تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 –نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4–ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

  يىغىندا ‹‹ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك كومىتېتى 4–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش توغرىسىدىكى قارارى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

چېن چۈەنگو يىغىندا سۆز قىلدى

ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنى 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. (سۈي جىجيەن فوتوسى)

ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنى 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. سۈرەتتە: يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش. ( سۈي جىجيەن فوتوسى)

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، يۈەن لېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنى 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىدىيەنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

  يىغىندا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ‹‹ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش توغرىسىدىكى قارارى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىندا سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىن جەريانىدا يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى چۆرىدەپ ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ناھايىتى مۇھىم قۇرۇلتاي، يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرىنى باشلىغان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتتا باشتىن – ئاخىر ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى پارلاپ تۇرىدىغان بولۇپ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىلگەن، تەدبىر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، كەلگۈسى پىلانلانغان ياخشى دوكلات، ماركسىزمنىڭ شانلىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشى، يېڭى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشى، يېڭى سەھىپە يارىتىشىدىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى، يولداش شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، بۇ تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى، دەۋرنىڭ تاللىشى، پارتىيەنىڭ بەختى، دۆلەتنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ بەختى بولۇپ، بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتە باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن مۇھىم دوكلات بىلەن پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ئاچقۇچ بولۇپ، ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشكە، ئەتراپلىق ئۆزلەشتۈرۈشكە، پۇختا ئىگىلەشكە كۈچەپ، ئىدىيەۋى جەۋھىرىنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ بىلەن كاللىنى ھەقىقىي قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرۇلتاي روھىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ئومۇميۈزلۈك تارقىتىشقا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىگە ئورنىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، پارتىيەنى نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرىغا يۈزلەنگەن كۆپ خىل شەكىللىك، كۆپ قاتلاملىق، تولۇق قاپلىغان ئۆگىنىش – تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، توغرا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، پىرىنسىپىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەينەن ۋە ئەسلىي پېتى ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي تەتبىقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بولۇش ئاساسىدا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچەش نۇقتىسىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى پارتىيە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە دېگەنگە، بەش يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى قاتارلىق زور ھۆكۈملەرنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان، خەلق قەدىرلەيدىغان، داھىي بولۇشقا مۇناسىپ بولغان پارتىيەنىڭ داھىيسى ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىپ، قەلبلەرگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى مەركەزلىك ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ۋە تولۇق ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشى ۋە ئەتراپلىق ئىگىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى)لىرى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىرلارنى مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلىشى، پارتىيەلىك كادىرلارنى قارار ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ سىستېمىلىق تەربىيەلىشى؛ ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، خادىم، ۋاقىت، مەزمۇن، ئۈنۈمدىن ئىبارەت ‹‹تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش››نى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاڭلىق، ئەستايىدىل، تەكرار ۋە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تولۇق ئۆگىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، 19 – قۇرۇلتاي روھىغا دائىر لېكسىيە سۆزلەش لايىھەسىنى مەخسۇس تۈزۈپ چىقىپ، خەۋەر قىلىش، تەشۋىق قىلىشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل تاراتقۇلار مەخسۇس ئىستون ۋە مەخسۇس تېما تەسىس قىلىپ، ئەتراپلىق پىلانلاپ، مەركەزلىك خەۋەر قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قويۇق جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا تەشۋىق قىلىشنى ئەتراپلىق پىلانلاپ، ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، گازارما، تۈەن – مەيدان، ليەندۈيلەرگە، تور بېكەتلىرىگە يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كۆپ خىل يېزىقتا كىتابچە قىلىپ تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆگىنىشىگە بېسىپ تارقىتىپ بېرىش؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ ۋە يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈش، ھەممەيلەنگە بىلدۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەشۋىقات – لېكسىيە پائالىيىتىنى ئەتراپلىق تەشكىللەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئامما چۈشىنەلەيدىغان، ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان قىلىپ ھەقىقىي ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلەپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، چوڭقۇر ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بىلەن، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش بىلەن، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› باش تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش بىلەن، ھازىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يىللىق نىشان – ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىنىنى ھەقىقىي ياخشى ساقلاپ، مۇقىم قىلىپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. بىرىنچى، ئىناقلىق، مۇقىملىق يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››دا غەلىبە قىلىپ، ‹‹ئۈچ ھەمتۈرتكە›› بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››غا تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال سىڭدۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەققە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، ئاجىزلار ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغان بولۇشتا تىرىشىپ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، دىنلار ئىناقلىقى يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى سىجىل، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتى يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىقات – تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە توغرىسىدىكى تەتقىقات سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەتتىنچى، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇداپىئە كۆرىدىغان ئادەمنى، مۇداپىئە ئەشياسىنى، مۇداپىئە تېخنىكسىنى بىرلەشتۈرۈش، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلق ئەسكەرلىرى، خەلق بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلىشىپ كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سەككىزىنچى، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، ئاق قار – كۆك مۇزنىڭ ئۆزىمۇ بايلىق، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۆۋەن چەك، قىزىل سىزىق، ‹‹يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى›› ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك. توققۇزىنچى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات – تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ‹‹بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر شاھمات تاختىسى›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، پېچلىق، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئونىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ زور سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە يادرونى تونۇپ، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەت جەھەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يادرونى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، يادروغا ھۆرمەت قىلىپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوراللاندۇرۇپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاپ، ئىدىيە يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتايلى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  يىغىن ھەيۋەتلىك ‹‹ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى›› ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى