تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

‹‹19–قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز››

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇسالام نىياز، دىلدار ئابدۇساتتار خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىكى كادىرلار قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى نامراتلارنى يۆلەشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا ھەممىدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلدى.

  دوكلاتتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىز ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىقنى ئۈزۈل – كېسىل تۈگىتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىكى كادىرلار 19 – قۇرۇلتاينىڭ روھى بويىچە خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، 2017 – يىللىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئەھۋالى، سۈپەت ئۆتكىلى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەتتى.

  ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: قۇرۇلتايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشتا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن دۆلەت، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. مەن نامراتلارنى يۆلەش خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئاساسىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››سىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تۈرلەرنى ئادىل، ئاشكارا يولغا قويىمەن. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، بارلىق نامرات ئائىلىنى نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ناھىيەمىزنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بۇ يىل نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى يادرولۇق سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ‹‹بەش بىر تۈركۈم››، ‹‹ئالتە دەل جايىدا بولۇش››نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹12468›› خىزمەت مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەشنى مەركەزلەشتۈرۈش، بەش بىلەن خوشلىشىش››نى يولغا قويۇپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا ماكانلاشتۇرۇش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. 2016 – يىلى 23 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىشى، 6066 ئائىلە، 20 مىڭ 72 ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چۈنكۈن مۇنداق دېدى: بېسىم بولغاندا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولىدۇ، مەسئۇلىيەت بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئەمەلىي خىزمىتىمىزگە يېتەكچى قىلىپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىپ ئىشلەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تولۇق ئورۇنداپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ