تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تارىخىي ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قايتا گۈللىنىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

  − يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش خاتىرىسى

  ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يىراق سەپىرىدە يەنە بىر يېپيېڭى يول ئېچىلدى −

  2017- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ 2300 دىن ئارتۇق ۋەكىلى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەركىزىي كومىتېتنىڭ 376 ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 133 ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى.

  بۇ، 89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، بۇ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئۈمىدى.

  كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ئېغىر ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش

  −يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت»نىڭ كادىرلار ئىشلىرى تەييارلىق خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 100 يىللىق قايتا گۈللىنىش تارىخىغا نەزەر سالساق، جىددىي پەيت ھەمىشە بىرقانچە قەدەمدىن ئىبارەت.

  ھازىر بىز مۇشۇنداق يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز−

  كېيىنكى بەش يىل − «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش مەزگىلى. ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، ھەم پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش كېرەك.

  ئارزۇ ئالدىمىزدا، ئالدىمىزدىكى يول تەكشى ئەمەس.

  كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش يەنىلا ئۇزاق مۇددەتلىك مۈشكۈل تارىخىي ۋەزىپە، يەنىلا نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغۋار كۈرەش قىلىشقا، يەنىلا «قارلىق تاغدىن ھالقىش»، «سازلىقتىن ئۆتۈش»كە توغرا كېلىدۇ.

  دۇنياغا نەزەر سالساق، بىز 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن چوڭ ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولماقتا، دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر تەڭشىلىش باسقۇچىغا كىردى، تاشقى مۇھىت ئىنتايىن مۇرەككەپ.

  «يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيەمىزنىڭ <ئىرادىمىزنى چىڭىتساق چىڭىتىمىزكى، بوشاشتۇرۇپ قويمايمىز، ھەرقانداق خەۋپ- خەتەردىن قورقماي ئالغا ئىلگىرىلەيمىز>نى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا كۈچلۈك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى بولۇشى شەرت». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى تولىمۇ قەتئىي ۋە كۈچلۈك ئېيتىلغان.

  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىش پارتىيەگە باغلىق، ئادەمگە باغلىق.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت»نىڭ كادىرلار ئىشلىرى تەييارلىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يۈرۈش زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى.

  2016- يىلى 2- ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا 19- قۇرۇلتاينىڭ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى تەييارلىق خىزمىتى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىپ، 19- قۇرۇلتاي كادىرلارنى تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارار قىلىندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالدى.

  بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە مەركەزدىكى ئورۇنلار پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنىغا ئۈچ قېتىم قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بويىچە سەپەرۋەر ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى كۆپ قېتىم ئاڭلاپ، ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  كادىرلار خىزمىتىنى ياخشىلاش، كادىرلارنى ياخشى تاللاش، ياخشى ئىشلىتىش، بەنزە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ... باش شۇجى شى جىنپىڭ 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر شەرھلىدى، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 19- قۇرۇلتاينىڭ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى تەييارلىق خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە تۈپتىن كاپالەتلىك قىلدى.

  مۇشۇ ئاساستا، 2016- يىلى 6- ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «19- نۆۋەتلىك <ئىككى كومىتېت> كادىرلار ئىشلىرى تەييارلىق خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت»قا قويۇلىدىغان ئومۇمىي تەلەپ ۋە نامزاتلارنىڭ شەرتلىرى، قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار ھەققىدە ئېنىق پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئۈچ «كۆزلەش» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» كادىرلار ئىشلىرى تەييارلىق خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتەك ھەيۋەتلىك ئەندىزىسىنى نامايان قىلدى −

  ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆزلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش؛

  پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى كۆزلەپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش؛

  پارتىيەنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم بولۇش، پارتىيەنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى كۆزلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چوقۇم پارتىيەنىڭ خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، سىياسىيونلار گۇرۇھى ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش، كادىرلار قوشۇنىنى «تۆتلەشتۈرۈش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئېتىقادى چىڭ بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تىرىشچان- ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، پاك- دىيانەتلىك بولۇشتەك ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. چوقۇم پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، يېقىنقى بىرنەچچە نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» كادىرلار ئىشلىرى تەييارلىق خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنى نامايان قىلىپ، نىشانغا يېتىش يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ بىر تۇتاش ئويلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش كېرەك.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. شۇڭا:

  − ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن قوراللىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سىياسىيونلار گۇرۇھى؛

  −ئىتتىپاقلىق، بىرلىكتە چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، جاسارەتلىك- ياراملىق، ئەمەلىيەتچىل، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، ئېسىل ئىستىلغا ئىگە، پاك- دىيانەتلىك، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىدىغان سىياسىيونلار گۇرۇھى؛

  −دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالايدىغان، تۈرلۈك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ۋە كۈرەش قىلىشقا ماھىر، پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشقا ماھىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسىيونلار گۇرۇھى بولۇش كېرەك.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىنمۇ ئوخشاشلا زور ئۈمىد كۈتتى −

  غايە- ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىل ئىجرا قىلىش، پارتىيە نىزامنامىسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش ۋە سادىقلىق بىلەن قوغداش؛ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەشكە ماھىر بولۇش؛ پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك، ئادىل- دۇرۇس بولۇش، پىرىنسىپتا دادىل چىڭ تۇرۇش، باتۇرلۇق بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى پارتىيە نىزامنامىسىگە، پارتىيە قائىدىسىگە، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارغا ۋە ناتوغرا ئىستىللارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  يۇقىرىقى ئومۇمىي تەلەپ بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى نامزاتلىرىنى ماركسىزملىق سىياسىيونلار ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچەشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپتە «بەشتە باشلامچى بولۇش»نى تەكىتلىدى −

  ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا باشلامچىلىق بىلەن چىڭ تۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايىگە، بىر قەدەر يۇقىرى ماركسىزم- لېنىنىزم نەزەرىيە ساپاسىغا ئىگە بولۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىغا ئىگە بولۇش، پارتىيەگە سادىق بولۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش، سىياسىي جەھەتتە سەگەك، قەتئىي بولۇش، زور مەسىلىلەردە بايرىقى روشەن بولۇش، ھالقىلىق پەيتتە ۋە چوڭ ۋەقەلەردە بوران- چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش كېرەك؛

  يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەر خىل خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا، بىر قەدەر يۇقىرى كەسپىي سەۋىيەگە، مول ئەمەلىيەت تەجرىبىسىگە ۋە ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش، مۇھىم ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇش كېرەك؛

  پىرىنسىپتا باشلامچىلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئاكتىپ ئىشلەش، كۈچلۈك ئىنقىلابىي كەسىپچانلىققا ئىگە بولۇپ، خىزمەت ئورنىدا ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك؛

  پارتىيە نىزامنامىسىگە باشلامچىلىق بىلەن ھۆرمەت قىلىش، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، ئادىل- دۇرۇس بولۇش، كۆڭلى- كۆكسى كەڭ بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ بىللە ئىشلەشكە، يەنى ئۆزى بىلەن ئوخشاشمىغان پىكىردىكى يولداشلار بىلەن بىللە خىزمەت قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك؛

  پارتىيە ئىنتىزامىغا باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق رىئايە قىلىش، پاك- تەلەپچان بولۇش مىزانىغا رىئايە قىلىش، پاك- دىيانەتلىك بولۇش، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدا بىر قەدەر يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولۇش كېرەك.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلىدى −

  سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش كېرەك. مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى قائىدە- نىزاملىرىنى قەتئىي قوغداش، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، پارتىيە نىزامنامىسىگە، پارتىيە قائىدىسىگە، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ تۈرلۈك قىلمىش ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك؛

  سىياسەت سەۋىيەسى يۇقىرى، ئىنتىزام ئېڭى كۈچلۈك بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن- سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئىشلىرى خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇش، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا چېتىشلىق دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈستىگە ئېلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ كەسكىنلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقى ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك؛

  پاك- تەلەپچان بولۇش مىزانىغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئادىل- دۇرۇس بولۇش، پاك- دىيانەتلىك بولۇش، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدا بىر قەدەر يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولۇش كېرەك.

  2016- يىلى 7- ئايدا 19- قۇرۇلتاي كادىرلارنى تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «19- نۆۋەتلىك <ئىككى كومىتېت> نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇمىي لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، نامزاتلار سانىنى تەقسىم قىلىش، تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ قەدەم- باسقۇچلىرى ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

  مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە 2016- يىلى 7- ئايدىن 2017- يىلى 6- ئايغىچە 19- قۇرۇلتاي كادىرلارنى تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 46 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە 124 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، مەركەز پۇل مۇئامىلە كارخانىسى، بېيجىڭدىكى مەركەز كارخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى تەكشۈردى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتمۇ ئون تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى 29 چوڭ ئورۇن ۋە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئۇرۇش رايونى دەرىجىلىك تارماقلارنى تەكشۈردى.

  «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش، ئىسمىنى ئاتاش مەركەز بەلگىلىگەن تەرتىپ ۋە ئۇسۇل بويىچە ئېلىپ بېرىلدى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، «ئۇنىۋېرسال تەھلىل، تەتقىق قىلىپ، تەكشۈرىدىغان ئورۇننى بېكىتىش»، «سۆھبەت ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە كۆرسىتىپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنى بېكىتىش»، «چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، تاللاش ئوبيېكتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش»، «تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ، تەكلىپ ئىسىملىكنى ئوتتۇرىغا قويۇش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ باسقۇچتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، كادىرلارنىڭ ئەخلاقى، ئىقتىدارى، تىرىشچانلىقى، نەتىجىسى، پاك- دىيانەتلىك ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلدى.

  19- قۇرۇلتاي كادىرلارنى تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم يىغىن ئېچىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم يىغىن ئېچىپ، ھەرقايسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىنى بىرمۇبىر ئاڭلاپ، 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرى تەييارلىق نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى.

 يۇقىرى ئۆلچەم تۇرغۇزۇپ، تەلەپكە قاتتىق بويسۇنۇش
 − سىياسىي ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پاكلىق مەسىلىسىدە قەتئىي يول قويماي، سىياسىي ئۆتكەل ۋە پاكلىق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى

  ئادەم تاللاش، ئىشلىتىشتە، ئۆلچەم − ئاچقۇچ.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇشتا، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولۇش، ئەخلاق- پەزىلىتىگە قاراپ ئىشقا قويۇشتا، كەسىپنى ئەلا بىلىش، ئادىل، دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىشتىكى توغرا يۆنىلىش ۋە ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى:

  ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇشى، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاۋۋال پارتىيەگە سادىق بولۇشى؛ مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىيەتنى ئىگىلىشى، باشلامچىلىق بىلەن دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشى، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇشى، باشلامچىلىق بىلەن پاكلىق تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشى، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك...

  يېڭى بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، ئۇلۇغ قايتا گۈللىنىشكە يول باشلاشتا، جۇڭگو كەلگۈسىدە قانداق سىياسىيونلار گۇرۇھىغا موھتاج بولىدۇ؟

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئېغىر ۋەزىپىنى تاماملاشتا سىياسىيدا كۈچلۈك، كەسىپنى بىلىدىغان، ئىدارە قىلىشقا ماھىر، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، ئىستىلى دۇرۇس بىر تۈركۈم تايانچ رەھبىرىي كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  بۇنداق بىر تۈركۈم تايانچ رەھبىرىي كادىرلارنى تاللاشتا، جەزمەن سىياسىي ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىگەنلەرنى «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» كېرەك −

  سىياسىي مەسىلە ھەرقانداق ۋاقىتتا تۈپ خاراكتېرلىك چوڭ مەسىلىدۇر.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سىياسىي ساپانى تەكشۈرۈشنى مەۋھۇم تەكشۈرۈشتىن ئەمەلىي تەكشۈرۈشكە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت بىرقانچە مىزان»نى ئادەم تاللاشتىكى سىياسىي ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ» ئارقىلىق نامزاتلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى سىنىدى، سىياسىي مەيدانى، سىياسىي ئىرادىسى ۋە سىياسىي ئىنتىزامغا، سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىمىغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق ھىمايە قىلمىغانلار بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىندى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بولغان پوزىتسىيەسى مۈجمەل، ھەتتا ئۇنىڭدىن نارازى بولغان، باشقىچە يول تۇتقانلار بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىندى؛ ئىرادىسىز، سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش كۆرىدىغان، ئۆزىنى ئايايدىغان، ئاتالمىش «ئاڭلىق مۆتىۋەرلەر»، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلار بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىندى....

  نۇرغۇن يولداش بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە «قىزىل سىزىق» ۋە «قاتتىق بەلگىلىمە» چىقىرىلىپ، «سىياسىي ئۆتكەل»نىڭ چىڭ، پۇختا تۇتۇلغانلىقىنى، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچسىزلەرنىڭ تاللىنالمايلا قالماي، بەلكى قەتئىي تەڭشەپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانى مۇستەھكەم كادىرلار، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان كادىرلار، ئۆز ئورنىنىڭ ئىسلاھات ئىشلىرىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن كادىرلار ئۆز تالانتىنى كۆرسىتىپ، «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىردى.

  بۇنداق بىر تۈركۈم تايانچ رەھبىرىي كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشتە، جەزمەن پاكلىق مەسىلىسىدە «قىلچە يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، «چاتىقى بار تۇرۇپ نامزاتلىققا كۆرسىتىش»، «چاتىقى بار تۇرۇپ سايلىنىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  نامزاتلارنىڭ پاكلىق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ساپلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ قاتتىق پىرىنسىپى قىلىندى.

  ھەر بىر نامزاتنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى جەزمەن تەكشۈرۈش، خۇسۇسىي ئىشلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى جەزمەن دەلىللەش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پىكرىنى جەزمەن ئاڭلاش، يىپ ئۇچى كونكرېت، تەكشۈرگىلى بولىدىغان ئەرزىيەت- پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى جەزمەن ئېنىقلاش؛ كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش داۋامىدا ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋاللار، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش؛ كادىرلارنىڭ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنىمۇ ئىگىلەش قاتارلىقلار ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قاتمۇ قات ئۆتكەل ئارقىلىق پاكلىقنى تەكشۈرۈش قاتتىق چىڭىتىلدى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان گۇمانلىق نۇقتىلار ۋە ئىگىلىگەن يىپ ئۇچىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، بىرمۇ مەسىلە ۋە گۇمانلىق نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىدى.

  بەزىلەر مەلۇم بىر كادىرنىڭ قەدىمىي دەرەخنى ھويلىسىغا كۆچۈرۈۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغاندا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دەرھال نەق مەيداننى يوشۇرۇن تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتتى؛ بەزىلەر مەلۇم بىر كادىرنىڭ تېلېفون ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باشلىقى ئۈچۈن بېلەت توپلىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغاندا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئالاقىدار كىشى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم ئۆلكىلىك پارتكوم، تەشكىلات بۆلۈمىنى باشقا يوللار بىلەن كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە تەكلىپ قىلدى ...

  «لوپا ئەينەك»تە بىر قىسىم «چاتىقى » بار كادىرلار ئېنىقلاپ چىقىلدى.

  مەلۇم جايدا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خېلى نامى بار ئىككى كادىرنىڭ پاكلىق مەسىلىسىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى بارلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، كېڭەشتە ئۇلارنى كۆرسىتىش- پايدىلىنىش تىزىملىكىدىن قەتئىي چىقىرىپ تاشلىدى. تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بۇ ئىككى كادىر ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلغانلىقتىن، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى.

  بۇنداق بىر تۈركۈم تايانچ رەھبىرىي كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشتە، ئىشلارنى ئەلا بىلىش، ئىشلار ئارقىلىق ئادەم تاللاشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، نامزات ئۆتكىلىدە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئادەم تاللاش، ئىشلىتىشتىكى مەقسەت ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كادىرلارنىڭ ئەمەلىي خىزمەت ئىقتىدارىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئاساسىي قاتلامدا پۇختا چېنىققان، جاپالىق ئىش ئورنى ۋە جاپالىق رايونلاردا تاۋلانغان، خىزمەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان كادىرلارغا ئەھمىيەت بېرىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان ئىسلاھاتچى، ئەمەلىيەتچىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش، كەسپىي تەپەككۇرغا، كەسپىي ساپاغا، كەسپىي ئۇسۇلغا ئىگە، ئىقتىدارلىق، باشقۇرۇشقا ماھىر كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  مەلۇم جايدىكى بىر ئايال كادىر تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە ھەر تەرەپلىمە مۇھاكىمە قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىقتىدار، ساپاسىنىڭ «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىغا قويۇلغان تەلەپتىن يەنە مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىش ھەم يەرلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن قايتا- قايتا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى ئۇنى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزمەي، سىياسىي ساپاسى ياخشى، ئۇزاقتىن بۇيان جاپالىق رايوندا ئىشلىگەن، نەتىجىسى نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك كادىرنى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزگەن.

  ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە، ئىشقا قاراپ ئادەم تاللاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، قۇرۇلما، نىسبەتكىلا قاراشتەك كونا قاراش تۈگىتىلىپ، ئىختىساسلىقلارغا، كەسىپكە ئەھمىيەت بېرىشتەك يېڭى ئۆزگىرىش بارلىققا كەلتۈرۈلدى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدا نامزاتلارنى «سىياسىيون + مۇتەخەسسىس» بولۇش تەلىپى بويىچە تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەم ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇشقا پىششىق ياكى پىششىق ئەمەسلىكىگە، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر ياكى ماھىر ئەمەسلىكىگە، ھەم ئۇلارنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى بىلىم قاتلىمى ۋە كەسپىي ساپاغا ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىگە، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كەسكىن ھۆكۈم چىقىرىشتەك كەسپىي ئىقتىدارغا ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىگە قارىدى.

  سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك بولمىغانلار تەكشۈرۈشكە كىرگۈزۈلمىدى؛ پاكلىق جەھەتتە چاتىقى بارلار تەكشۈرۈشكە كىرگۈزۈلمىدى؛ ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئەمەسلەر تەكشۈرۈشكە كىرگۈزۈلمىدى.

  ئارتۇق نامزاتلىق تەكشۈرۈش، ئارتۇق نامزاتلىق تاللاش، ياخشىلار ئارىسىدىن مۇنەۋۋەرلەرنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، نامزاتلارنىڭ شەرتى ۋە نامزاتلىققا كۆرسىتىش سانى، قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئەھۋاللار ئۇنىۋېرسال نەزەرگە ئېلىنىپ، 152 نەپەر تەكشۈرۈش ئوبيېكتى تاللاش ئوبيېكتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىدى.

  كۆپچىلىك: بۇرۇنقىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۆتكەلنى ئىگىلەش تېخىمۇ قاتتىق، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولدى، 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىپلا قالماي، يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ئادەم تاللاش- ئىشلىتىشكە ئۆلچەم ھازىرلاپ بېرىلدى، كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن نىشان كۆرسىتىپ بېرىلدى، دەپ ئىنكاس قىلدى.

  «يىغىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش»، «سايلام بېلىتىگە بەلگە قويۇش»قا خاتىمە بېرىلدى
 − پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

  2016- يىلى 8- ئاينىڭ بېشىدا، مەلۇم ئۆلكىنىڭ بىر كادىرى 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش، كۆرسىتىشكە قاتنىشىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدى.

  بۇ كادىر بۇرۇنقى تەجرىبىسى بويىچە «يىغىنغا قاتنىشىش، ئاۋاز بېرىش»كە تەييارلىنىپ بارغان بولسىمۇ، ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يىغىنمۇ ئاچمىدى، ئاۋاز بېرىشكىمۇ تەشكىللىمىدى، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. تېخىمۇ ئويلىمىغان يەردىن چىققىنى شۇكى، سۆھبەت نامزاتلىققا كۆرسىتىش، بىرنەچچە ئېغىز قارىشىنى بايان قىلىشلا بولماستىن، بەلكى «ئىنتايىن چوڭقۇر بولدى، مەزمۇنىغا چەك قويۇلمىدى، ۋاقىتقىمۇ چەك قويۇلمىدى، سوئال ئىنتايىن تەپسىلىي، سەۋرچانلىق بىلەن سورالدى، سۆھبەت ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈچ سائەت داۋاملاشتى».

  «يىغىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش»، «سايلام بېلىتىگە بەلگە قويۇش»قا خاتىمە بېرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى چوڭقۇر سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئالدى، بۇ ئۆزگىرىش 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» كادىرلار ئىشلىرى تەييارلىق خىزمىتىدە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا مەركەزلىك ئىپادىلەندى.

  «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە كۆپ قېتىم قاتناشقان مەلۇم بىر يولداش تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇرۇن تەكشۈرۈش خىزمىتىدە بىرىنچى قەدەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملارنىڭ ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلىپ، ئاۋاز بېرىپ نامزاتلىققا كۆرسىتىلەتتى. بۇنداق «يىغىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش»، «سايلام بېلىتىگە بەلگە قويۇش» ئۇسۇلىدا كادىر تاللانغاندا، ئۇچۇر ئېنىق بولمىغاچقا، نۇرغۇن كىشى مۇناسىۋەت بېلىتى، ئادەمگەرچىلىك بېلىتى تاشلايدۇ، سايلانغانلارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر كادىرلاردىن بولۇشى ناتايىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، پارا بېرىپ سايلىنىشتەك نۇقسانلار كۆرۈلىدۇ، ھەتتا «زاكاز ھوقۇق»، «زاكاز مال» سودىسى قىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدا، دېموكراتىيەنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىرىپ، يۆنىلىشتىن تېيىپ كېتىدۇ. كادىرلار مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا، پارتىيە تەشكىلاتى مەسئۇلىيەتتىن قاچسا، پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ.

  بۇنداق مەسىلىلەرگە قارىتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2014- يىلى «پارتىيە- ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش- تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى بېسىپ تارقىتىپ، دېموكراتىك كۆرسىتىشنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى قايتا بېكىتتى: ئاۋازنى كېرەك قىلماسلىق ئەمەس، بەلكى ئاۋازغىلا ئېسىلىۋالماسلىق.

  19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» كادىرلار ئىشلىرى تەييارلىق خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىمىز، لېكىن سايلامدا ئاۋاز بېرىش بىلەنلا پارتىيە كادىر باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى قۇرۇق شەكىل قىلىپ قويۇشقا بولمايدۇ. «يىغىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش»، «سايلام بېلىتىگە بەلگە قويۇش»قا خاتىمە بېرىپ، ئادەم تاللاش- ئىشلىتىشتە، پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلنى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك.

  مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

  پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشتا ئىپادىلەندى − ئاۋۋال سۆھبەتلىشىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر ئېلىپ، پايدىلىنىش ئىسىملىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ئاندىن يىغىندا كۆرسىتىلدى.

  بىر كادىر ئىنكاس قىلىپ مۇنداق دېدى: نەچچە يۈز ئادەمنى چاقىرىپ، ھە- ھۇ دەپلا ئاۋاز بېرىدىغان سورۇنلار تۈگىدى، لېكىن سۆھبەتلىشىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى، سۆھبەتلىشىش مەزمۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىز بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىپ، بىزدىن كەڭ دائىرىدە، چوڭقۇر پىكىر ئالدى. بۇ، ھەقىقىي ئىسىم- فامىلىسى، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن نامزات كۆرسىتىش بولدى، سۆھبەتلىشىشكە قاتناشقانلار ئىلگىرىكى چاغلاردا يىغىندا نامزات كۆرسىتىشكە قاتناشقانلاردىن كۆپ بولدى.

  يەرلىكتە ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلغان مەلۇم بىر كادىر ئىنكاس قىلىپ مۇنداق دېدى: كادىرلارنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى تۇراقلىق، رەھبەرلەرنىڭ ئەتراپى ناھايىتى تىنچ، جەمئىيەتتە ئىنكاس ناھايىتى ياخشى بولدى. بۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كەلسىلا نامزات كۆرسىتىش يىغىنى ئېچىلىپ، ھەممە يەردە سۆز- چۆچەك تارقىلىپ، بەزى كادىرلار جىددىيلىشىپ قالاتتى. بۇ قېتىم سۆھبەتلىشىشكە قاتناشمىغان بولسام، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەسكەنمەن.

  پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشتا ئىپادىلەندى − سۆھبەتلىشىش تەكشۈرۈشنىڭ بىر ھالقىسىدىن پۈتكۈل جەريانىغا كېڭەيتىلدى، سۆھبەتلىشىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى ۋە جانلىقلىقى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى.

  «يىغىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش»، «سايلام بېلىتىگە بەلگە قويۇش»قا خاتىمە بېرىش دېموكراتىيەنى كېرەك قىلماسلىق بولماستىن، بەلكى دېموكراتىيەنىڭ چىنلىقى، ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنىڭ سۈپىتى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشتۇر.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئۆلكىدە 1500دىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم) سۆزلەشكەن، بۇ ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتنىشىپ نامزات كۆرسىتىدىغانلارنىڭ سانىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. ھەر قېتىملىق سۆھبەتلىشىشنىڭ رولىمۇ ئوخشاش بولمىغان، بەزىدە دىققەتنى نامزات كۆرسىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈشكە، بەزىدە سېلىشتۇرۇپ تاللاشقا، بەزىدە چوڭقۇرلاپ باھالاشقا، بەزىدە كونكرېت ھۆكۈم قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن.

  مەلۇم بىر پېشقەدەم يولداش مۇنداق دېدى: يەنئەندىكى چاغدا پارتىيە تەشكىلاتى كادىرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن كەچتە پانار چىراغنى كۆتۈرۈپ، تاغ- داۋان ئېشىپ كادىرلارنى تېپىپ سۆزلىشەتتى، سۆزلىشىش تاڭ ئاتقۇچە داۋاملىشاتتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىدىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەچكە، نۇرغۇن چاغلاردا تەشكىل كادىرلارنى تېپىپ كۈن- كۈنلەپ سۆھبەتلىشەتتى. ھازىر پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى يەنە ئەسلىگە كەلدى.

  پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش يەنە پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە بىلەن مەركەزلەشتۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە ئىپادىلەندى − ئادەم تاللاش جەريانىدا ھەم دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، ھەم دېموكراتىيە ئاساسىدا مەركەزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلدى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تولۇق پىكىر ئېلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان يىغىندا كۆرسىتىلىدىغان پايدىلانما ئىسىملىك 19- قۇرۇلتاي كادىرلارنى تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈشكە سۇنىلدى، بۇ، بىرىنچى قېتىملىق دېموكراتىيە ئاساسىدا مەركەزلەشتۈرۈش ھېسابلىنىدۇ؛ يىغىندا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە تەكشۈرۈش ئوبيېكتى دەسلەپكى نامزاتىنى يۇقىرىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىدى، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركەزلەشتۈرۈشتۇر.

  بۇنداق ئۇسۇل، قەدەم- باسقۇچ «دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيەنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى.

  مەلۇم ئۆلكىدىكى مەلۇم بىر كادىرنى تەكشۈرگەندە، بەزى يولداشلار ئۇنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاۋاز سانىغا قارىماي، قارىسىغا ھۆكۈم چىقارماي، چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ كادىرنىڭ كەسكىن خاراكتېرلىكلىكى، باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقمايدىغانلىقى، بۇلغىما چىقىرىدىغان 1100دىن ئارتۇق كىچىك كارخانا، ھۈنەرخانىنى بىر قېتىمدىلا تاقاشقا بۇيرۇغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك بەزى مەنپەئەتدار كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىغان.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكىدەك ئاۋۋال ئاۋاز بېرىپ كۆرسىتىش بويىچە بولغان بولسا، بۇ كادىر تەكشۈرۈش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلىشى مۇمكىن ئىدى.

  ھەم چىنلىققا ھۆرمەت قىلىندى، ھەم ئىسلاھ قىلىندى، ھەم يېڭىلىق يارىتىلدى، ھەم ئەقىل- پاراسەت تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، ھەم كىشىلەر قەلبى مايىل قىلىندى، كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق ئىنكاس قىلدى: تەكشۈرۈش خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى قارىشى، يېڭى تەلىپى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى كادىرلار خىزمىتىدىكى يېڭى تەجرىبىلەرنى تولۇق قوبۇل قىلدى، بۇ، دېموكراتىيە سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، ئادەم تاللاش سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىدۇر.

  ئادەمنى دەل جايىدا تاللاش، ئادەمنى ئىلمىي ئىشلىتىش

  − تەكشۈرۈش ئۇسۇل- چارىسىدە زور كۈچ بىلەن يېڭىلىق يارىتىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلار تاللاپ چىقىلدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىدىيە- پىكىر يولى، تەرتىپ- باسقۇچى، ئۇسۇل- چارىسىنى ياخشىلاپ، كادىرلارنى دەل جايىدا تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تەكشۈرۈش، كادىرلارنى توغرا ئىشلىتىش، ياخشى ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  قانداق قىلغاندا دەل جايىدا تەكشۈرگىلى، ئەمەلىي تەكشۈرگىلى بولىدۇ؟ باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: بىرىنچىدىن، چوڭقۇر، تەپسىلىي، كۆپ يول، كۆپ قاتلام، كۆپ تەرەپتىن ئەھۋال ئىگىلەش؛ ئىككىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك پەرقلەندۈرۈش، ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىمۇ، يېتەرسىزلىكىنىمۇ بىلىش، ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئىچىدىكى كەمچىللىكىنىمۇ، كەمچىللىكى ئىچىدىكى ئارتۇقچىلىقىنىمۇ بىلىش؛ ئۈچىنچىدىن، ئىشلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراش، ئىشلارنىڭ ئېھتىياجى، ئىش ئورنى تەلىپىنى كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 19- قۇرۇلتاي كادىرلارنى تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى دەل جايىدا، ئىلمىي ھالدا ئادەم تاللاش، ئىشلىتىشنى نىشان قىلىپ، پائال ئىزدىنىپ، بىر قاتار يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تەدبىرلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى.

  تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ھەم سۆھبەتلىشىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ھەم نەق مەيداندا تەكشۈرۈلدى.

  تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى راست گەپنى ئاڭلاش، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈشتۇر. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دىققەتنى بۇ نىشان تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلىدى.

  سۆھبەتلىشىشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى، سوئال ئىنچىكە تەييارلاندى، سۆھبەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى توغرا تېپىلدى؛ سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ۋاقىتقا چەك قويۇلمىدى، بەزىدە سۆھبەت ئىككى، ئۈچ سائەت داۋاملاشتى، بەزىدە سۆھبەت كۈندۈزى تۈگىمىسە، كەچتە داۋاملاشتۇرۇلدى؛ ئىدىيە جەھەتتە دېلىغۇل بولۇشتەك ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، خاتىرە دەپتەر يېپىپ قويۇلۇپ، كومپيۇتېر ئۆچۈرۈۋېتىلىپ، سۆھبەتلىشىشكە ئازادە مۇھىت يارىتىلدى...

  سۆھبەتلىشىشنىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىتىدە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشنى كېڭەيتىش- داۋاملاشتۇرۇش، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، نامزاتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى:

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر تاكسىغا ئولتۇرۇپ شەھەر كوچىلىرى، دۇكان، باغچە، مەيدانلارنى ئارىلىدى، شەھەر قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، كوچا- كويلاردا پاراڭلاشتى، نۇقتىلىق تۈرلەرنى كۆردى؛ يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە گۈزەل يېزا قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پىكىر ئالدى...

  كۆپچىلىك: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش، سۆھبەتلىشىش ئازادە، ئەمەلىي بولدى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەھۋالنى تەپسىلىي، ئەمەلىي ئىگىلىدى، بىزنىڭ راست گەپ قىلىش، كۆڭلىمىزدىكى گەپنى دېيىش مەسئۇلىيىتىمىز بار، دەپ ئىنكاس قىلدى.

  − تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ياخشىلاش، «سۈرەتكە تارتىش»تىن «سىنغا ئېلىش»قىچە.

  تەكشۈرۈش ماتېرىيالى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا تەكشۈرۈش خىزمىتى سەۋىيەسىنىڭ نامايەندىسى.

  تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى «ئىپادىلىنىشى تېخىمۇ جايىدا، مەزمۇنى تېخىمۇ كونكرېت، تىلى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك، ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەن» بولۇش تەلىپىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى «كەشتە تىكىش» ماھارىتىنى ئىشقا سالدى.

  بەزىلىرى نامزاتلارنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇچۇرى، خاس ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالاھىدىلىكلىرىنى توغرا يىغىنچاقلاپ، ئوبرازلىق سۈرەتلىدى؛ يەنە بەزىلىرى ئەمەلىيەت ئارقىلىق سۆزلەپ، كادىرلارنىڭ ئەخلاق- قابىلىيىتىنى تېخىمۇ چىن، كونكرېت، جانلىق ئىپادىلىدى.

  بەزى رەھبەرلەر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: تولىمۇ ئەينەن، دەل سۈرەتلىنىپتۇ، تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى كۆرۈپ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىكەن.

  − ئانالىز قىلىش، تەتقىق قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى كۆرۈش.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە كادىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىپادىسىنى نۇقتىلىق كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم كەسىپ تەرەققىياتىغا قاراش، ھەم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە قاراش؛ ھەم خىزمەتتىكى نەتىجىلىرىگە قاراش، ھەم سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقىغا قاراش؛ ھەم ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراش، ھەم تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قاراش؛ ھەم رەھبەرلىك بەنزىسى كوللېكتىپىغا قاراش، ھەم كادىرلارنىڭ شەخسىي ئىپادىسىگە قاراش؛ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق كادىرلارنى پەرق ئېتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ساپاسى، خىزمەت تەجرىبىسى، كەسپىي ساپاسى، ئەخلاق- پەزىلىتى، شۇنداقلا پۈتۈن بەنزىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش كېرەك.

  ھەرقايسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى «ئالماشتۇرۇش، سېلىشتۇرۇش، تەكرارلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، كادىرلارغا ئوبيېكتىپ، ئادىل باھا بەردى.

  بىر نامزاتنى تەكشۈرگەندە، بىر يولداش بۇ كادىرنىڭ خىزمەت كەچۈرمىشىنىڭ كۆپلۈكى، ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەشنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلغان. كوللېكتىپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى: بۇ كادىر ئىلگىرى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان ۋاقىتتا يېزىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغان؛ ھۆكۈمەتتە مۇئاۋىن رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىنمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تۇتۇپ، ئەسلىدىكى تەسەۋۋۇرى بويىچە ئىشلەپ ئۈنۈم ياراتقان، بۇ، ئۇنىڭ غەيرەتلىك ئىكەنلىكىنى، «مىخ قېقىش روھى»غا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، دەپ قارىغان.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىر تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا قارىتا ئوخشاشمىغان قاراشلارنى ئاڭلىغان. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كادىرلارغا مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، بىر تەرەپتىن، كۆپ تەرەپلىمە ئىسپات يىغىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلىپ، تەدرىجىي ئۇنىڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئوبرازلىق، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولغان، بەزى يولداشلارنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاشمىغان قاراشتا بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، بۇ كادىردا ساقلانغىنى خىزمەت ئۇسۇلىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى، پىرىنسىپ مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى يەكۈنلىگەن.

  بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش خىزمىتى ھەم پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەگە بولغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش، شۇنداقلا بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىنتىزام ئېڭى، قائىدە ئېڭىغا بولغان بىر قېتىملىق چېنىقتۇرۇش بولدى.

  ئىلگىرى لياۋنىڭ قاتارلىق جايلاردا سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنىڭ كۆرۈلگەنلىك ئەھۋالغا ئاساسەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ كەسكىن تەدبىر ئارقىلىق، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى مەركەزنىڭ تۈرلۈك ئىنتىزام- تەلەپلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قائىدىنى قەتئىي ئىجرا قىلدى؛ يۈز كېلەلمەسلىك روھىي ھالىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، «گىرۋەك توپ» ئويناش، «كۆرۈنمەس كىيىم» كىيىش، «چىراي ئۆزگەرتىش ئويۇنى» ئويناش قاتارلىق بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ خىلمۇخىل قىلمىشنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى.

  قايتا- قايتا تاللاش، قايتا- قايتا تاۋلاش.

  19- قۇرۇلتاي كادىرلارنى تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى دەل جايىدا، ئىلمىي چوڭقۇر تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇپ ئەلالىرىنى تاللاش ئارقىلىق 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنىڭ تاللاش ئوبيېكتىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. 2017- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرى تەييارلىق نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. 9- ئاينىڭ 29- كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرى تەييارلىق نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ھەم پارتىيە 19- قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى سايلىمىغا يوللاش قارار قىلىندى.

  جۇڭگوغا يول باشلاپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش

  − يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ساپاسى ياخشى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشىنىشىگە ئەرزىيدۇ

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئادەم ئىشلىتىش ھەممىدىن مۇھىم.

  مىللەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا يول باشلايدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەنە بىر قېتىم ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان سىياسىيونلار گۇرۇھىنى سايلاپ چىقتى.

  2017- يىلى 10- ئاينىڭ 20- كۈنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 2- قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى. 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ليۇ يۈنشەن 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى تەييارلىق نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ ئىسىملىكى ماقۇللىنىپ، بارلىق ۋەكىللەرنىڭ كېڭىشىشىگە سۇنۇلدى.

  يىغىن مەزگىلىدە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر نامزاتلارنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، غۇلغۇلا قىلىش، مۇزاكىرە قىلىشقا ئەستايىدىل قاتنىشىپ، پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھىنى نامايان قىلدى.

  ۋەكىللەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇنداق قارىدى: «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنى كۆرسىتىشتە دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئارزۇسى تولۇق مۇجەسسەملىنىپ، كەڭ ۋە پۇختا ئەلرايى ئاساسىغا ئىگە بولدى.

  ۋەكىللەر بۇ تەكلىپ ئىسىملىكىگە يۇقىرى باھا بېرىپ: بۇ تەكلىپ ئىسىملىكى ئەتراپلىق ئويلىشىلغان، خېلى پىشىپ يېتىلگەن لايىھە بولۇپ، تەييارلىق نامزاتلىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ياخشى، قۇرۇلمىسى ئىلمىي، مۇۋاپىق، بولۇپمۇ بۇ لايىھەگە ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىغا ئىگە بولغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان، خىزمەت ئورنىدا گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى ئاڭلىق ئەۋج ئالدۇرىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا ئىناۋىتى خېلى يۇقىرى بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كادىرلار تولۇقلاندى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ كەڭ ئۇيۇشۇشقاقلىقى ۋە كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىنى نامايان قىلدى، دەپ قارىدى.

  ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن نەچچە ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ۋەكىللەر مۇنداق كۆرسەتتى: 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى نۇرغۇن يولداش پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى مۇھىم بىلىپ، مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن چېكىنىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئىپادىلىدى. ۋەكىللەر ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ.

  يىغىن مەزگىلىدە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئۇسۇلىنى قوللىنىپ «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنىڭ تەييارلىق سايلىمىنى ئۆتكۈزدى. 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا كۆرسىتىلگەن نامزات 222 نەپەر، ئارتۇق نامزات 18 نەپەر، سايلانغىنى 204 نەپەر، ئارتۇق نامزات نىسبىتى %8.8. مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا كۆرسىتىلگەن نامزات 189 نەپەر، ئارتۇق نامزات 17 نەپەر، سايلانغىنى 172 نەپەر، ئارتۇق نامزات نىسبىتى %9.9. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىقىغا كۆرسىتىلگەن نامزات 144 نەپەر، ئارتۇق نامزات 11 نەپەر، سايلانغىنى 133 نەپەر، ئارتۇق نامزات نىسبىتى 8.3%.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 10- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچتىكى ۋە 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى 3- ، 4- قېتىملىق يىغىنىدا تەييارلىق سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

  نامزاتلار ئىسىملىكىدە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنى تەشكىل قىلىدىغان ئەزالاردىن داۋاملىق نامزاتلىققا كۆرسىتىلگىنى 132 نەپەر بولۇپ، %35.1نى ئىگىلىدى؛ يېڭىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگىنى 244 نەپەر بولۇپ، %64.9نى ئىگىلىدى. 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەركىبىدىكىلەردىن داۋاملىق نامزاتلىققا كۆرسىتىلگىنى ئون نەپەر بولۇپ، %7.5نى ئىگىلىدى؛ يېڭىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگىنى 123 نەپەر بولۇپ، %92.5نى ئىگىلىدى.

  10- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيى ناھايىتى ھەيۋەتلىك، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، قۇرۇلتاي رەسمىي سايلام ئۆتكۈزدى. سايلام بېلىتى تارقىتىش، سايلام بېلىتىنى تولدۇرۇش ۋە بېلەت تاشلاش، بېلەت سانىنى ھېسابلاش جەريانلىرىدىن كېيىن، قۇرۇلتايغا قاتناشقان 2300دىن ئارتۇق ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىلنىڭ سايلىشى بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋۇجۇدقا كەلدى.

  گۈلدۇراس ئالقىش ساداسى 10 مىڭ كىشىلىك زالدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى!

  بۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا بولغان تەبرىكلەش ۋە ئۇنى قوللاش، شۇنداقلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ قايتا گۈللىنىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى يارىتىشىغا بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىد.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن قارىغاندا، ئاساسىي گەۋدىسى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ۋە ئارمىيە ئۇرۇش رايونى ۋەزىپىسىدىن يۇقىرى رەھبىرىي تايانچلار بولۇپ، يەنە بەزى ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك ۋە ئارمىيەدىكى جۈن دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، شۇنداقلا پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، دۆلەت ئىلكىدىكى مۇھىم تايانچ كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، يەنە ئىشچىلار، دېھقانلار ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر ۋە ئازادلىق ئارمىيەدىكى قەھرىمان- نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە ھەرقايسى سەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللەردىن تەشكىللەنگەن.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 57 ياش، 30 ئايال كادىر، 38 ئاز سانلىق مىللەت كادىر بار؛ ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئەزالار%98.1نى، يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي- تېخنىكا ۋەزىپىسى بارلار %43.9نى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكىدىن 25ى بار.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەركىبىدىكىلەردىن قارىغاندا، ئاساسىي گەۋدىسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى قاتارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېپىدىكى رەھبىرىي يولداشلار، يەنە ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن.

  ۋەكىللەر بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ھەرقايسى جايلار، تارماقلار، سەپلەر، ساھەلەردىكى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرى ۋە مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى توپلانغان بولۇپ، ئومۇمىي ساپاسى ياخشى، قۇرۇلمىسى نىسبەتەن مۇۋاپىق، تارقىلىشى خېلى تەكشى، مەركەزنىڭ تەلىپىگە ۋە كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان، جۇشقۇن، جاسارەتلىك- ياراملىق، ئىتتىپاقلاشقان، بىرلىككە كەلگەن، ئىشەنچلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىدۇر.

  جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ پاكلىقى، ئىلغارلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈلۈپ، رەھبەرلىك ئىقتىدارى، چاقىرىق كۈچى ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ.

  يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى داۋاملىق ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ قايتا گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا داۋاملىق ئىلگىرىلەيدۇ!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ