈرتكە بولدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ››. 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، مەيلى زامانىۋى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى نىشانى بولسۇن ياكى جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشى بولسۇن، ھەممىسىدە مەۋقە مىللەتنىڭ بەختىگە قارىتىلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب بېرىلدى. دۇنياغا نەزەر سالساق، قايسى پارتىيە بىزنىڭ پارتىيەمىزدەك دەۋرگە نىسبەتەن ئىزچىل سەگەكلىكنى ساقلاپ قالالىدى، يەنە قايسى پارتىيە خەلقنىڭ بەختىنى سەمىمىي، ئېنىق قىلىپ بايرىقىغا يازالىدى؟ ‹‹كىشىنىڭ روھىي ھالىتى ياخشى بولسا، ئۆزىنى ياش چاغلايدۇ››، كوممۇنىستلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى بەلگىلەيدىغىنى ئەزەلدىن ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى بولماستىن، بەلكى بۇرچنىڭ كۈچىدىن ئىبارەت. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مۇساپىسىگە، زامانىۋى قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ 100 يىللىق نىشانىغا، مىللىي گۈللىنىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا يۈزلىنىش ئۈچۈن، مەڭگۈ خەلقنىڭ چاكىرى، دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولغاندىلا، ئاندىن ھەرخىل بوران – چاپقۇنلارنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بەرگىلى، تېخىمۇ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلانغىلى بولىدۇ؛ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلغاندىلا، پارتىيەمىز كۈرەش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىلگىرىلەش داۋامىدا ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالايدۇ.

  كۈرەش يولى ئۇزاق بولغاچقا، ئىرادىلىك ئادەملەر ۋاقىتنى قەدىرلەيدۇ. 2021 – يىلى بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلاشتا، 100 يىل پەقەت مۇقەددىمە، خالاس. تېخىمۇ كۆپ غەلىبىلەر بىزنى كۈتمەكتە، تېخىمۇ چوڭ ۋەزىپە بىزنىڭ تاماملىشىمىزنى كۈتمەكتە. مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلمايدىغان روھىي ھالەت ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان كۈرەش ھالىتىنى ساقلىساق، بىزنىڭ بۇ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەمىز چوقۇم تارىخىي مۇساپىدە مىللىي گۈللىنىشنىڭ تېخىمۇ ئۇلۇغۋار سەھىپىسىنى يارىتالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى