تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىغا تېز يەتكۈزىمەن»

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ ۋېي، ۋۇ دەن

  «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىشىمىز، ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك».

  «ئادەتتىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىسىدىن يەسلى باشلىقىغىچە، ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىدىن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇشقىچە پارتىيەنىڭ ئىزچىل غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلمىدىم. بېيجىڭدا قۇرۇلتايغا قاتناشقان مەزگىلدىكى ھەر بىر ئىش ئېسىمدىن چىقمايدۇ، ھەر بىر مەنزىرە مېنى تەسىرلەندۈردى، بولۇپمۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنى مېنى ئىنتايىن روھلاندۇردى».

  11- ئاينىڭ 3- كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسى ئاقچى بازىرىنىڭ يىغىن زالىدا ئالقىش سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاقچى ناھىيەلىك 3- يەسلىنىڭ باشلىقى گۈلزىنات توقۇن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەۋاتاتتى، ئۇ كۆپچىلىككە بىر تەرەپتىن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغان چاغدىكى تەنتەنىلىك ئەھۋالنى جانلىق سۈرەتلەپ بەرسە، بىر تەرەپتىن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈۋاتاتتى، يىغىن زالىدىكى 500 نەچچە كادىر، ئاممىنىڭ ھەممىسى روھلىنىپ كەتكەنىدى.

  10- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ ئەمدىلا ئاقچى ناھىيەسىگە قايتىپ كەلگەن گۈلزىنات توقۇن كەنت- بازارلارغا، مەھەللىلەرگە بېرىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەتراپتىكى ئاممىغا دەرھال تەشۋىق قىلىشىم، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەر بىر ئاقچىلىقنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزۈشۈم كېرەك.

  گۈلزىنات توقۇن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى يېزىپ توشقۇزۇۋەتكەن دەپتىرىنى ئېلىپ، تەسىراتىنى يول بويى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى. ئۇ تەشۋىق قىلغاچ، ئۈزۈلدۈرمەي سوئال سوراۋاتقان كادىرلار ۋە ئاممىغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىشتىن ساغلام جۇڭگو قۇرۇشقىچە بولغان ئىشلارنى قۇرۇلتايدىكى كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى، تەسىراتلىرى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەپسىلىي، چۈشىنىشلىك، جانلىق، ئاممىباب تىل بىلەن تەشۋىق قىلدى، نەق مەيداندىكى كەيپىيات قىزغىن بولدى، ئۇنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغان يېزا- بازار، كەنت كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە پۇقرا تەشۋىقاتچىلار ئىختىيارسىز چاۋاك چالدى.

  − گۈلزىنات توقۇننىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى باش تېما قىلىنغان لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندىم، مەن چوقۇم داۋاملىق ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قارابۇلاق يېزىسىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىتىمەن، − دېدى ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قارابۇلاق يېزىسى قارابۇلاق كەنتىدىكى نۇردۆلەت ھەسەنباي باش تېمىلىق لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھاياجانلىنىپ.

  بۇ يەرگە كېلىپ لېكسىيە ئاڭلىغان ئىسمايىل ھاجاخۇن گۈلزىنات توقۇنغا مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، يەر تېرىساق ياردەم پۇلى، داۋالانساق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، ھەر يىلى يەنە سالامەتلىكىمىزنى ھەقسىز تەكشۈرتەلەيمىز، بالىلىرىمىز مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بولدى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەنمۇ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەتراپىمدىكى دېھقان- چارۋىچى ئاممىغا يەتكۈزىمەن.

  ئاقچى ناھىيەلىك 3- يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ خەييەن گۈلزىنات توقۇننىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەمىز ئاساسىي قاتلام مائارىپ ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى، ئىلگىرى ناھىيەمىزدە ئىككىلا يەسلى بار ئىدى، ھازىر ناھىيە بازىرىدىكى يەسلى تۆتكە يەتتى، يېزا- بازارلاردىمۇ كەينى- كەينىدىن يېڭىدىن يەسلى قۇرۇلۇپ، بالىلار ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولدى، بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك.

  ھازىرغا قەدەر، گۈلزىنات توقۇن ئاقچى ناھىيەسىدىكى ئالتە يېزا- بازاردا 12 مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى، ئۇنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغانلار 3000دىن ئاشتى. گۈلزىنات توقۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: داۋاملىق ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېزدىن يەتكۈزىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە يەنىمۇ تىرىشىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاساسىي قاتلام يەسلى مائارىپى ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى