تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

گۈزەل تۇرمۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنايلى

  ــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونى سودا–سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا (4)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. خەلقنى يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىش ـــ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن – ئاخىر ئېغىشمايدىغان كۈرەش نىشانى؛ خەلقنىڭ بەخت – سائادەت تۇيغۇسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش ـــ جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ تۈپ مەقسىتى. رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا – سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا دۇنياغا جۇڭگونىڭ ‹‹خەلقنى مەركەز قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغانلىقى››نى جاكارلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى كۈچلۈك ئىپادىلەپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

  ‹‹جۇڭگونىڭ غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى ئەڭ يادرولۇق <ئاچقۇچ> دەل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى چۈشەنگەنلىكىدە››. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ‹‹ئاچقۇچى›› توغرىسىدىكى ئىزدىنىشى بۇ قېتىمقى ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا – سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا يەنە بىر قېتىم دەلىللەندى. ئوچۇق، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان بازارنى چوڭايتىپ، مەنپەئەتتىن ھەمبەھرىلىنىش زەنجىرىنى ئۇزارتىشىمىز؛ سىغدۇرۇشچان، ھەمبەھرە قارىشىنى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، ئۈنۈمنى تەكىتلەپ، ئادىللىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمىنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىشىمىز؛ مائارىپ، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىق، كىرىم پەرقى چوڭىيىپ كېتىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز؛ ئاجىز ئاممىنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسىپ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك... رەئىس شى جىنپىڭ خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.

  تەرەققىيات ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى، خەلق دۇنيا تارىخىنى ياراتقۇچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ھازىر ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسى تەتۈر قۇيۇنغا دۇچ كەلدى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، تەرەققىياتتىكى سىغدۇرۇشچانلىقنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدا. ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان قاتلامدىكىلەرنى تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرۈش، ھەممەيلەنگە پۇرسەت يارىتىپ، نەتىجىلەردىن بەھرىلەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچ سىغدۇرۇشچانلىقنى ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا. ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش بىلەن بىللە، شەھەر – بازارلاردا ھەر يىلى يېڭىدىن 13 مىليوندىن كۆپرەك يېڭى ئىش ئورنى يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنياغا بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادىللىق بىلەن ئۈنۈم، كاپىتال بىلەن ئەمگەك، تېخنىكا بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ كىشىنى كەسىپ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغىلى، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۈچۈن تولۇق ئايلىنىش بوشلۇقى ياراتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم ئىلھام بەردى.

  ‹‹يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىمۇ، داۋاملىق ئىلگىرىلەش كېرەك›› پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. خەلقنى مەركەز قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندۇق، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللاشتۇرۇش كېرەك؛ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىغا يېتىمىز. ‹‹ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمايمىز!›› باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان سۆزلىرى، جۇڭگونىڭ يېڭى مۇساپىدىكى قىممەت كوردىناتىدۇر.

  خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسى ئابستراكت، سىرلىق ئۇقۇم ئەمەس، ئېغىزدىلا، ئىدىيە ھالقىسىدىلا توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بەلكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا نامايان قىلىش كېرەك. بىز قۇرماقچى بولغان زامانىۋىلىشىش ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ياشايدىغان زامانىۋىلىشىشتۇر، ھەم تېخىمۇ كۆپ ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىمىز، ھەم تېخىمۇ كۆپ، سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىمىز كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشتا، جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى يولغا قويىدۇ. توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قەتئىي بوشاشماي داۋاملاشتۇرساقلا، ئىنسانلار ياشايدىغان ئورتاق يۇرت – ماكاننى ياخشى قوغداپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ ياخشى بەھرىلەندۈرۈپ، ئەۋلادلارغا بەخت يارىتالايمىز.

  ‹‹ئەل ئامان، جاھان تىنچ››، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى تېخىمۇ ئېشىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيگەن، دۇنيا بىلەن بولغان ھەمتۈرتكىلىكى تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان جۇڭگو ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى