تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹19–قۇرۇلتاي روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش شەرەپلىك بۇرچۇم››

  مۇخبىرىمىز گەي يۇجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياۋ جىۋېن

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شۈدۇڭ 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جېبىكى بازىرى جاڭبا كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. باش شۇجى دوكلات بەرگەندە پۈتۈن مەيداندا 70 نەچچە قېتىم ئالقىش ياڭرىدى، ھەر قېتىملىق ئالقىش ساداسى چىن قەلبىمىزدىن چىققان.

  ما شۈدۇڭ 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى بېيجىڭدىن قايتىپ خىزمەت ئورنىغا كەلگەندىن كېيىن، دەرھال دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى، مەكتەپ، كارخانا، ھەربىي گازارما، دوختۇرخانا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، 19 – قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل تەشۋىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 19 – قۇرۇلتاي غەلىبىلىك يېپىلدى، لېكىن پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق، 19 – قۇرۇلتاي روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش مېنىڭ شەرەپلىك بۇرچۇم.

  جاڭبا كەنتى جامبۇلاق مەنزىرە رايونى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەنت بويىچە ساياھەتچىلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەچكە، 2016 – يىلى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ما شۈدۇڭ 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بۇ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە 19 – قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگەنگەندە مۇنداق دېدى: 19 – قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ‹‹جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل›› ناملىق چوڭ تىپتىكى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق، بەش يىلدىن بۇيان پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھاياجانلاندۇق.

  ما شۈدۇڭ مۇنداق دېدى: كۆرگەزمىدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل كەنت دوختۇرى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جېبىكى بازىرىدىكى شەمەينىڭ چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈۋاتقان ئىش – ئىزلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتنى كۆرۈپ ئىنتايىن پەخىرلەندىم. جاڭبا كەنتىدىكى كادىرلار، ئامما 19 – قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، ئىشىنىمەنكى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

  ما شۈدۇڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى كارخانىلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: 19 – قۇرۇلتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېڭىلىق يارىتىش، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. كارخانىلار نۆۋەتتىكى تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىپ، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي گەۋدىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شىنجاڭ ‹‹لەنشەن تۈنخې›› ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لياۋ پېڭ مۇنداق دېدى: ما شۇجى شىركىتىمىزگە كېلىپ 19 – قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلدى، بىز ئەمەلىي گەۋدە ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ تولۇق چۈشەندۇق. بىز پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مۇھىت ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىنچىكە خىمىيە سانائىتىنى خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، دۇنيا خاراكتېرلىك رىقابەتكە قاتنىشىمىز.

  ھازىرغىچە، ما شۈدۇڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ھەرقايسى قاتلام بويىچە 17 مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە گۇچۇڭ ناھىيەسى 19 – قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پائالىيىتىنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، 19 – قۇرۇلتاي روھىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ كېلەر يىللىق خىزمىتىنى پىلانلاپ، 19 – قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىگە سىڭدۈرۈپ، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى چوڭقۇر قاتلامدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى