تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش مەجبۇرىيىتىم بار»

  گېزىتىمىزنىڭ تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن فەن چۈنخەي

  «شىنجاڭ ئۆتكەن بەش يىلدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلدى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەممەيلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. كۆپچىلىك يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسەكلا، كۈنىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ...». پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى غەربىي قىسىم ئالتۇن قاراماي «خاتۇ» ئالتۇن كېنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى رۇڭ شۆلىڭنىڭ 11- ئاينىڭ 2 -كۈنى سۆزلىگەن لېكسىيەسى نەق مەيداندىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىن خىزمەت ئورنىغا قايتقان رۇڭ شۆلىڭ مەھەللە، كەنت گۇرۇپپىلىرىغا بېرىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشنى باشلىۋەتتى. رۇڭ شۆلىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش مەجبۇرىيىتىم بار، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۆپچىلىك بىر مەقسەتتە ھەمكارلاشساقلا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

  شۇ كۈنى رۇڭ شۆلىڭ تولى ناھىيەسىنىڭ دولاتى يېزىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەندە، ئاقبېلدىۋ يېزىسىنىڭ يېزا دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى نازىخان ئالايىتەن لېكسىيەنى ئاڭلىغىلى كەلدى. لېكسىيە ئاياغلاشقاندا، ئۇ رۇڭ شۆلىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ مۇنداق دېدى: مەنمۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، لېكسىيەيىڭىزنى ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. كەنتكە قايتقاندىن كېيىن، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىغا 19- قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىمەن ھەمدە ھەممە ئائىلىگىچە يەتكۈزىمەن.

  ئۇنىڭدىن كېيىن، رۇڭ شۆلىڭ يەنە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى سەيدۇللانىڭ ئۆيىگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى، ئۇ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش» توغرىسىدا سۆزلىگەندە، نەق مەيداندىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى قىزغىن بولدى، كۆپچىلىك قىزغىن ئالقىشلىرى بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

  رۇڭ شۆلىڭ ھەر قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەندە چوڭقۇر ھېسسيات بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: بىز پايتەخت بېيجىڭدىن يىراقتا بولساقمۇ، لېكىن قەلبىمىز مەڭگۈ بېيجىڭ بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ باغلانغان. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، بىز ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشىمىز كېرەك. مەن چارۋىچىلىق رايونى، كارخانا قاتارلىق جايلارغا داۋاملىق چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ