تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ساقچىلارغا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى

  مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى 8 - ئەترىتى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگو بازىرى فاڭجياجۇاڭ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خەي جۈنى تەكلىپ قىلىپ، ساقچىلارغا بىر مەيدان لېكسىيە ئورۇنلاشتۇردى.

  خەي جۈ ساقچىلارغا «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى»، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى»، «ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى»، «ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ باشلانغانلىقى» قاتارلىق پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىكى ئەڭ يېڭى بايانلارنى چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ جەلپ قىلارلىق ۋە چۈشىنىشلىك لېكسىيەسىنى ئاڭلىغان ساقچىلار ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.

  لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىغا بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى. ساقچىلار بىردەك، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان تايانچ كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر ۋاقىت خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  46 ياشلىق خەي جۈ ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە «8 - مارت قىزىل بايراقدارى»، «ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىش باشلامچىسى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرىمەن، بولۇپمۇ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى، كەنت ئاھالىلىرى يىغىنلىرىدا، ئۆيلەرگە كىرىپ نوپۇس تىزىملاش جەريانىدا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەڭ ئاساسىي قاتلامغىچە ئىزچىللاشتۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل