تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جان تومۇرىمىز بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەيمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سۈپەت–تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى پەرھات مەخمۇت

  مەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر، كىچىكىمدىنلا جەنۇبىي شىنجاڭدا ياشاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشى، زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا جەنۇبىي شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردۈم ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇم: ئىقتىساد تېز يۈكسىلىپ، چۆل – جەزىرىلەر بوستانلىققا ئايلاندى، كەنتلەردە كەڭ ئاسفالت يوللار ياسالدى، ئامما يېڭى، ئازادە ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، دېھقانلار ئاشلىق تېرىسا، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋالسا، ئۆي سالسا تولۇقلىما بېرىلىۋاتىدۇ، كېسەل كۆرسەتسە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن، بالىلار 15 يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، ھەر يىلى سالامەتلىكىمىزنى ھەقسىز تەكشۈرتەلەيمىز… مەن تەستە قولغا كەلگەن بۇ مول نەتىجىلەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى ھەربىر قەدىمى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ. سەمىمىي غەمخورلۇق ئىشەنچنى ئاشۇردى، زور ئىلھام كۈچنى مۇجەسسەملىدى، ھەر مىللەت ئامما پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك›› دېگەن تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، مېھىر – مۇھەببەت، مەسئۇلىيەتچانلىق، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرۇشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، مېنىڭ ھەر بىر قەدەملىك ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەنلىكىنى ئېنىق بىلىمەن. پارتىيەگە، خەلققە سادىق بولۇش كوممۇنىستلارنىڭ ئەقەللىي تۆۋەن چېكى بولۇپلا قالماي، يەنە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئاساسىي ئىپادىسى. مەن چوقۇم پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمگە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا سادىق بولىمەن، ئىشنى چالا قىلماي، تەدبىرلەرنى ئۆزگەرتىۋەتمەي، ساختىلىق قىلماي، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەربىر خىزمەت تەدبىرىنىڭ يىلتىز تارتىشىغا، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن.

  كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي جەھەتتە سەگەك ئادەم بولۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن. قەتئىي سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇشنى ئۆزۈمگە قويغان بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي بىردەك بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە پوزىتسىيەمنى روشەن، مەيدانىمنى قەتئىي قىلىمەن.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سۈپەت نازارەتچىلىكى سىستېمىسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىسسىق قېنى ۋە ساداقىتى بىلەن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن ۋە يېتەكلەيمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مۇستەھكەم ئىشەنچ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، كۈچلۈك غەيرەت – شىجائەت بىلەن، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمەن.

  بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىزكېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ