تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، پارتىيەنىڭ ئالىي بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلايلى

  شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1–قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، پارتىيەنىڭ ئالىي بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلايلى

  سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىقلار 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەيدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان يىغىن زالىدا ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي/جېجياڭ جياشىڭ، 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتە ئۆتۈپلا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭنى باشلاپ، 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى بېيجىڭدىن شاڭخەي ۋە جېجياڭ جياشىڭغا بېرىپ، شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ۋە جېجياڭ جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى قايتا ئەسلەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ قەتئىي سىياسىي ئېتىقادىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلىغىلى بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەيدىكەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت چوڭ كېمە جەزمەن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، شانلىق غەلىبە قىرغىقىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارالايدۇ.

  شى جىنپىڭ قاتارلىقلار 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، شاڭخەي شەھىرى ‹‹شىڭيې›› يولى 76 – نومۇردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا كەلدى. تارىخنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىغا گۇۋاھ بولغان شىكۇمېن بىناسى 1952 – يىلى 9 – ئايدا قايتا رېمونت قىلىنىپ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئاۋات زامانىۋى شەھەرنىڭ مەركىزىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 96 يىلنىڭ ئالدىدا، يەنى 1921 – يىلى 7 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش بولغانىدى.

  شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ‹‹شىڭيې›› يولىدا ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ پىيادە مېڭىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئىلگىرى شاڭخەيدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە بۇ يەرگە ئۈچ قېتىم كەلگەنىدى. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئالدى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان يىغىن زالىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىغا ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قارىدى. 18 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆي قۇرۇلتاي ئېچىلغان ئەينى چاغدىكى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. شى جىنپىڭ ئۆيگە خېلى ئۇزاق نەزەر سالغاندىن كېيىن، قۇرۇلتاي ئېچىلغان ئورۇننى قەتئىي ياخشى قوغداش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ جاينى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ‹‹تۇغۇت كارىۋىتى›› دەپ ناھايىتى ئوبرازلىق تەرىپلىگەنىدى، مېنىڭچە، بۇ يەرنى بىز كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەنىۋى ماكانى، دېيىشكە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئارقىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ كوللېكتىپ قاپارتما ھەيكىلىگە ئېھتىرام بىلدۈردى، ‹‹ئۇلۇغ باشلىنىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى كۆرگەزمىسى››نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ‹‹ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىش، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قېلىش››، ‹‹ياخشى پۇرسەتتە جەم بولۇپ، پارتىيە قۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىش››، ‹‹دانالار يىغىلىپ ئۇلۇغ ئىشلارنى باشلاش›› قاتارلىق مەخسۇس تېمىدىكى كۆرگەزمە رايونلىرىدا نۇرغۇن ئەمەلىي بۇيۇم ۋە سۈرەتلەر كۆرگەزمىگە قويۇلغانىدى، كۆرگەزمىگە قويۇلغان ھەيكەللەر ۋە قۇم مودېللارمۇ بار ئىدى. شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپتىن تەپسىلاتلارنى سورىدى. ئۇ قاپارتما ھەيكەلگە قارىغىنىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان 13 ۋەكىلنىڭ ئىسمىنى بىرمۇبىر تىلغا ئالدى ھەم قەھرىمانلارنىڭ كۆپلەپ چىققانلىقىغا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەسكىن كۈرەشتە سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىز قۇرۇلغان چاغدىكى ھەر بىر مەدەنىي يادىكارلىق ناھايىتى قىممەتلىك، ھەر بىر مەنزىرە كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ، بىز بۇنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇشىمىز، چوڭقۇر ئويلىنىپ ئەستايىدىل ئىزدىنىشىمىز، بۇنىڭدىن پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى يېشىپ چۈشىنىشىمىز كېرەك.

  ‹‹ئارزۇغا ئىنتىلىش›› تېمىسىدىكى قىسقا فىلىمدە پارتىيەمىزنىڭ ھەيۋەتلىك كۈرەش مۇساپىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار قەدىمىنى توختىتىپ، فىلىمنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن تارىخى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيىدىن باشلانغان. بىز قانچىلىك ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، باسقان يولىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.

  خاتىرە سارىيىنىڭ قەسەم بېرىش زالىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چوڭ بايرىقى ئېسىلغانىدى. شى جىنپىڭ پارتىيە بايرىقى ئالدىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلىدى. شى جىنپىڭنىڭ قەسەم بېرىشنى باشلىشىغا ئەگىشىپ، زالدا جاراڭلىق قەسەم ساداسى ياڭرىدى. بۇنى كۆرگەن نەق مەيداندىكى كىشىلەر ھاياجانلانغىنىدىن خۇددى ئەينى چاغدىكى بوران – چاپقۇنلۇق يىللارغا قايتقاندەك بولدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنىڭ خەت سانى كۆپ ئەمەس، ئۇنى ئەستە چىڭ تۇتۇش ئۇنچە تەس ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭغا ئۆمۈر بويى ئەمەل قىلىش تەس. ھەر بىر كومپارتىيە ئەزاسى پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى، ئۇنىڭغا دائىم ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تۇرۇشى، ئۇنىڭدىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىكى ۋە ئۆمۈرۋايەت ئىرادىسىدىن يانماسلىقى كېرەك.

  شى جىنپىڭ قاتارلىقلار 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چۈشتىن كېيىن شاڭخەيدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ، جېجياڭنىڭ جياشىڭ شەھىرىگە كەلدى ھەم داۋاملىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئىزنالىرىنى بويلاپ ماڭدى. ئەينى چاغدا شاڭخەيدە ئېچىلىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى شاڭخەيدىكى فىرانسىيە كونسېسسىيەلىرىنىڭ قوغلاپ تۇتۇشى ۋە ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ، جېجياڭ جياشىڭغا جىددىي يۆتكىلىپ، نەنخۇ كۆلىدىكى بىر كېمىدە داۋاملىق ئېچىلغان ھەم كېمىدە قۇرۇلتاينىڭ بارلىق قارالمىلىرىنى تاماملىغان، قىزىل كېمىنىڭ داڭقى شۇنىڭ بىلەن جاھانغا تونۇلغانىدى.

  مەيىن شامالدا نەنخۇ كۆلى يېنىك دولقۇنلىنىپ تۇراتتى، چۈشتىن كىيىن سائەت 4 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ يەرگە كەلدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كۆلنىڭ بويىغا كېلىپ، قىزىل كېمىگە ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قارىدى، قىزىل كېمە ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كىچىككىنە قىزىل كېمە ئۇلۇغ بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب چوغىنى ياندۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسىر ھالقىغان ئۇلۇغ سەپىرىنى باشلىدى.

  شى جىنپىڭ قاتارلىقلار نەنخۇ كۆلىدىن ئايرىلىپ، نەنخۇ ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا باردى. شى جىنپىڭ 2006 – يىلى 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا بۇ خاتىرە سارىيىغا ئۆزى ئۇل سالغانىدى، 2011 – يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا بۇ خاتىرە سارىيى پۈتۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەنىدى.

  خاتىرە سارىيىنىڭ يۇمىلاق ئالدى زالىدىكى قىزىل رەڭلىك نەپىس كېمە ھەيكىلى خۇددى راستتەكلا كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭدىكى چوڭ ئورغاق، بولقا نەقىشى كۆزنى قاماشتۇراتتى، بۇلار قوشۇلۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو ناملىق غايەت زور ‹‹كېمە››گە يول باشلاپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىدەك مەنانى بىلدۈرگەنىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار بۇ جايدىن ‹‹يېڭى دەۋر ئېچىش›› باش تېما قىلىنغان كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىزدىنىش يولى››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى›› قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بۇ جايدا كۆرگەزمە قىلىنغان بۇيۇملار ۋە سۈرەتلەر شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايدىكى كۆرگەزمە بىلەن بىر – بىرىنى دەلىللەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى تەپسىلىي خاتىرىلىگەنىدى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ دائىمىي كومىتېتتىكى باشقا يولداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خاتىرە سارىيىغا ئۇل سېلىنغان شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا، مەن خاتىرە سارىيى پۈتكەندە كېلىپ كۆرۈشنى ئويلاپ يۈرگەنىدىم، بۈگۈن بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىپ، ھەقىقەتەن چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولدۇم ۋە ئىلھاملاندىم. مەن جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە ‹‹قىزىل كېمە روھى››نى يېڭى دەۋر ئېچىپ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئىجادكارلىق روھى، غايىنى چىڭىتىپ، ئېگىلمەي – سۇنماي كۈرەش قىلىش روھى، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە سادىق بولۇشتەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، دېگەنلەرگە يىغىنچاقلىغانىدىم. بىز ‹‹قىزىل كېمە روھى››نى دەۋر ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئېكسكۇرسىيەنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى بارلىق يولداشلار بۇ قېتىم پارتىيەمىزنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى، بولۇپمۇ پارتىيەمىز قۇرۇلغان چاغدىكى تارىخنى ئەسلەپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئالىيجاناب روھىدىن ئۆگىنىپ، زىممىمىزدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كوللېكتىپ سەپەر قىلدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي، جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە پارتىيەمىزنىڭ ئارزۇسى قاناتلانغان جاي. پارتىيەمىز بۇ يەردە دۇنياغا كېلىپ، بۇ يەردىن ئاتلىنىپ، بۇ يەردىن پۈتۈن مەملىكەتكە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىغا چىقتى. بۇ يەر پارتىيەمىزنىڭ يىلتىزى، تومۇرى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹كۆپلىگەن ئىشلار باشلانغاندا ئاسان بولىدۇ، ئاخىرىغا بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ››. 96 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ۋە ئىپتىخارلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، تارىخقا جاۋاب، ئەجدادلارغا تەسەللى بېرىپ، ئەلرايىنى مايىل قىلىپ، دەۋرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ، ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، توختىماي ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە ۋەزىپىسى پىلانلاندى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئۈزلۈكسىز يېتەكلىشى؛ كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەملەپ، گۈزەل كەلگۈسى ۋە ئالىي غايىنى كۆزلەپ قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلىشى؛ باشتىن – ئاخىر كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلانماي ۋە ئالدىراقسانلىق قىلماي، جاپا – مۇشەققەت ۋە خەۋپ – خەتەردىن، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ بۇ يەردىن ئايرىلىش ئالدىدا، خاتىرە سارىيىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ، كۆپچىلىكنى پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچكە ئىگە بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇش بىلەن بىللە، كىشىلىك ھاياتىنىڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشكە ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرىدىن دىڭ شۆشياڭ، لى چياڭ، چېن شى ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شاڭخەي شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ