تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

19–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش قىلدى

     لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى›› ھەققىدە مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى، سىياسىي كېڭەش ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا باشلامچىلىق ۋە يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىش، بىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش ھەم ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش، چارە – تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى قەتئىي تۈردە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.
      يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مەسئۇل خىزمەتلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، قانداق قىلغاندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرغىلى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، يىل ئاخىرىدىكى ۋە كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەسەۋۋۇر ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى ئۆگىنىش پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش مەخسۇس تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى يىغىنى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسى يىغىنى، پارتىيە ياچېيكىلىرى يىغىنى، شۇنداقلا كادىرلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىلىق يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش، كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى ئۆگىنىش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ھازىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ۋە كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاشتا نامايان قىلىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ياخشى ئۈلگە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى››نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى ھەم ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بولۇشىغا، ھەم كونكرېت تەپسىلىيلەشتۈرۈلگەن چارە – تەدبىرلەرنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆگىنىش ۋاقتى، مەزمۇنى، شەكلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىچكىرىلەپ داۋاملاشتۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى 19 – قۇرۇلتاي روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى 19 – قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملىشى كېرەك.
يىغىندا يەنە ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى (لايىھە)›› مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ