تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى دەۋرگە يول باشلايدىغان كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى

  − پارتىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش خاتىرىسى

   ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە، بۇ پەيت شەك- شۈبھىسىزكى، بەلگە خاراكتېرلىك تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە −

  2017- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خەلق سارىيى.

  پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق 25 كىشىدىن تەركىب تاپقان 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى، شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلاندى؛ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ ئەزالىرى ماقۇللاندى؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار بەلگىلەندى؛ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن رەھبەرلىك ئاپپاراتى تەستىقلاندى.

  بۇلار، 89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يول باشلىغۇچىلىرى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ تايانچلىرى.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك! يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوغا يول باشلاپ، يەلكەن تارتىپ يەنە سەپەرگە ئاتلاندى.

   ھەيۋەتلىك تاغلاردىن ئاساسىي چوققا كۆرۈندى

   − دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يېڭى مۇساپىسىدە، مىللەتنى قايتا گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى قىلىپ تۇرغۇزۇش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ تۇرغۇزۇش پارتىيە قەلبى، خەلق قەلبىگە ياقتى

  قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن يىللاردا مۇقەررەر ھالدا كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان پەيتلەر بولىدۇ.

  بىر يىل ئىلگىرى ئالتۇن كۈزدە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى قىلىپ تۇرغۇزغاندا خەلق سارىيىدا ياڭرىغان گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلىماقتا.

  بۇ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ چىن قەلبىدىن ئىززەتلىگەنلىكى، ھۆرمەت قىلغانلىقى، بۇ، 1 مىلياردتىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىشتىكى ئورتاق ھېسسىياتى ئىدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى:

  ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور بۆسۈش بولدى، دېموكراتىيە- قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلاندى، ئىدىيە- مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى...

  بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي بولدى، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك بولدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى.

  يېڭى ئەمەلىيەت يېڭى ئىدىيەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلمىي سوتسىيالىزمدا ئىجادىي ھالدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، 21- ئەسىردە جۇڭگو ماركسىزمى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  چوڭ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىرىلىپ، قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، جىددىي ۋەزىيەت ئوڭشىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

  ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر قاتار ئۇلۇغ ئەمەلىيەت ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشقا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايە- ئېتىقادى ۋە خەلقنىڭ ھېسسىياتى سىڭدۈرۈلدى، ئۇنىڭدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي جاسارىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاجايىپ قابىلىيىتى ۋە داھىيلىق خىسلىتى ئىپادىلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، ئىچكى سىياسىي ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشقا بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن جاپا- مۇشەققەتتىن قورقماي، پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ، ئەقىل- پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، پارتىيە قەلبى، ئارمىيە قەلبى ۋە خەلق قەلبىنى قولغا كەلتۈردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك يادروسى بولۇشقا مۇناسىپ.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا، يولداش شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلاندى. 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنى سايلىغاندا، يولداش شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلاندى. 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى سايلىغاندا، يولداش شى جىنپىڭ يەنە تولۇق ئاۋاز بىلەن مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلاندى. ئارقا- ئارقىدىن ياڭرىغان گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە توختىمىدى...

  ھەربىر سايلام بېلىتى پارتىيە قەلبى ۋە ئەلرايىغا ۋەكىللىك قىلدى، ھەر قېتىملىق ئالقىش ساداسى ئىشەنچ ۋە ئۈمىدنى يەتكۈزدى − باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ پارتىيەنىڭ يادروسى، ئارمىيەنىڭ قوماندانى، خەلقنىڭ داھىيسىنىڭ بولغانلىقى پارتىيەنىڭ زور بەختى، ئارمىيەنىڭ زور بەختى، خەلقنىڭ زور بەختى! «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ قايتا گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۈمىدى، كۈچ- قۇدرىتى ۋە غەلىبىسى!

  جۇڭگو پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى بەلگە قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىگە قەدەم قويدى −

  جۇڭگو 2020- يىلىغا بارغاندا ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ھەم ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىستىقبالىمىز ناھايىتى پارلاق، دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسمۇ ئىنتايىن كەسكىن. قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن ئۇلۇغ كۈرەشنى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ناھايىتى مۇھىم، رەھبەرلىك يادروسى تېخىمۇ مۇھىم.

  بىپايان دېڭىزدا قورام تاشلار قەد كۆتۈرمەكتە، ھەيۋەتلىك تاغلاردىن ئاساسىي چوققا كۆرۈنمەكتە.

  ئۆتكەنكى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا ئاساس سالىدىغان بۇ ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بىر ياخشى مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى سايلاپ چىقىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، سىجىل ھالدا نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يېزىش.

  چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ ئىشلار ئۈچۈن تالانتلىقلار توپلاندى

   − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش، دۆلەتنى ئۇزاققىچە ئىدارە قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتلىرىنى غۇلغۇلا قىلىپ كۆرسىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلىدى

  چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى ئاچقۇچ ئادەمدە. دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئادەم ئىشلىتىش ھەممىدىن مۇھىم.

  يېڭى دەۋر يېڭى، كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى چاقىرماقتا.

  قانداق قىلىپ باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوغا يول باشلاپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش پۈتۈن پارتىيە تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان، ئومۇمىي خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان ئىش ئىدى.

  پارتىيە نىزامنامىسىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى سايلايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

  شۇڭا بۇ ئىشقا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىز 89 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار چوڭ پارتىيە بولۇپ، 1 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇس بار چوڭ دۆلەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، زىممىسىدىكى ۋەزىپە ئېغىر، مەسئۇلىيەت زور، بۇنىڭ ئۈچۈن جەزمەن سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، بىردەك ئىتتىپاقلاشقان، كۈچلۈك، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى تەشكىللەش كېرەك.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىشى بىلەن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتلىرىنى غۇلغۇلا قىلىپ كۆرسىتىش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى...

  2017- يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتلىرىنى قانداق غۇلغۇلا قىلىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئەستايىدىل پىكىر ئالدى.

  كۆپچىلىك پارتىيە 16- ، 17- ، 18- قۇرۇلتايلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇسۇللارنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت»نىڭ نامزاتى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، دائىمىي كومىتېتى، شۇجىچۇسى تەركىبىدىكىلەرنىڭ نامزاتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ نامزاتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىلىدىغان گوۋۇيۈەن رەھبەرلىرى تەركىبىدىكىلەرنىڭ نامزاتى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە پارتىيە ئىچىدىن يېڭىدىن ئۆستۈرۈلىدىغانلار نامزاتى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى كۆرسىتىش پىكرى ۋە تەكلىپلەرنى مەلۇم دائىرىدە يۈزتۇرا ئاڭلاشقا بىردەك قوشۇلدى.

  2017- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق «19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى» ماقۇللاندى. سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە نامزاتنى غۇلغۇلا قىلىش خىزمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئاساسلىقى تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىندى:

  − «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئالغا سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش؛ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاشنى، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش؛ پارتىيە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم بولۇش ۋە ئۇنى روناق تاپقۇزۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.

  − سىياسىيونلار گۇرۇھى ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر يەر- ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلارنى ئەلا بىلىش، ئادىل، دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆتكەل ۋە پاكلىق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئادەمنى دەل جايىدا، ئىلمىي تاللاش ۋە ئىشلىتىش.

  − پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ئىچىدە يېڭىلار بىلەن كونىلارنىڭ ئورۇن ئالمىشىشىنى پائال، سالماق ئىلگىرى سۈرۈش.

  − پارتىيە كادىر باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىيەنىڭ سۈپىتى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش. سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا مۇھىمى كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، نامزات سانىغا چەك قويماسلىق، نامزاتلارنىڭ ئاۋاز سانىدىن پايدىلىنىش، ئاۋازغىلا قاراپ ئادەم تاللايدىغان ئىشنى قىلماسلىق. كادىرلارنىڭ شەرتى، ئىزچىل ئىپادىسى ۋە بەنزىنىڭ قۇرۇلما ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ نامزات لايىھەسىدە، سىياسىي ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇشنى گەۋدىلىك تەكىتلەپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پېشقەدەملەر، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلاردىن ئىبارەت پەلەمپەيسىمان سەپلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  بۇ پىرىنسىپ بويىچە مەركەز كۆرسىتىلىدىغان نامزاتتا بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  − پارتىيەگە سادىق بولغان، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولغان، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىردەكلىكنى ساقلىغانلار لاياقەتلىك ماركسىزملىق سىياسىيوندۇر.

  − رەھبەرلىك ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئەمەلىي تەجرىبىسى مول، كۈچلۈك ئىنقىلابىي كەسىپچانلىق روھى بولۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش روھى بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇش، توغرا نەتىجە قارىشى بولۇش، خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولۇش.

  − دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشتا باشلامچى بولۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق ھىمايە قىلىدىغان بولۇش، يولداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا ماھىر بولۇش، ئادىل، دۇرۇس بولۇش، كۆڭلى- كۆكسى كەڭ بولۇش.

  − كوممۇنىستلارغا خاس دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى بولۇش، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشتا باشلامچى بولۇش، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشتا باشلامچى بولۇش، ئىستىلى پۇختا بولۇش، پاك- دىيانەتلىك بولۇش، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدا بىر قەدەر يۇقىرى ئىناۋىتى ۋە ياخشى ئوبرازى بولۇش.

  ئالدىنقى نۆۋەتلەردە قوللىنىلغان ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، مەركەز يەنە كۆرسىتىلىدىغان نامزاتنىڭ دائىرىسى، يېشى ۋە قۇرۇلمىسىغا ئېنىق تەلەپ قويدى.

  كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: مەركەزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىرىنسىپى ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان، كۆرسىتىلىدىغان نامزاتنىڭ ئۆلچىمى، شەرتى ئېنىق بولغان، كۆرسىتىلىدىغانلارنىڭ دائىرىسى، ياش چېكى ۋە قۇرۇلما تەلىپى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى نامايان قىلىنغان.

  دېموكراتىك، ئىلمىي ئىش كۆرۈلۈپ، ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈلدى

   − يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە بىر قاتار يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تەدبىر قوللىنىلدى، ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىشتىكى يېڭى مېخانىزم، يېڭى يۆنىلىش گەۋدىلەندۈرۈلدى، پارتىيەنىڭ يېڭى ئىستىلى، يېڭى ئوبرازى نامايان قىلىندى

  2017- يىلى 5- ئاينىڭ ئاخىرلىرى، ئۆلكە باشلىقى- مىنىستىر دەرىجىلىك بىر رەھبىرىي كادىر تەشكىلنىڭ بېيجىڭغا كېلىپ سۆھبەتكە قاتنىشىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  سۆھبەت ئورنى جۇڭنەنخەيگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سۆھبەتلىشىدىغان ئىشخانىدىكى ئۈستەلگە «سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش»، «ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئىچىدىكى پارتىيەلىك يولداشلارنىڭ تىزىملىكى»، « باش ۋەزىپىدىكى ئۆلكە باشلىقى- مىنىستىر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار تىزىملىكى»دىن ئىبارەت ئۈچ پارچە ماتېرىيال قويۇلغانىدى.

  سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت تەرتىپى بويىچە، سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان كادىرغا ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، مۇستەقىل، ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ تەييارلىق قىلىشقا تولۇق ۋاقىت بېرىلدى.

  مۇشۇ ئاساستا، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىش شەكلى ئارقىلىق بۇ كادىردىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتىنى كۆرسىتىش توغرىسىدا پىكىر ئالدى.

  شۇ ئىشتىن كېيىن بۇ كادىر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: نامزات سانىغا چەكلىمە قويۇلمىدى، چۈشەنگىنىمنى سۆزلىدىم، ئويلىغىنىمنى دېدىم، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشتىم. يەرلىكتە خىزمەت قىلىدىغان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ، نامزات كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ۋە سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ماڭا يۈكسەك ئىشەنگەنلىكى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ دېموكراتىيە ئىستىلى ۋە كۆكسى- قارنىنىڭ كەڭلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ماھىر ئېسىل ئەنئەنىسىنى نامايان قىلدى.

  ئايرىم سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش شەكلى ئارقىلىق بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتىنى كۆرسىتىش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە ئالاقىدار تەكلىپلەرنى يۈزتۇرا ئاڭلاش 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىپ كۆرسىتىش خىزمىتىدىكى زور ئىجادىيەت.

  بۇ زور ئىجادىيەت تارىخىي تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىش، ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىشتىكى يېڭىچە شەكىل، يېڭىچە تەدبىر ئۈستىدە ئىزدىنىشتە ئىپادىلەندى −

  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش جەھەتتە، پارتىيەمىز ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە، پارتىيەمىز ئۈزلۈكسىز پائال ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى، پارتىيەمىز تەجرىبىگىمۇ، ساۋاقلارغىمۇ ئىگە. پارتىيە 17- ، 18- قۇرۇلتايلىرىدا يىغىندا كۆرسىتىش شەكلىنى قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاۋاز سانىنى ھەددىدىن ئارتۇق تەكىتلەش بەزى نۇقسانلارنى پەيدا قىلدى: بەزى يولداشلار يىغىندا كۆرسىتىش جەريانىدا، ئاددىي ھالدا «سايلام بېلىتىگە بەلگە قويغاچقا»، خالىغانچە ئاۋاز بېرىدىغان، ئەلرايى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلمەيدىغان، ھەتتا يېقىنلىرىغا ئاۋاز بېرىدىغان، ئادەمگەرچىلىك قىلىپ ئاۋاز بېرىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقتى. مەركەز تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان جۇ يۇڭكاڭ، سۈن جېڭسەي، لىڭ جىخۇا قاتارلىقلار يىغىندا كۆرسىتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە ئاۋاز توپلاش، پارا بېرىپ سايلىنىش قاتارلىق تەشكىلسىز پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.

  مەركەز مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش شەكلىدە يېڭىلىق ياراتتى ۋە ئۇنى ياخشىلىدى، دېموكراتىيە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، دېموكراتىك ئۇسۇلنى ياخشىلاش، دېموكراتىيەنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەكىتلەپ، 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» ئەزالىرى نامزاتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەش ئاساسىدا، سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پىكىر ئېلىش، قايتا- قايتا غۇلغۇلا قىلىش، يىغىندا قارار قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتىنى تەدرىجىي غۇلغۇلا قىلىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى.

  2017- يىلى 4- ئاينىڭ ئاخىرىدىن 6- ئايغىچە باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، پارتىيە ئىچىدىكى پېشقەدەم يولداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن تولۇق پىكىر ئالدى، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 57 كىشى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا باش ۋەزىپىدىكى ئۆلكە باشلىقى- مىنىستىر دەرىجىلىكلەر، ئارمىيەدىكى ئۇرۇش رايونلىرىنىڭ باش ۋەزىپىدىكى پارتىيەلىك ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرى بولۇپ جەمئىي 258 كىشىدىن پىكىر ئالدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇرۇش رايونلىرىنىڭ باش ۋەزىپىدىكى رەھبەرلىرى ۋە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئۇرۇش رايونى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بولۇپ جەمئىي 32 كىشىدىن پىكىر ئالدى.

  بۇنداق ئايرىم سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يۈزتۇرا تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئاڭلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش سۆھبەتكە قاتناشقان يولداشلارنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشتى. كۆپچىلىك لايىھەنىڭ ئەتراپلىق ئويلىشىلغانلىقىنى، خىزمەتنىڭ ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، تەرتىپنىڭ ئەتراپلىق لايىھەلەنگەنلىكىنى، ئىنتىزام تەلىپىنىڭ چىڭلىقىنى، بۇنداق ئىنكاس قىلىنغان پىكىرلەرنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ چىن، تېخىمۇ توغرا بولىدىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ھېس قىلدى.

  بۇ زور ئىجادىيەت ئىشقا قاراپ ئادەم تاللاشتا چىڭ تۇرۇش، تەشكىلات خىزمىتىدە يېڭى مېخانىزم ۋە يېڭى يۆنىلىش شەكىللەندۈرۈشتە گەۋدىلەندى −

  سۆھبەتلىشىش، نامزات كۆرسىتىش خىزمىتىدە، مەركەز ماركسىزملىق سىياسىيونلار گۇرۇھى ئۆلچىمى بويىچە ئادەم تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش؛ كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىسىگە ئەھمىيەت بېرىش؛ ئادەم تاللاشتا پاكلىق ئۆتكىلى ۋە ئىستىل ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوبراز ۋە باشقىلارنىڭ بەرگەن باھاسىغا ئەھمىيەت بېرىشنى كۆرسىتىلىدىغانلارنىڭ شەرتى قىلىپ ئايدىڭلاشتۇردى.

  سۆھبەتكە قاتناشقان يولداشلار ئۆلچەمنى چىڭىتىپ، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا يۈكسەك باھا بېرىپ، ئۇنى بىردەك ماختىدى.

  كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىپىسى «تۆمۈر ئورۇندۇق»، «تۆمۈر قالپاق» ئەمەس، يېشى مۇۋاپىق كېلىدىغانلارنىڭ داۋاملىق نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى ناتايىن. ئاساسلىقى نامزاتنىڭ سىياسىي ئىپادىسى، پاكلىق ئەھۋالى ۋە كەسىپ ئېھتىياجىغا قارىلىدۇ، ساقلاپ قېلىشقىمۇ، ئۆزگەرتىشكىمۇ، ئۆستۈرۈشكىمۇ ياكى چۈشۈرۈشكىمۇ بولىدۇ.

  كۆپچىلىك 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە ئىلمىي ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بۇ پارتىيە ئىچىدىكى ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ، كادىرلارنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئىناۋىتىنى كۈچەيتىشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىدى.

  نۇرغۇن يولداشلار مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام كادىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا بۇنچە چوڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش مېخانىزمىنى ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت بولدى، توغرا ئادەم ئىشلىتىش يېڭى يۆنىلىشى تەشەببۇس قىلىندى.

  بۇ زور ئىجادىيەت ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ يېڭى ئىستىلى ۋە يېڭى ئوبرازىنى قايتا تىكلەشتە گەۋدىلەندى −

  سۆھبەتكە قاتناشقان يولداشلار شەرەپلىك سىياسىي بۇرچ ۋە ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، كەسكىن، ئەستايىدىل بولۇپ، بىلىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي ئېيتىپ، كۆڭلىدىكىنى سۆزلەپ، ئادىل پىكىر بايان قىلدى.

  سۆھبەتكە قاتناشقان يولداشلار ئويلىنىش، تەييارلىق قىلىش ۋاقتىدا ناھايىتى ئەستايىدىل، ناھايىتى ئېھتىياتچان بولدى، بەزىلىرى ھەتتا سۆھبەت تېزىسى تۈزۈۋالدى؛ سۆھبەتتە كۆڭلىدە نېمە بولسا شۇنى دېدى، نۇرغۇن يولداشلار كۆرسىتىش پىكرىنى تولۇق بايان قىلىپلا قالماي، يەنە مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا نۇرغۇن ياخشى تەكلىپ بەردى؛ بەزى يولداشلار سۆھبەتلىشىپ قايتقاندىن كېيىن، يەنە تېلېفون ئارقىلىق تولۇقلاپ پىكىر بەردى، بەزىلىرى يەنە يازما ماتېرىيالنى مەخسۇس تولۇقلاپ تاپشۇردى...

  «سۆھبەت جەريانى بىزگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق سىناق ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيە، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا قاتنىشىشىدىكى جانلىق ئەمەلىيەت ھېسابلىنىدۇ». كۆپچىلىك بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىلگىرىكى «قۇرۇلتايدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش»، «سايلام بېلىتىگە بەلگە قويۇش» ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك نۇقسانلار تۈگىتىلىپ، ئىشنى يەڭ ئىچىدە پۈتكۈزىدىغان ئەھۋال بولمىدى، باشتىن- ئاخىر ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولدى، دېدى.

  تولۇق سۆھبەتلىشىش ۋە غۇلغۇلا قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسى مۇجەسسەملەندى.

  كۆپچىلىكنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 2017- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ نامزات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەھبىرىي ئەزالىرى نامزاتىنىڭ تەكلىپ لايىھەسىنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر غۇلغۇلا قىلىپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق مەركىزىي كومىتېتقا سۇندى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ نامزاتى تەكلىپ لايىھەسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ مەركىزىي كومىتېتقا سۇندى.

  9- ئاينىڭ 29- كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا سايلاش، ماقۇللاش ۋە قارار قىلىشقا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش جەريانى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش جەريانى بولدى، پارتىيە نىزامنامىسى بويىچە، تۈزۈم بويىچە، تەرتىپ بويىچە قاتتىق ئىش كۆرۈش جەريانى بولدى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانى بولدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ تېخىمۇ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، پىشىپ يېتىلگەنلىكى ھەم ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  پاراخوت يەلكەن تارتىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىمەكتە

   − يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا پۈتۈن پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرى توپلانغان، ئۇلار پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ، يۈكسەك جاسارەت بىلەن ئۇلۇغ كۈرەشنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇسى

  10- ئاينىڭ 24- كۈنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

  10- ئاينىڭ 25- كۈنى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

  بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلغان، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىگەن، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تولۇق ئىشىنىشىگە ئەرزىيدىغان رەھبەرلىك كوللېكتىپى −

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى ماركسىزملىق سىياسىيونلار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئالغا سۈرۈش ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان، ئىسلاھاتتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدىغان، ھەر خىل خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش كەسپىي ساپاسىنى ھازىرلىغان، مول رەھبەرلىك تەجرىبىسى ۋە ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىغا ئىگە، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا ناھايىتى يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرىدىن تەشكىللەنگەن.

  بۇ، ئۆتكەنكى ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، كېيىنكى ئىشقا ئاساس سالىدىغان، ئىلگىرىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كەلگۈسىگە يول ئاچىدىغان، بۈگۈنكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان رەھبەرلىك كوللېكتىپى −

  19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ خىزمىتىگە پىششىق 25 يولداشتىن تەركىب تاپقان، ئۇلار بىرقەدەر يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ۋە كەسپىي بىلىمگە ئىگە، قۇرۇلمىسى بىرقەدەر مۇۋاپىق، بەزىلىرى يەرلىكتە خىزمەت قىلغان، بەزىلىرى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلغان، يەنە ھەربىي قىسىمدىكى يولداشلارمۇ، ئايال يولداشلارمۇ بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئون يولداش 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، داۋاملىق نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى، ئۈچ يولداش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ رەھبىرى بولۇپ، يۆتكەپ تەيىنلەندى، 12 يولداش يېڭىدىن ئۆستۈرۈلدى.

  بۇ، جۇشقۇن، ھاياتىي كۈچكە ئىگە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان رەھبەرلىك كوللېكتىپى −

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا كىرگۈزۈش ۋە چېكىندۈرۈش نىسبىتى بىرقەدەر مۇۋاپىق بولۇپ، خادىملار ۋە خىزمەتنىڭ ئىزچىللىقى ساقلاپ قېلىندى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ئىچىدە يېڭىلار بىلەن كونىلارنىڭ ئورۇن ئالمىشىشى پائال، سالماق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بىر تۈركۈم ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك، ياش ۋە غەيرەتلىك رەھبىرىي كادىرلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ غەيرەت- جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، گۈللەپ- ياشنىغان، ۋارىسلىرى بار بولغان پارتىيە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتى توغرىسىدا غۇلغۇلا قىلغان ۋە پىكىر ئالغاندا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى مۇھىم بىلىپ، دۆلەت تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بويىچە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنىپ، نىسپىي ياش يولداشلارنىڭ چىقىشىغا پۇرسەت يارىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ كەڭ قورساق ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلدى.

   يېڭى دەۋرگە يول باشلاپ، يېڭى سەپەرگە قايتا ئاتلىنىش.

  2017- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن ئىدى. سائەت 11 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ بىلەن بىللە شەرقىي زالغا كىرىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى خەۋەر قىلىشقا قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

  سالماق قەدەم، كۆتۈڭگۈ روھ بىلەن زالغا كىرگەن مەركەز رەھبەرلىرى تېلېكامېرا ۋە فوتو ئاپپاراتلارنىڭ چىراغلىرى ئالدىدا تەمكىن، مەردانە سالاپىتىنى ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىنى نامايان قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ئىشەنگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىپ، بىز چوقۇم مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويمايمىز، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز نۇرغۇن خىزمەتنى ئىشلىدۇق، بەزىلىرىنى ئورۇنداپ بولدۇق، بەزىلىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىز. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا يەنە يېڭى نىشان، يېڭى ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز بۇلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. بىز پەقەت خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، خەلققە مەھكەم تايانساقلا، پۈتمەس- تۈگىمەس كۈچ- قۇۋۋەتكە ئېرىشىپ، بوران- چاپقۇنغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

  بۇ، يېڭى دەۋردىكى يول باشلىغۇچىنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەنلىكى، بۇ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى، بۇ، ئۇلۇغ مىللەتنى قايتا گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى جەزمەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنى يېتەكلەپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پارلاق قىرغاققا غەلىبە بىلەن يېتىپ بارالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ