تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىمەن»

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خاۋ جىڭ

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جىخۇەي مۇنداق دېدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ئوبدان يولغا قويۇپ، ئىتتىپاق- ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تۆھپە قوشىمىز.

  ئۇنىڭ لېكسىيەسى تۈگىگەندىن كېيىن، نەق مەيداندا ئۇزاققىچە گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  11- ئاينىڭ 3- كۈنى، قومۇل شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەلەمپەيسىمان سىنىپى ئادەم بىلەن لىق تولغانىدى، قومۇل شەھىرىگە بىۋاسىتە قاراشلىق مەكتەپ، ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى ليۇ جىخۇەينىڭ لېكسىيەسىنى نەق مەيداندا ئاڭلىدى. كۆپچىلىك ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى. لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا، ليۇ جىخۈەي كۆپچىلىككە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىكى تەنتەنىلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ئۆزىنىڭ 19- قۇرۇلتاي دوكلاتى، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە)»نى ئۆگىنىش ھېسسىياتى ۋە تەسىراتىنى سۆزلىدى ھەم قانداق قىلغاندا 19- قۇرۇلتاي روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلغىلى، ئىزچىللاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ليۇ جىخۇەي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشالىغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم ۋە ئىپتىخارلاندىم، بۇ بەش يىلدىن بۇيان قومۇلنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ناھايىتى زور بولۇپ، قومۇل يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىگە، ئۇلتىرا يۇقىرى بېسىملىق توك دەۋرىگە، پورتلاردا يىل بويى تاموژنىدىن ئۆتكىلى بولۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشلامچىلىقىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پارتىيە بىزنى داۋاملىق قايتا گۈللىنىشكە باشلاپ، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ئۇل قۇرۇلۇش، مائارىپ ئىشىلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ئوبدان يولغا قويۇش شەرت. ليۇ جىخۈەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالدى بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بارلىق مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى يېڭى ئىدىيە بىلەن قوراللاندۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. مائارىپ ئىشىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ «ئومۇميۈزلۈك، ئىجادىي»، «چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك» بولۇش ئۆلچىمى بويىچە، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ چىقىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىككى باسقۇچ»لۇق كۈرەش نىشانى بويىچە، مائارىپتا چوڭ دۆلەت بولۇشتىن مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى ئالدىن پىلانلاپ، ئالدىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ سېپىدە پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ليۇ جىخۇەي مۇنداق دېدى: مەن قومۇلدىكى ھەرقايسى ناھىيە (رايون)، ئورۇنلارغا بېرىپ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ھەربىر پۇقرانىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، كۆپچىلىككە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە بولغان غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرىمەن ھەم بۇلاردىن كۈچكە ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۆز كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

  قومۇل پېداگوگىكا مەكتىپى ئوقۇتۇش كافېدراسىنىڭ مۇدىرى چېن چۈنمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ليۇ جىخۇەينىڭ لېكسىيەسى چوڭقۇر ۋە كەڭ قاتلاملىق بولۇپ، زور تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە بولدى. بىز بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش ئارقىلىق پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچى قىلىپ، مائارىپ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى