تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىشكە تۆھپە قوشىمىز››

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شا لۇ

  شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ئېغىر نېفىت ئېچىش شىركىتى نېفىت ئېلىش مەشغۇلاتى 5 – رايونى 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى ئاچتى، 19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى روزىمەمەت باقى ئاساسىي قاتلامدىكى 50 تىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىرغا لېكسىيە سۆزلىدى.

  روزىمەمەت باقى لېكسىيەسىدە كۆپچىلىككە 19 – قۇرۇلتاينىڭ داغدۇغىلىق ئېچىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۆزلىدى، قۇرۇلتايغا قاتناشقاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلدى، مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

  روزىمەمەت باقى مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم، شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، نېفىت روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، 19 – قۇرۇلتاي روھىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچۇمنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا يېتىش ۋە شىنجاڭ نېفىتلىكىنى زامانىۋىلاشقان چوڭ نېفىتلىك، گازلىق قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمەن.

  ئىشچى جانارگۈل پولات لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنلىرىمىز بولمىغان بولاتتى. بىز 19 – قۇرۇلتاي روھىنى قەتئىي ياخشى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئىشچى مېڭ يەنچۇڭ لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ياشلار گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار قۇدرەت تاپسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ياش گېئولوگىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، شىركەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى نىشان قىلىپ، نېفىتلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ياشلاردا بولۇشقا تېگىشلىك تىرىشچانلىقىمنى كۆرسىتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى