تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

باغچىدىكى‹‹خۇشپۇراق گۈللەر››

تۇرغۇن ئىبراھىم، ئالتۇنگۈل ھاشىم

    مۇشۇ كۈنلەردە ‹‹باغچە›› دېسە، ئاقسۇ شەھىرىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئىگەرچى يېزىسىنىڭ باغچى كەنتى كېلىدىغان بولدى. چۈنكى بۇ كەنت يېقىنقى يىللاردا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ‹‹خۇش پۇراق گۈللەر›› پورەكلەپ ئېچىلغان ئىسمى – جىسمىغا لايىق ‹‹باغچە››گە ئايلانغانىدى. بىز يېقىندا بۇ كەنتنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بۇ ‹‹خۇش پۇراق گۈللەر››دىن ئۈچ دەستە تىزىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇق.

1


    باغچى كەنتىنىڭ 1 – گۇرۇپپىسىدىكى ئابلاجان ئابدۇسەمەت بۇلتۇر يازدا ئۆي سېلىشقا تۇتۇش قىلدى، ئەمما پۇلى يەتمەي ئازراق يېرىنى ساتىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىدىن كەنتتىكى شياۋ خۇي دوختۇر قانداق خەۋەر تېپىپ قالدىكىن! بىر كۈنى ئۇ ئابلاجان ئابدۇسەمەتنى ئىزدەپ كەلدى:
    - ئابلاجان يەر ساتىدىكەن، دەپ ئاڭلىدىم، بۇ راستمۇ؟
    -  مېنىڭغۇ ساتقۇم يوق ئىدى، لېكىن شۇ...
    - يەرنى سېتىۋەتسەڭلار بىر ئائىلە كىشىلىرى قانداق قىلىسىلەر؟ بولدى، يەرنى ساتماڭ، مەن پۇل بېرىپ تۇراي.
    ئابلاجان ئابدۇسەمەت 2015 – يىلى دادىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىمەن، دەپ قەرز بولۇپ قالغاندىمۇ، شياۋ خۇي دوختۇر ياردەم قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئابلاجان ئابدۇسەمەت شياۋ خۇي دوختۇرغا نۇرغۇن كۆڭۈل قەرزى بولۇپ قالغانىدى، ئەمدى ئۇنىڭغا يەنە ئېغىرچىلىقىنى سالغۇسى يوق ئىدى، شۇڭا ئۇ يۈزى قىزارغان ھالدا:
    - شياۋ خۇي ئاكا، سىزگە بەك ئېغىرىمىزنى سېلىۋەتتۇق، پۇلىڭىزنى ئالمايمەن، - دېدى.
    - نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز، يۇرتداشلار قىيىن كۈنلەردە بىر – بىرىمىزگە ئەسقاتمىساق قانداق بولىدۇ؟ بولدى، شۇنداق بولسۇن، سەل تۇرۇپ پۇلنى ئەكىلىپ بېرەي، يەنە دەپ قوياي، يەرنى ساتماڭ.
    شياۋ خۇي دوختۇر گېپىدە تۇردى، شۇ كۈنى كەچتە 5000 يۈەن ئەكىلىپ بېرىپ، ئابلاجان ئابدۇسەمەتنى غەمدىن خالاس قىلدى.
    يۇرتداشلىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشنى شياۋ خۇي دوختۇر بۇرۇنلا ئۆزىگە ئادەت قىلغانىدى. 2003 – يىلى يازنىڭ تىنجىق بىر كېچىسى شياۋ خۇي دوختۇرنىڭ ئىشىكى ئەنسىز قېقىلدى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتى، بۇ كېچە سائەت 1دىن ئاشقان چاغ ئىدى.
    - دوختۇر، ئېرىم بولالمايۋاتىدۇ، كۆرۈپ باقسىڭىز... - ئاغرىقنى ئېلىپ كەلگەن ئايال شۇنداق دېگىنىچە يىغلاپ كەتتى.
    - قېنى، ئاۋۋال ئۆيگە ئەكىرەيلى.
    تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولدىكى، كېسەل جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانىدى، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايتتى.
    - ھايالشىماي ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى، - دېدى شياۋ خۇي ئايالغا.
    - نېمىدە ئاپىرىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل... - ئايال دۇدۇقلىدى.
    - مېنىڭ ماشىنامدا ئاپىرايلى، تېز بولايلى، پۇلنىڭ كارى چاغلىق، كېسەلنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك.
    شياۋ خۇي دوختۇر كېسەلنى ئاپتوموبىلىغا سېلىپ، ۋىلايەتلىك 1 – دوختۇرخانىغا ئاپاردى ۋە دوختۇرخانىغا 1500 يۈەن تاپشۇرۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئالدۇردى.
    ئاغرىق ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ شالچىلىق مەيدانىدىكى تۇرغۇن تۇرسۇن بولۇپ، شياۋ خۇي دوختۇرنى بۇرۇنلا تونۇيتتى، شۇڭا شۇ كۈنى كېچىسى ئۇلار ئات ھارۋىسى بىلەن ئون نەچچە كىلومېتىر يولنى بېسىپ ئۇدۇل شياۋ خۇي دوختۇرنى ئىزدەپ كەلگەنىدى. تۇرغۇن تۇرسۇن بىر يىلدىن كېيىن شياۋ خۇي دوختۇرنىڭ دوختۇرخانىغا تاپشۇرغان پۇلىنى قايتۇرۇپ بەردى ھەم ئۇنى ھېيت – بايراملاردا يوقلاپ تۇردى.  
    شياۋ خۇي دوختۇر باغچى كەنتىدىكى تۇرسۇن مۇنىياز، بۇسارىخان، تۇرغۇن بارات قاتارلىقلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندىمۇ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولغان. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى يۈەن شياۋ خۇي بولۇپ، تېببىي مەكتەپنىڭ ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىدى. 1990 – يىلى 22 ياشقا كىرگەن شياۋ خۇي نەچچە يىل بۇرۇن باغچى كەنتىگە كېلىپ، ئولتۇراقلاشقان ئاتا – ئانىسىنى يوقلاپ كېلىپ، بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدى ھەم كەنت كومىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن 1995 – يىلى كەنتتە بىر داۋالاش ئورنى ئاچتى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ بۇ يەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، ئۇلارغا كەسپىي ئەخلاقى، ئادىمىيلىك پەزىلىتى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن مۇلازىملىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىگە ئايلاندى. ئۇ ھەر يىلى 5000دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ داۋالىدى، قىيىنچىلىقى بارلارغا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل بېرىپ تۇردى، ھەر يىلى قىيىنچىلىقى بار ئاغرىقلارنىڭ ئون نەچچە مىڭ يۈەنلىك دورا پۇلىنى كۆتۈرۈۋەتتى، كەنتتىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار ۋە ياشانغانلارنى ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن يېزىلىق شىپاخانا، ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ دورا ئېلىپ بەردى. ئۇ بۇ ئاددىي، ئەمما ئۇلۇغ ئىشلىرى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەڭگۈ توزۇماس خۇش پۇراق گۈلىنى ئېچىلدۇردى.

2


    1966 – يىلى ئەتىيازنىڭ سېرىقتال مەزگىلىدە جاۋ فامىلىلىك ئەر – خوتۇن ئىككى بالىسى بىلەن باغچى كەنتىنىڭ 3 – گۇرۇپپىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشتى. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ چوڭ بالىسى جاۋ گۇيلەن 12 ياشتا بولۇپ، تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى. شۇ كۈنلەردە كەنتتىكى ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇشى كۆپ پەرقلەنمەيتتى، ئەمما ئۇيغۇر قوشنىلار ئۆزىدىن ئېشىنىپ ئۇن، ياغ، زاغرا، كىيىم – كېچەكلەرنى ئۇلارغا ئەكىرىپ بېرەتتى. ئۇلار تىل بىلمىگەچكە، كۈلۈمسىرەش بىلەنلا مىننەتدارلىق بىلدۈرەتتى. جاۋ گۇيلەندە شۇ چاغدىلا قىيىن كۈنلەردە ياخشىلىق قىلغان ئۇيغۇر قوشنىلىرىغا كەلگۈسىدە ئوبدان جاۋاب قايتۇرۇش ئىستىكى قوزغالغانىدى. ئۇ شۇ ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى ئۆگەندى ۋە قوشنىلىرى بىلەن يېقىن ئۆتتى. ياتلىق بولغاندىن كېيىنمۇ مۇشۇ كەنتتە ئولتۇردى.
    جاۋ گۇيلەن ھېيت كۈنلىرى ئۇيغۇر قوشنىلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھېيتلىدى، چاغاندا ئۇلارنى چاقىرىپ مېھمان قىلدى. شۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، پولۇ، لەڭمەن ئېتىشنى ئۆگىنىۋالدى، ئۇيغۇر قوشنىلىرىنىڭ ئۆيىدە ئۆلۈم – يېتىم بولسا، داستىخان تەييارلاپ پەتىلىدى. تۇرمۇشى ياخشىلانغاندا ئەتراپىدىكى قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇر قوشنىلىرىدىن ياردىمىنى ئايىمىدى. كىم پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، ئىككىلەنمەي بېرىپ تۇردى. مەھەللىدىكى تۇل موماي مىراجىخاننىڭ ئۆيى بىر قېتىملىق قاتتىق يامغۇردا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، تۇرىدىغان ئۆيى يوق تېنەپ يۈرگەندە، جاۋ گۇيلەن ئۇنى ئۆيىگە ئەكىلىپ تۇرغۇزۇپ، تۈگەپ كەتكۈچە ھالىدىن خەۋەر ئالدى. غۇلام تۇرغۇننىڭ تېرىلغۇ يېرى ئاز بولغاچقا، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئىدى. جاۋ گۇيلەن ئۇنىڭ قىيىن كۈندە قالغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم پۇل، ئاشلىق بېرىپ تۇردى. ئەمەر نىزامىدىننىڭ بالىلىرى كۆپ بولغانلىقتىن، دائىم ئۇنىڭدىن گۈرۈچ ئۆتنە ئالاتتى. كېيىن بالىلىرى چوڭ بولۇپ، تۇرمۇشى ياخشىلانغاندا، ئۇ جاۋ گۇيلەننىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ئۇنتۇپ قالماي، ھېيت – بايرام كۈنلىرىدە جاۋ گۇيلەننى يوقلاپ تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.  
    باغچى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇۋېلى ئابباس ئەر – خوتۇن مۇنداق دېدى: بىز 30 يىلدىن بۇيان، جاۋ گۇيلەن بىلەن قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇۋاتىمىز، سىرتقا چىقماقچى بولساق، ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى بىر – بىرىمىزگە بېرىپ قويىمىز، ھېيت – بايراملاردا قۇدىلىرىمىز بىلەن تەڭ چاقىرىپ مېھمان قىلىمىز، بۇلتۇر ئىككى ئائىلە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى بويىچە تۇغقان بولدۇق.

3


    6 – ئايلاردا باغچى كەنتىنىڭ 3 – گۇرۇپپىسىغا بېرىپ قالسىڭىز، قاتار – قاتار چىرايلىق ئۆيلەر ۋە يولغا سايە تاشلاپ تۇرغان رەت – رەت ئۈجمە دەرەخلىرى زوقىڭىزنى قوزغايدۇ. مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئۈجمە يەپ تۇرۇپ: ‹‹بۇ ئۈجمىلەرنى ياۋ چاڭ ئۇلىغان، مەھەللىمىزدە ئۇنىڭ قولى تەگمىگەن ئۇلاق، ئايىغى تەگمىگەن باغ يوق›› دېگەن ماختاشلىرىنى ۋە بۇ ماختىنىشنىڭ كەينىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئاڭلايسىز.
    ياۋ چاڭ باغ پەرۋىشى ۋە پارنىك تېرىقچىلىقى جەھەتتىكى تېخنىكىسىنى بۇ يەردىكى ئۇيغۇر قوشنىلىرىدىن ئايىمىدى. ئۇ 20 نەچچە يىللىق قوشنىسى ئابدۇرېھىم قادىرنىڭ ئون مو ئالمىلىق بېغىدىكى ئالما كۆچەتلىرىنى ھەقسىز ئۇلاپ، چاتاپ، دورا چېچىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا باغ پەرۋىشىدىكى نازۇك تېخنىكىلارنى ئۆگىتىپ قويدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ بېغى كەنتتىكى ئەڭ ياخشى ئالمىلىق باغقا ئايلىنىپ، يىلدا 70 مىڭ يۈەندىن 80 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىدىغان بولدى. مەھەللىدىكى ئايشەمخان قاتارلىق ئۈچ ئائىلە ياۋ چاڭنىڭ گۈل ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، پارنىكتا گۈل يېتىشتۈرۈپ، ئائىلە كىرىمىنى كۆپەيتمەكتە. بەزى ئۇيغۇر قوشنىلار ياۋ چاڭنىڭ ئەرزان باھادا بەرگەن گۈلىنى بازاردا سېتىپ تۇرمۇشىنى قامدىماقتا.
    ياۋ چاڭنىڭ بىر ئاپتوموبىلى بار ئىدى، ئۇ قولۇم – قوشنىلىرىغا قاچان ئاپتوموبىل كېرەك بولسا، ئاپتوموبىلى بىلەن ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلدى، كىم جىددىي كېسەل بولۇپ قالسا، ئاپتوموبىلى بىلەن دوختۇرخانىغا ھەقسىز ئاپىرىپ قويدى. ئابلا مامۇتنىڭ دىيابېت كېسىلى بولۇپ قالغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغانىدى، بەزىدە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسىلى جىددىي قوزغىلىپ قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا ياۋ چاڭ ئابلا مامۇتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئەكىلەتتى. بالىلىق چاغدىكى دوستى ئېزىز قادىر بۇلتۇر ئۆي سېلىشقا تۇتۇش قىلىپ پۇلى يېتىشمىگەنىدى، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ياۋ چاڭ ئۇنىڭغا 20 مىڭ دانە خىش ئەكەلدۈرۈپ بەردى. ياۋ چاڭ 2010 –، 2013 – يىللىرى ئىككى قىزىنى ياتلىق قىلغاندا، ئۇيغۇر قولۇم – قوشنىلىرىنى ئاقسۇ شەھىرىدىكى ‹‹ۋىسال›› رېستورانىغا چاقىرىپ، توينى يېڭى مەزمۇنغا ئىگە قىلدى.
    ياۋ چاڭ مۇنداق دېدى: ئەينى يىللىرى بىز بۇ يەرگە ماكانلاشقاندا ئۇيغۇر قولۇم – قوشنىلار كۆپ ياردەم قىلغان، يەر تېرىغاندا تىراكتور، ئات – ئۇلاغلىرىنى بېرىپ تۇرغان، كۆكتاتلىرىمىزنى ئوغۇتلاش ئۈچۈن ئېغىلىدىكى قىغلىرىنى ھەقسىز بەرگەن. مەنمۇ قولۇمدىن كەلسىلا ئۇلارغا ياردەم قىلىپ تۇردۇم. ئۆزئارا ياردەم بېرىش مېھىر – مۇھەببەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەلبلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ‹‹خۇش پۇراق گۈللىرى››نى ئېچىلدۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ