تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 25–قېتىم ئۆگىنىش قىلدى

   يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ 2017 – يىلىدىكى 25 – قېتىملىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىدىكىلەر پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.  
يىغىندا خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆگىنىش تەسىراتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى ھەم ‹‹ئون جەھەتتە خىزمەت يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش››نى چۆرىدەپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئېيى ۋە كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
    خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا، كەم -كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مۇقەددەس مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپلىك بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.
    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول، خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، قايتا-قايتا تەتقىق قىلىپ كاللىسىغا سىڭدۈرۈشى، ئۆگىنىش، بىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە تەتقىق قىلىش داۋامىدا دۆلەتنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلىشى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى كۈچەش يۆنىلىشى ۋە نەتىجە يارىتىش بوشلۇقىنى توغرا تېپىشى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى مەركەزنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشى كېرەك.
    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىي ھەرىكىتى داۋامىدا، ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش، يېڭى نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا بايراقلىق، ئۈلگىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىرلەرگە سېلىشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش تەسەۋۋۇرى ۋە تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشى كېرەك؛ مەسئۇل تارماقلارنىڭ كېيىنكى ئىككى ئايلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ، ئەمەلىي تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، يىللىق نىشان – ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملىشى كېرەك؛ مەسئۇل تارماقلارنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ئالدىن پىلانلىشى ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۈشى، نىشاننى توغرا تېپىپ، تەسەۋۋۇرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ۋەزىپە تىزىملىكىنى بالدۇر تۈزۈپ، بىر تۈركۈم مۇھىم تۈرلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ چىقىپ ۋە پىلانلاپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتچانلىقى، كەسىپچانلىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشى، روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا مۇتلەق سادىق، دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم – كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل