تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قاقاس چۆلدىكى ‹‹يېشىل كارىدور››

  مۇخبىرىمىز مۇيەسسەرئاباھامىت

  مەكىت ناھىيەسىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى قۇم بارخانلىرى قورشاپ تۇرىدۇ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى يەتتە كىلومېتىرلا كېلىدىغان بولغاچقا، دائىم قۇم – بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2012 – يىلى 1 مىليون مولۇق قۇم – بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمان بازىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ناھىيە خەلقىنى سەپەرۋەر قىلىپ، قۇم – بوراننى تىزگىنلەش كۈرىشىگە ئاتلانغانىدى. بۇ يىل پىلاندىكى 300 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، قاقاس چۆلدە بوستانلىق بەرپا قىلىندى. مەكىت خەلقى بەش يىل تىرىشىپ، تەكلىماكاننىڭ چېتىدە 300 مىڭ مو ‹‹يېشىل كارىدور›› بەرپا قىلدى.

  بۇ ناھىيە 2012 – يىلىدىن ئېتىبارەن ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدە شەرقتىن غەربكىچە كەڭلىكى 20 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە 50 كىلومېتىر كېلىدىغان 1 مىليون مولۇق قۇم – بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمان بازىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغانىدى، بۇ جايلارنىڭ تۇپرىقى قۇم ۋە شورلۇق بولغاچقا، كۆچەتلەرنى ئەي قىلىش ئاسانغا توختىمىدى. دەسلەپتە كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن كۆچەت تىكىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تەجرىبە ئىشلەپ، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى. جىگدە، تېرەك، جىغان، سۆكسۆك قاتارلىق قۇرغاقچىلىق، شورلۇققا چىداملىق كۆچەتلەرنى تىكىپ، قۇدۇق قېزىپ تېمىتىپ سۇغىرىش ئۇسۇلىنى قوللانغاچقا، كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى يىلمۇيىل ئاشتى. داۋاملىق سۇغىرىش ۋە ئوغۇتلاش، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئورەك كولاپ، ئورگانىك ئوغۇت، كۈل كۆمۈپ، ھەر بىر تۈپ كۆچەت يىلتىزىنىڭ ئوغۇت، سۇغا قېنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى، كۆچەتلەرنىڭ يىلتىز قىسمىغا ئېگىزلىكى 70 سانتىمېتىر، دىيامېتىرى 35 سانتىمېتىر كېلىدىغان سىم تور يۆگەپ، ھاشارات زىيىنىنى ئازايتتى. مەكىت خەلقىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسراپ، تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، ھازىر 160 مىليون تۈپ كۆچەتنىڭ تۇتۇش نىسبىتى %90تىن ئاشتى.

  2016 – يىلى كۈزدىن بۇ يىل ئەتىيازغىچە ناھىيە بويىچە 120 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىندى. ئاساسلىقى شورغا ۋە قۇرغاقچىلىققا چىداملىق سۆكسۆك كۆچىتى تىكىلدى. سۆكسۆك بىلەن قۇمنى تىزگىنلىگىلى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغىلى بولۇپلا قالماي، ئىككى يىل پەرۋىش قىلغاندىن كېيىن، سۆكسۆككە توشقانزەدىكى ئۇلاپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يول ئاچقىلى بولغاچقا، ناھىيە 2020 – يىلىغىچە ئورمان بەرپا قىلىش بازىسىدىكى 150 مىڭ مو سۆكسۆككە توشقانزەدىكى ئۇلاشنى پىلانلىدى.مەكىت ناھىيەسى ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى، چاڭ – توزانمۇ كۆرۈنەرلىك ئازايدى. قۇدۇق قېزىپ تېمىتىپ سۇغىرىلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان توغراقلىق ياخشى قوغدىلىپ، قۇملۇق بوستانلىققا ئايلىنىپ، ناھىيەدىكى ئاممىغا بەخت يارىتىلدى.

  ــ 2010 – يىلى ناھىيەدە قۇم – بورانلىق ھاۋارايى 109 كۈن داۋاملاشقانىدى، بۇلتۇر 40 نەچچە كۈنگە چۈشۈپ، قۇم – بوران ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى. بۇنىڭدىن كېيىن ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئورمان كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ ۋە كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، يۇرتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز، قۇم – بورانلىق ھاۋارايى بىلەن تەلتۆكۈس خوشلىشىپ، كۆك ئاسمان، ياپيېشىل ئورمان ۋە توغراقلىقلار، كەڭرى كەتكەن تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت ئەۋزەللىكلىرىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت – ساياھەت ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى مەكىتكە جەلپ قىلىمىز،- دېدى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابدۇغېنى جۈمە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ