تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  يېڭى ئىدىيە يېڭى دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يېڭى بۇرچ يېڭى مۇساپىنى باشلايدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قېتىملىق قۇرۇلتىيى تۈرلۈك قارالما ۋە ئالىي بۇرچنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. پارتىيەمىز مەڭگۈ بوشاشماس روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش قىياپىتى بىلەن، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى چالدى.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاي يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىنى تەستىقلىدى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلىدى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمە)››نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى. بۇ، بىر قېتىملىق ئىتتىپاقلىق قۇرۇلتىيى، غەلىبە قۇرۇلتىيى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قۇرۇلتىيى بولۇپ، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  قۇرۇلتاي يولداش شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتقا يۈكسەك باھا بەردى. دوكلاتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يەكۈنلەندى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ، يېتەرلىك بولماسلىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى قاتارلىق چوڭ – چوڭ سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى سىستېمىلىق شەرھلەندى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ، بايراق كۆتۈرۈلگەن، يۆنىلىش كۆرسىتىلگەن، تەدبىر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، ئۇلۇغۋار پىلان سۈرەتلەنگەن ياخشى دوكلات بولۇپ، پارلاق ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش، داۋاملىق يېڭى سەھىپە يارىتىشتىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى.

  قۇرۇلتاي پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ باشتىن كەچۈرگەن قالتىس كۈرەش مۇساپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار چوڭ – چوڭ فاڭجېن، سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار چوڭ – چوڭ تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بىر قاتار چوڭ – چوڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى بېجىرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ بېجىرىلمىگەن چوڭ ئىشلارنى بېجىردى. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر پارتىيەمىزنىڭ تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى››، بۇ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى توغرىسىدا چىقارغان ئىلمىي ھۆكۈمى، شۇنداقلا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا سىڭدۈرۈلگەن ئاساسىي لىنىيە. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا يېڭى دەۋرنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ۋە قەيسەرانە كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان زور كۈچ بولۇپ ئۇيۇشۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزم ئاساسىي قائىدىسىنىڭ جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ھالقىش، شۇنداقلا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا سىڭدۈرۈلگەن روھ. ‹‹سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش››تىن تارتىپ ‹‹14تە چىڭ تۇرۇش››قىچە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ دەۋر تېمىسىغا سىستېمىلىق جاۋاب بەردى ھەم يېڭى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى توغرىسىدا نەزەرىيەۋى تەھلىل يۈرگۈزدى ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە دەپ بېكىتىش پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەنلىكى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە بۇنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن پارتىيە 20 – قۇرۇلتىيىغىچە بولغان مەزگىل ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىدىكى تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلى. بۇ ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى تەرەققىياتىغا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدۇ. بىرىنچى باسقۇچ 2020 – يىلىدىن 2035 – يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئىككىنچى باسقۇچ 2035 – يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلىتىمىز باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ئەسلىدە بېكىتىلگەن ئىككىنچى 100 يىللىق نىشاننى مۇددەتتىن 15 يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى روياپقا چىقىرىشقا قۇدرىتى يېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. تارىخ قەتئىي ئىرادىلىكلەرنى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلەرنى، جان تىكىپ ئېلىشقانلارنى يەردە قويمايدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن تارتىپ زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقىچە بىز قەتئىي تەۋرەنمەي، بەلنى چىڭ باغلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنىڭ يېڭى مۇساپىدىكى ئۇلۇغۋار سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشىمىز كېرەك.

  تارىخ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر خام خىيالغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلىغۇسى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىنقىلابىيلىقنى تاۋلاش جەريانىدا تېخىمۇ كۈچلىنىپ، يېڭى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، پارتىيەمىز يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيەنى باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلالايدىغان، تۈرلۈك بوران – چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ ۋە سىناقلارغا تاقابىل تۇرىدىغان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن – ئاخىر مەملىكەت خەلقىنىڭ تايانچىسىغا ئايلىنىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تارىخىي مۇساپىدە باشتىن – ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشى كېرەك.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. نۆۋەتتە ئالدىمىزغا قويۇلغان بىرىنچى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل – پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەشتۈرۈش. پۈتۈن پارتىيە چوقۇم جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى ساقلاپ، مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، ئىتتىپاقلاشتۇرغىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كۈتۈپ تۇرماسلىق، ۋاقىتنى قىلچىمۇ قولدىن بەرمەسلىك روھى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.

  جۇڭخۇا مىللىتى نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەن تىز پۈكمەس ئۇلۇغ مىللەت، جۇڭگو خەلقى ئەمگەكچان، باتۇر، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان ئۇلۇغ خەلق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دادىل كۈرەش قىلىدىغان، دادىل غەلىبە قىلىدىغان ئۇلۇغ پارتىيە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ