تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى شىنجاڭ زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار، تارماقلار پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى 

  شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار، تارماقلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىدى. جايلار، ئورۇنلار، تارماقلار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچىمىزنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا مۇجەسسەملەپ، يېڭى روھىي قىياپەت، يېڭى خىزمەت نەتىجىسى بىلەن، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى شىنجاڭ زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىمىز.
      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئورگان پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى ھەم 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم  سۆز قىلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندىكى ئاخبارات فىلىمىنى كۆردى. ئارقىدىنلا، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى دۆلەت بايرىقى ئالدىدا پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلىدى. ئۈچ نەپەر پارتىيە ئەزاسى ۋەكىلى تەسىراتىنى سۆزلەپ، پىكىر ئالماشتۇردى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ  19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا، ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تولۇق، ئۆز ئەينى ئۆگىنىپ، يادرولۇق مەزمۇنىنى ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئىگىلىشى كېرەك. ئىدىيەسىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپ، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئارقىلىق قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى كەم  – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش؛ يادروغا سادىق بولۇپ، يادرونى قوغداش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداشنى ئەڭ زور سىياسىي قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ،  ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ روھقا ۋارىسلىق قىلىپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. ‹‹قىزىل كېمە روھى››نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش كېرەك. ھازىر، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك.  
      ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەيمىز
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگەندى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي كاتتا قۇرۇلتاي، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش  نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سىياسىي ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىشتا ئالاھىدە بۇرچ ۋە زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتى، 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 19 –  قۇرۇلتايغا بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەينەن، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ھەم بۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى قاتارلىقلار بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشەنچنى، ئۆگىنىش ئارقىلىق دادىل مەسئۇل بولۇشنى، ئۆگىنىش ئارقىلىق ساداقەتمەن بولۇشنى، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى باشلامچىلىق بىلەن ھىمايە قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنىتزامىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا يىلتىز تارتىپ مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە بارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى پىلانلاپ، قانات يايدۇرۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئادا قىلىپ، ‹‹مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش››تەك قەتئىيلىك بىلەن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.
       ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى: روھنى ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكتىلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر شەرھلىنىشى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۆتۈلگەن جانلىق پارتىيە دەرسى بولدى. بىز پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىدىكى تەلەپلەر بويىچە ھەر ۋاقىت سېلىشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ ئېلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغۋار غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
يىغىندا ئورگاندىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلىدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بارلىق پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تەكرار، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، بۇنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھپىسىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر چيەن جى، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.
      ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىمىزنى ئاڭلىق قوراللاندۇرۇپ، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلىدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئورگاندىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىچە مەسئۇلىيەت، يېڭىچە ئىستىل بىلەن يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، دەۋرگە، پارتىيەگە، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى سەھىپىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئىلگىرىلەش كېرەك. پارتىيەگە سادىق بولۇپ، تىل بىلەن دىلنى بىردەك قىلىپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك. يادرونى قوغداپ، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئېتىقادنى چىڭىتىپ، مەقسەتتە بوشاشماي، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بارلىق زېھىن ۋە كۈچنى ئەمەلىي ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەشكە قارىتىش كېرەك. ئىشنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ، ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر بىر خىزمەتنى ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خەن جۈن يىغىنغا قاتناشتى.
       شىنجاڭ گېزىتخانىسى: يېڭى دەۋر، يېڭى ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمىز
شىنجاڭ گېزىتخانىسى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى، 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە تەھرىر ھەيئىتى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومېتىتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەم 19 – قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى.
يىغىندا گېزىتخانا پارتكومىنىڭ شۇجىسى شۈ شىنجياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گېزىتخانىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر دوكلاتتىكى يېڭى دەۋر، يېڭى بۇرچ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى مۇساپىنىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتايىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى كېرەك. تارماقلار، قاراشلىق ئورۇنلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە ئەڭ مۇھىم چوڭ ئىش دەپ بىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشتە، تەكرار ئۆگىنىشتە، خىزمەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ماھىيىتى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، شۇنداقلا 19 – قۇرۇلتاي روھى ئارقىلىق ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.   
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بارلىق مۇخبىر، تەھرىر، تەرجىمانلار 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىنى چوقۇم قايتا – قايتا چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ ئوقۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، 19 – قۇرۇلتاي روھىنىڭ ماھىيىتى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەش ۋە چۈشىنىش ئاساسىدا، 19 – قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا، جانلىق ياخشى ئىشلەپ، 19 – قۇرۇلتاينى تەشۋىق قىلىشتا ئاڭلاپ بىلەلەيدىغان بولۇش، چۈشىنەلەيدىغان بولۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈشى كېرەك.


( لى ياڭ، جاۋ جىيۈن، جاڭ بېي، گو شياڭ، چېن ۋېن)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى