ئادەتتە تىلىنى چىشلىۋېلىش نورمال ئىش ھېسابلانسىمۇ، «ئۈچ يۇقىرى»لارغا نىسبەتەن كېسەلنىڭ بېشارىتىدۇر. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دائىم تىلنى چىشلىۋېلىش، ئىنچىكە ھەرىكەتلەرنى قىلالماسلىق قاتارلىقلار لاكۇنا خاراكتېرلىك مېڭە توسۇلۇش كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى بېشارىتى ئىكەن. سەۋەبى مېڭە قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مەركىزىي نېرۋىلار سەزگۈرلۈكىنى يوقىتىپ، بىماردا دائىم تىلىنى چىشلىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرىلارنىڭ لاكۇنا خاراكتېرلىك مېڭە توسۇلۇش كېسىەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولۇپ، بىماردا پەقەت تىلىنى چىشلىۋېلىش، ئىنچىكە ھەرىكەتلەرنى قىلالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. ناۋادا بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بۇ كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنى ۋاقتىدا بايقىمىغاندا، داۋالاش پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، كېسەللىك ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن.
مېڭە توسۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان %70 بىماردا يۇقىرىقى ئالامەتلەردىن باشقا، باش قېيىش، باش ئاغرىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئۇيقۇسىزلىق، قول-پۇتى ئۇيۇشۇش قاتارلىقلار ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى