تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

كۈز پەسلىدە ھامىلىدار ئاياللار قەۋزىيەتتىن قانداق ساقلىنىشى كېرەك؟

  قەۋزىيەت بولسا ھامىلىدار ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى، كۈزدە ھاۋا قۇرغاق بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى خىلىتلار ئاسانلا زەخىملىنىدۇ. خىلىت زەخىملەنگەندىن كېيىن، قەۋزىيەت ئالامىتى ئاسان پەيدا بولىدۇ ياكى ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭا كۈز پەسلىدە ھامىلىدار ئاياللار يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئارقىلىق قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  ھامىلىدار ئاياللار كۈز پەسلىدە نەشپۈت، ئاق مور، گۈلسامساق، پىچەكگۈل، نېلۇپەر، شېكەر قومۇشى قاتارلىق بىر قىسىم ھۆل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق مۇئەننەسلىكنى قۇۋۋەتلەپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىپ، قارا ئاشلىق ۋە يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ خىل يېمەكلىكلەر تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. كۈز پەسلىدە بولسا مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار مول بولىدۇ، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يېمەكلىك تالاسىنى تولۇقلايدۇ، شۇنداقلا بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار ھامىلىدار ئاياللار ۋە بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولىدۇ. بۇنىڭدا كەرەپشە، پالەك قاتارلىق قېنىق يېشىل رەڭدىكى كۆكتاتلارنى ئاساس قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىشكە بولىدۇ. ئاساسىي يېمەكلىكلەردىن قارا ئاشلىق ئۇمىچى ياكى بۇغداي ھورنېنى، تاتلىقياڭيۇ، ياڭيۇ قاتارلىق قارا ئاشلىق ۋە ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ياخشى تاللاش بولالايدۇ.

  بۇ يېمەكلىكلەر يېمەكلىك تالاسى، ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ، تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلايدۇ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىيابېت كېسىلىگە ياكى شېكەرگە چىدامچانلىقى زىيانغا ئۇچرىغان ھامىلىدار ئاياللارغىمۇ پايدا قىلىدۇ.

  ئەگەر بەدەن شارائىتى يار بەرسە، ھامىلىدار ئاياللار مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېتەرلىك سۇ ئېچىپ بەرگەندىمۇ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار چوڭ تەرەتتە قىينالسا، قورسىقى ئاغرىپ كۆپسە، بىئارام بولۇپ تەشۋىشلەنسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ