ئاياللار كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە سەزگۈر، سەپرا مىجەز بولۇپ قالىدۇ، كېچىسى ئۇخلىيالمايدۇ، بۇ تۇرمۇش ۋە خىزمەت سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنداقتا بۇ مەزگىلدىكى ئاياللار كەيپىياتىنى قانداق تەڭشىشى كېرەك؟
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىچ مىجەز ئاياللار كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە ئاسانلا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن، ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالىمايدىكەن، شۇڭا كومېدىيەلىك فىلىملەرنى كۆرۈش ئارقىلىق كەيپىياتىنى كۆتۈرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن. كومېدىيەلىك فىلىملەردىكى يۇمۇرىستىك سۆز-ھەرىكەتلەر ناچار كەيپىياتنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ئىكەن.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى