تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى

  (2017- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى)

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەش ئۈچۈن تۆۋەندىكىچە قارار چىقىرىلدى.

   بىرىنچى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى 10- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتايدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى ئانالىز قىلىندى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ ۋە خۇلاسىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى قاتارلىق زور سىياسىي ھۆكۈملەر چىقىرىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى بېكىتىلدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش نىشانى بېكىتىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قۇرۇلتايدا يولداش شى جىنپىڭ ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى» دېگەن دوكلات تەستىقلاندى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى تەستىقلاندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمە)» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى.

  يولداش شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتتا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىسىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى يەنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، ماركسىزمنىڭ پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە)»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە نىزامنامىسىدا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيەمىز جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتىلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى پارتىيە نىزامنامىسىدا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بېكىتىلگەن مۇھىم نەزەرىيە، كۆز قاراش ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەر تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

  پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلاپ چىقىلدى، مول تەجرىبىلىك، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك، جاسارەتلىك- ياراملىق بىر تۈركۈم يولداشلار مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا كىرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى، ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم رېئال ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

   ئىككىنچى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتە جەزمەن ئومۇميۈزلۈك توغرا بولۇش، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئۇنىڭدىكى قائىدىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئېنىق ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ئوقۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتنى ئىگىلەش كېرەك.

  1. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. بۇ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى بولۇپ، بۇنىڭدا پارتىيەمىز يېڭى دەۋردە قانداق بايراق كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش، قانداق روھىي ھالەت بىلەن قانداق تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، قانداق كۈرەش نىشانىغا يېتىشتىن ئىبارەت زور مەسىلىگە ئېنىق جاۋاب بېرىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى − جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ بارلىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ باش تېمىسى، كەلگۈسى مۇساپىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن چىڭىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش − 2020- يىلى جەزمەن ئورۇندايدىغان كۈرەش نىشانى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى باسقۇچلۇق نىشان، بۇ نىشانغا يەتكەندىن كېيىن، بىز يېڭى تارىخىي پەللىدە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  2. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا، دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر شارائىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە نۇقتىئىنەزەر بىلەن، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن جاپالىق ئىزدىنىپ، نەزەرىيەدە زور يېڭىلىقلارنى يارىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىلدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش نىشانى، باش ۋەزىپىسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات شەكلى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك قەدەم- باسقۇچلىرى، تاشقى شارائىت، سىياسىي كاپالەت قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىلدى ھەم يېڭى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئىقتىساد، سىياسىي، قانۇنچىللىق، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى، مىللەت، دىن، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىرلىك سەپ، دىپلوماتىيە، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردە نەزەرىيە ئانالىزى يۈرگۈزۈلدى ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىندى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق بۇ ئىدىيەنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يىغىنچاقلاندى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم «14تە چىڭ تۇرۇش»قا يىغىنچاقلاندى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى ئىدىيە قاتلىمىدىكى بايان بولۇپ، ھەرىكەت پىروگراممىسى قاتلىمىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي تاكتىكىسى، دەپ ئاتىلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  3. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بەش يىل. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۈگۈنكى دۇنيا ۋە ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئەمەلىيەت تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بېكىتىپ، پىلان تۈزۈپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار زور فاڭجېن- سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، بىر قاتار زور خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى بېجىرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بېجىرىلمىگەن نۇرغۇن چوڭ ئىشنى بېجىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بەش يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆپ تەرەپلىك، ئىجادىي بولدى، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك بولدى، بۇ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ھەم چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە.

  4. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇزاق مەزگىللىك تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، بۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى. بۇ يېڭى دەۋر كېيىنكىلەر ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىدىغان، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرىدىغان دەۋر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىدىغان دەۋر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىدىغان دەۋر، پۈتكۈل جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغان دەۋر، دۆلىتىمىز دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈنسېرى يېقىنلىشىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان دەۋر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۇنيانىڭ سوتسىيالىزم تەرەققىيات تارىخىدا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان، ئۇزاق ۋاقىت ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، ئاندىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن دېرەك بەردى؛ بۇ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21- ئەسىردىكى جۇڭگودا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنيادا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى؛ بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىش يولىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشنى، ھەم ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلغان دۆلەتلەرنى ۋە مىللەتلەرنى يېپيېڭى تاللاش يولىغا ئىگە قىلىپ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى بېغىشلىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  5. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. دۆلىتىمىز 1 مىلياردتىن كۆپرەك كىشىنىڭ كىيىش- تويۇش مەسىلىسىنى مۇقىم ھەل قىلىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى، پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ، ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپلا قالماستىن، يەنە دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، باراۋەرلىك، ھەققانىيلىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلىپى كۈندىن- كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى نۇرغۇن جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، بۇنىڭ بىلەن تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى ۋە يېتەرلىك بولماسلىقى تېخىمۇ گەۋدىلىك مەسىلىگە ئايلاندى، بۇ، خەلقنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى ئاساسلىق چەكلەش ئامىلىغا ئايلاندى. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە نۇرغۇن يېڭى تەلەپنى قويدى. تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىق ۋە يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېتىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىزنىڭ ئېلىمىز سوتسىيالىزمى تۇرۇۋاتقان تارىخىي باسقۇچ توغرىسىدىكى ھۆكۈمىمىزنى ئۆزگەرتمىدى، دۆلىتىمىزنىڭ يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئۇزاققىچە تۇرىدىغانلىقىدەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمىدى، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇشتەك خەلقئارا ئورنى ئۆزگەرمىدى. بىز سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز، مەۋقەنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەمەلىيەتكە قويۇشىمىز، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدىن ئىبارەت بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھاياتلىق لىنىيەسى، خەلقنىڭ بەخت لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  6. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپلا، كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پارتىيەنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى قەتئىي باش تارتماستىن زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئاجايىپ جاپالىق كۈرەشلەرنى قىلىپ، جاسارەتكە تولغان دەبدەبىلىك تارىخىي داستانلارنى يېزىپ قالدۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن بەكرەك يېقىنلاشتۇق ھەم بۇ نىشانغا يېتىشكە ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار. مۇۋەپپەقىيەتكە يېقىنلاشقانسېرى شۇنچە ئىزچىللىقنى ساقلاش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئوڭايلا ۋە داقا- دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش شەرت. بۇ ئۇلۇغ كۈرەش دەل نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشتۇر. بۇ ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش شەرت. بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇش دەل پارتىيەمىزنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىدۇر. پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىۋى تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەمىزنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت. بۇ ئۇلۇغ ئىشلار دەل جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدۇر. «تۆت ئىشەنچ»نى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا چىڭىتىپ، ھەم بېكىنمە ھالەتتىكى ۋە قاتماللاشقان كونا يولدا ماڭماي، ھەم بايراقنى ئالماشتۇرىدىغان تۇيۇق يولدا ماڭماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇ ئۆزئارا زىچ باغلىنىشلىق، ئۆزئارا چېتىشلىق ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتۇر. ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باشتىن- ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تايانچى، باشتىن- ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  7. بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ۋە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىردىن باشلاپ 2020- يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ مەزگىلى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتكە زىچ باغلاپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشنى، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى، ئاجىز تەرەپلەرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، بولۇپمۇ چوڭ خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، خەلق ئېتىراپ قىلىدىغان، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى ئىككى باسقۇچ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى باسقۇچتا 2020- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئىككىنچى باسقۇچتا، 2035- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىز باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما.

  8. سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادتا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى بىلەن رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتە پارتىيە رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىدا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلەش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئىدىيە- ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات- سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش جەھەتتە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، ئومۇمىي خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتە «سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، بايلىق تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان بوشلۇق ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلى شەكىللەندۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  9. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى، دىپلوماتىيە خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك مۇھىتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر، قۇدرەتلىك دۆلەت ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش دەۋر تەلىپى ئالدىدا جەزمەن جۇڭگوچە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، قۇدرەتلىك، زامانىۋىلاشقان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا قىسىمى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم قۇرۇش، مۇستەھكەم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋى جەڭ قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشتا «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭلىقلار شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېنلىقلار ئاۋمېننى ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىش قىلىپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى ۋەتەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىش، بېيىش، قۇدرەت تېپىش ئۇلۇغ شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان قىلىش كېرەك. «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق پارتىيەنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق شەكىل بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقانداق بىر پارچە زېمىنىنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشىگە مۇتلەق يول قويماسلىق كېرەك. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە سىياسىتى ئاساسىي مەقسىتىگە ئەمەل قىلىپ، «تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپى» ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەر، ئادىل، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرىدۇ.

  10. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش زور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش شەرت. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇشتا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە ساپلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى، غايە- ئېتىقاد ئاساسىي مەقسىتىنى چىڭىتىشنى نېگىز، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان، ھەر خىل بوران- چاپقۇنلارنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

   ئۈچىنچى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشتا ھەم ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەپ، ئەتراپلىق، سىستېمىلىق ئىش كۆرۈپ، ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھالقىلىق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچەش نۇقتىسىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت پارتىيەمىز ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەگە، بەش يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى، يېتەرلىك بولماسلىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكىدىن ئىبارەت زور سىياسىي ھۆكۈمنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ زور قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ھىمايە قىلىدىغان، ئىشىنىدىغان رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىكەنلىكىگە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان، خەلق قەدىرلەيدىغان، داھىي بولۇشقا مۇناسىپ پارتىيەنىڭ داھىيسى ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك.

  1. ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پات يېقىندا قانات يايدۇرىدىغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يۈزلەنگەن كۆپ خىل شەكىلدىكى، كۆپ قاتلاملىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ئومۇمىي تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالارنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى ئاچىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار تەربىيەلەش كۇرسى، ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىپ، بىر مەزگىل ۋاقىتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ھاكىم ۋە باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىشى، پارتىيەلىك كادىرلارنى مۇددەت ۋە تۈركۈمگە ئايرىپ سىستېمىلىق تەربىيەلىشى كېرەك، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ 2- تومىنى نەشر قىلىپ، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»نى تۈزۈپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشىنى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە مەكتىپى، كادىرلار ئىنستىتۇتى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتۇش، تەربىيەلىشىدىكى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، ئۇنى مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيەسى ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەش داۋامىدا « پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتى كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى» بىلەن «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىش، كونسۇلتاتسىيە توغرىسىدا 100 سوئال» قاتارلىق كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىدىن، «ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى»، «قانۇنچىل جۇڭگو»، «چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى»، «كۆزىتىش ئۆتكۈر شەمشىرى»، «پارلاق جۇڭگو»، «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش»، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەش» قاتارلىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىملىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  2. لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھازىردىن باشلاپ كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىغىچە مەملىكەت دائىرىسىدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 11- ئاينىڭ باشلىرى ۋە ئوتتۇرىلىرى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرگە لېكسىيە سۆزلەشكە ئەۋەتىدۇ. جايلار مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، غوللۇق كۈچلەرنى ئاجرىتىپ لېكسىيە ئۆمىكى قۇرۇپ، كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللىلەرگە لېكسىيە سۆزلەشكە ئەۋەتىشى كېرەك. رەھبەرلەر باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەزدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆزى مەسئۇل ساھەدە بىۋاسىتە لېكسىيە سۆزلەپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى باشلامچىلىق بىلەن لېكسىيە سۆزلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارغا لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بىلىشى ھەم تونۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. تور ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، توردا بىۋاسىتە تارقىتىش، توردا سىن ماتېرىيالىنى قويۇش، توردا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق توردا يېتىشىپ مېڭىپ، تورداشلار يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. لېكسىيەنىڭ قاراتمىلىقى، جانلىقلىقى، ئىدىيەۋىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىگە، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە باغلاپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئېنىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ، ئامما چۈشىنىدىغان، ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدىغان قىلىپ سۆزلەش كېرەك.

  3. ئاخبارات تەشۋىقاتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە گېزىتلىرى، پارتىيە ژۇرناللىرى، رادىيو ئىستانسىلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، مەركەزلىك خەۋەر قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى، بەش يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم ھۆكۈم ۋە مۇھىم تەدبىرلەرنى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا بولغان قىزغىن ئىنكاسى ۋە ئاكتىپ باھالىرىنى، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىرلىرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تىپىك ئىش- پائالىيەتلىرى ۋە ياخشى كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. تۈرلۈك تەشۋىقات شەكلى ۋە ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلق ياخشى كۆرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، ھەربىي لاگېر ۋە تورلارغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش روھىنى قوزغاپ، يەنىمۇ تولۇق غەيرەتكە كېلىپ باتۇرانە ئىلگىرىلەش كېرەك. مەركەزنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرى نوپۇزلۇق كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش، مەخسۇس ئىستون تەسىس قىلىش، چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بىر قاتار ئوبزور، مۇلاھىزە ۋە نەزەرىيە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. تور تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، «مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، تېرمىنال» قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تور ئەھلىنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تور تەشۋىقاتىنىڭ ئۈنۈملۈكلىكى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. تاشقى تەشۋىقاتنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى زور تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ باھاسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ياخشى ئوبرازىنى جانلىق نامايان قىلىش كېرەك.

  4. تەتقىق قىلىش، شەرھلەشنى ئەستايىدىل تەشكىللەش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چۆرىدەپ، زور بىر تۈركۈم تەتقىقات تېمىلىرىنى بېكىتىپ، مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنىڭ نەزەرىيە چوڭقۇرلۇقى، ئەمەلىيەت سالمىقى، ھېسسىيات ئىللىقلىقىنى كۈچەيتىش، خەلقنىڭ سىياسىي تونۇشى، ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ھېسسىيات تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىستېمىلىق نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئېچىپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، شەرھلەشتە ئىچكى مەزمۇننى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، تاشقى ئامىلنى توغرا ئىگىلەپ، بىر تەرەپلىمىلىكتىن، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. خاتا قاراش ۋە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشلەرگە قارىتا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، ۋاقتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇپ، گۇمانلارنى يېشىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىش كېرەك.

   تۆتىنچى، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىلقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ۋە كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

  1. پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق، ئىلىم ساھەسى، جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا پۈتۈن پارتىيەدە سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  2. ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي رىتىمدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خېيىم- خەتەردىن ساقلىنىش خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق مەنپەئەت تەلىپىنى ۋاقتىدا ياخشى ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان زور يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىش كېرەك.

  3. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، قاتتىق، چىڭ بولۇش ئېڭىنى باشتىن- ئاخىر چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەتلەر ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەش ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئىقتىدارى، خېيىم- خەتەرنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئالغا بېسىش يولىدىكى تۈرلۈك جاپا- مۇشەققەت، خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن باتۇرانە غەلىبە قىلىپ، خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

   بەشىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

  1. رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئۆز جايى ۋە ئۆز تارماقلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات، تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا تارماقلار پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە زىچ ماسلىشىشى كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. تەشۋىقات تارماقلىرى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىدىغان، ئىزچىللاشتۇرىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆگىنىش، تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقتىن ھەقىقىي ساقلىنىش كېرەك.

  2. توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئىتتىپاقلىشىش، مۇقىم بولۇش، رىغبەتلەندۈرۈش، ئىجابىي تەشۋىق قىلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەشكە كۈچەش كېرەك. مۇھاكىمە تېمىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېكىتىپ، يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، گۇمانلارنى يېشىش، كەيپىياتنى ئوڭشاش، ئورتاق تونۇشنى ئاشۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەتلىرىنى كۆپرەك ئىشلەش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خاتا ئىدىيە، خاتا سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىغا ھەرگىز يول قالدۇرماسلىق كېرەك.

  3. جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان قوبۇل قىلغۇچىلارغا قارىتا تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇسۇل، شەكىل ۋە سۇپا، ۋاسىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇسۇل، ۋاسىتىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش كېرەك. ھەم ئېھتىياتچان بولۇش، ھەم جانلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما قاتنىشىشنى خالايدىغان، قاتنىشىشقا قولايلىق بولغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە باي، ئەمەلىيەت تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. يېڭى تېخنىكا، يېڭى قوللانمىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىقاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- نويابىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى