تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا يەتكۈزۈپ، چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ شىنجاڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش كېرەك

    چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا يەتكۈزۈپ، چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ شىنجاڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كارخانا، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى توپاتاغ مەھەللىسىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىغا 19-قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلماقتا. (سۈي جىجيەن فوتوسى )

     ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، سايباغ رايونىغا كېلىپ، كارخانا، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
    چېن چۈەنگو بارغانلىكى جايدا ئاساسىي قاتلامنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، تارىخىي ئورنى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ مول مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك تەشۋىق قىلدى.
     شىنجاڭ ‹‹لەيۋو›› پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا بىلەن بىرلىشىپ يولغا قويغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يالتىراق ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق بۇلغىمىسىز ئورۇ پەردە تۈرى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىتنى بۇلغىماسلىق قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتتى. چېن چۈەنگو كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن ماڭغاچ پاراڭلىشىپ، كارخانىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى، پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، كۆلىمى، ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو كارخانا مەسئۇللىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى›› دەپ كۆرسەتتى. كارخانىلار پەن-تېخنىكا سېلىنمىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجادىي تەرەققىيات، سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
    چېن چۈەنگو سايباغ رايونى توپاتاغ مەھەللىسىدىكى ‹‹شالىجىن›› كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش مەركىزى ۋە ‹‹ئاينۇرى›› يىپەك گۈل ياساش بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش-تەربىيەلەش مەركىزىدە كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، كارخانىنىڭ كۆلىمى، ماھارەت تەربىيەسى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: 19 -قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ‹‹ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش›› دەپ كۆرسىتىلدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ھەممەيلەننى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. چېن چۈەنگو ئىشچىلارنى دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ماھارەتنى پىششىق ئىگىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەكچان قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ، ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
      چېن چۈەنگو مەھەللە خەلققە قولايلىق كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىغا كىرىپ، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ باھاسى، مال كىرگۈزۈش يولىنى سورىدى. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرىدىكى مەھسۇلات تۈرىنىڭ مول، سۈپىتىنىڭ بىخەتەر، باھاسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى جېكىلىدى.
    چېن چۈەنگو مەھەللە پائالىيەت ئۆيىدە مەھەللە كادىرلىرى، ئاھالىلەر ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ تەسىراتى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى ئاڭلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. چېن چۈەنگو مەھەللە كادىرلىرىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە سەگەك، ئېتىقاد جەھەتتە قەتئىي، ھەرىكەت جەھەتتە ئاڭلىق، خىزمەت جەھەتتە كەسىپنى قەدىرلەيدىغان، ئىستىل جەھەتتە ئەمەلىي، پاكلىق جەھەتتە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇشقا؛ ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى ئەمەلىيەتنى مەۋقە قىلىپ، 19-قۇرۇلتاي روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ياخشى تەتبىقلاپ، تىرىشىپ تىنچ، مەدەنىي، باي ۋە گۈزەل مەھەللە قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ، كەڭ، ئەستايىدىل تەشۋىق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەش كېرەك. ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ۋە توغرا بولۇش، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹ئوننى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش››نى نۇقتىلىق ياخشى ئىگىلەش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچەش نۇقتىسىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى ئىكەنلىكىگە، بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي نەتىجىلەر ۋە يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى قاتارلىق زور سىياسىي ھۆكۈملەرنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە ئىشەنچىگە ئېرىشكەن رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىكەنلىكىگە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان، خەلق ھۆرمەتلەيدىغان، پارتىيەنىڭ داھىيسى بولۇشقا مۇناسىپ داھىي ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. شەكىلنى بېيىتىپ، ئېھتىياتچان ھەم جانلىق بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرگە ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ۋە سۇپا، ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىش، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئاساسىي قاتلامدا ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشتا ئامما چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ سۆزلەپ، ئامما قاتنىشىشنى ياقتۇرىدىغان شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى چۈشىنەلەيدىغان، ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىش كېرەك.
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى