تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرەيلى

  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  يېڭى دەۋر يېڭى نەزەرىيەگە موھتاج، يېڭى نەزەرىيە يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلىپ، بۇ يېتەكچى ئىدىيەنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنى چوڭقۇر شەرھلەندى ھەمدە پارتىيە نىزامنامىسىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن بىللە پارتىيەنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تارىخىي تۆھپىسى، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىمى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىدىن ئىبارەت پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ جېنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىلمىي نەزەرىيەگە موھتاج. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ، بىز ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئۇلۇغۋار ئىشلار بىر قاتار زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلدى، بۇنى يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت زور دەۋر تېمىسىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ زور دەۋر تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋر شارائىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېپيېڭى نەزەر بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىلمىي، سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ئىلمىي نەزەرىيە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئومۇميۈزلۈك ئاچتى.

  ئىلمىي نەزەرىيە ئۇلۇغ ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىسى. يېڭى دەۋردە تۈرلۈك جاپا – مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇلار ئالدىدا ئۇلۇغ ئارزۇنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشقا ئاشۇرۇش، تېز ئۆزگىرىۋاتقان دەۋردە تەشەببۇسكارلىققا ئېرىشىش، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىدىغان بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ يىراق كەلگۈسى نەزەر بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، نەزەرىيە جەھەتتە يېڭى نەزەر دائىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، نەزەرىيەنى يېڭىباشتىن يىغىنچاقلاش كېرەك. ‹‹سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش››تەك ئاساسىي مەزمۇن، ‹‹14تە چىڭ تۇرۇش›› تەك ئاساسىي تەدبىر سىستېمىلىق، مۇكەممەل ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلنىڭ ئىنتايىن قالتىس بەش يىل بولۇشى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەب، دەل مۇشۇ ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ يېتەكچىلىكى بولغانلىقىدا.

  ماركسىزم ئوچۇق، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيە سىستېمىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ھازىرقى زامان جۇڭگوچە ماركسىزمى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. بۇ ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئۇ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش نىشانى، باش ۋەزىپىسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئۇسۇلى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچى، تاشقى شارائىتى، سىياسىي كاپالىتى قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ ماركسىزم ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ماركسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى، پارتىيەنى باشقۇرۇش – پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، ئۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى يول باشلىغۇچى ماياك.

  بارلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەت ئىدىيەنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج. يېڭى دەۋر يېتىپ كەلدى، تېخىمۇ گۈزەل يېڭى مۇساپە باشلىنىۋاتىدۇ. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزساقلا، چوقۇم يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭى بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاممىنىڭ بىزدىن كۈتكەن يېڭى ئۈمىدىنى يەردە قويماي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل