تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيى 3–مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

  پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ ۋە تاشقى ئالاقە خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 21 – كۈنى تېلېگراممىسى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى 10 – ئاينىڭ 21 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 3 – مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، 19 – قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجيۇڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رەن ۋەنشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو يېجۇنى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ۋە پارتىيەنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  بىرلىك سەپ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدى، مۇستەھكەملەندى ۋە زورايدى

  جاڭ يىجيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، بىرلىك سەپ ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىش باش تېمىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىپ مۇستەھكەملەندى ۋە زورايدى. پارتىيەلەر كېڭىشىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك نازارەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈردى؛ جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى؛ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېجىل – ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملىدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى؛ مەملىكىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇردى؛ ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كېڭەيتتى، دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر مەقسەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى. بەش يىلدىن بۇيان، بىرلىك سەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، ھەرقايسى پارتىيە – گۇرۇھلار، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى مىللەت، ھەرقايسى كوللېكتىپ، ھەرساھە زاتلار دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىپتىخارلاندى ۋە ئىشەنچكە تولدى.

  مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا جۇڭگوچە توغرا يول تېپىپ چىقىلدى

  جاڭ يىجيۇڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر سىياسىتىنى موللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭىلىق ياراتتى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈردى. مىللەتلەر باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدى؛ مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى؛ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇپ، مىللەتلەرنى باراۋەر قانۇنىي ئورۇندىن بەھرىمەن قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلارنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى، ئورتاق بېيىشىنى، تەرەققىي قىلىشىنى قوللىدى؛ مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداپ، ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى قوللىدى ۋە راۋاجلاندۇردى. بىز ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى تېپىپ چىقتۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

  كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش تۈزۈمى تېز تەرەققىي قىلدى

  رەن ۋەنشياڭ مۇخبىرنىڭ كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش تۈزۈمى تېز تەرەققىي قىلىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيە بولۇشتەك فۇنكسىيەلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى. پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىشى ئۈزلۈكسىز قېلىپلاشتۇرۇلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى مەخسۇس ‹‹پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى تارقىتىپ، پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىش پىلانىنى ئۇدا ئىككى يىل تۈزدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر يىلى تۆت – بەش قېتىم پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى؛ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە بەرگەن 496 پىكىر – تەكلىپنىڭ كۆپ قىسمى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇلدى؛ دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ دائىرىسى ئەمەلىي كېڭەيتىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، 2016 – يىلىدىن باشلاپ، سەككىز دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھ مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرا – غەربىي رايوندىكى سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى دېموكراتىك نازارەت قىلدى، بۇ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى تۇنجى قېتىم مەخسۇس نازارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدى

  رەن ۋەنشياڭ مۇخبىرنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، بىرلىك سەپ مەركەزنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. 2017 – يىلى 6 – ئايغىچە، ئېلىمىزدىكى خۇسۇسىي كارخانا 24 مىليون 970 مىڭغا يەتتى؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قوشقان تۆھپىسىنى ‹‹56789›› بويىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، يەنى باجغا قوشقان تۆھپىسى %50 تىن ئاشتى، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى، چەت ئەللەرگە بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغ ئوتتۇرىچە %60تىن ئاشتى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70 تىن ئاشتى، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %80تىن ئاشتى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوشقان تۆھپىسى %90 كە يەتتى.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ‹‹دوستلار چەمبىرىكى›› ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى

  گو يېجۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىدە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت پارتىيەلىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ئالاقە ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، خىزمەتلەر زور دىپلوماتىيە تەرتىپىنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىلىپ، ئەلئارا دىپلوماتىيەگە ئەھمىيەت بېرىلىپ ۋە مەدەت بېرىلىپ، كەڭ كۆلەمدە دوست تۇتۇلدى. بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى چەت ئەل پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىنتايىن ياخشى ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. ھازىرغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى 160 تىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 400 دىن ئارتۇق پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلات بىلەن دائىملىق ئالاقىنى ساقلىدى، ئومۇمىي دائىرىلىك، كەڭ ساھە، كۆپ قاتلاملىق پارتىيە دىپلوماتىيەسى يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ‹‹دوستلار چەمبىرىكى››دە پارتىيە – ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ھاكىمىيەت بېشى – سىرتىدىكىلەر، ئەمەلدارلار – پۇقرالار بار بولۇپ، يەنە ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز چەت ئەل پارتىيەلىرىنىڭ سىياسىي ئەربابلىرىغا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

   پارتىيەلەر ئالاقىسىدە جۇڭگو ھېكايىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى ياخشى سۆزلەندى

  جۇڭگو ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە قانداق تونۇشتۇرۇش توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە گو يېجۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەلەر ئارا ئالاقىدە جۇڭگو ھېكايىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى مۇھىم مەزمۇن قىلىنىپ، چەت ئەللەردىكى دوستانە پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى پائالىيىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، چەت ئەل پارتىيە تەشكىلاتلىرى ناھىيە، شەھەر(رايون)لىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى، چەت ئەل پارتىيە ۋەكىللىرى ئۆلكىلىك پارتكوملارنى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەندى، ئالاقىدار ئۆلكىلىك پارتكوملارنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى يەرلىك پارتكوملارنىڭ ئەمەلىيىتى›› يۈرۈشلۈك مەخسۇس تېما بويىچە تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ۋە ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدىغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، كەڭ قورساق ئوبرازى نامايان قىلىندى.

   ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ پارتىيەلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى

  گو يېجۇ جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق تونۇشتۇردى: 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىدە ‹‹دوستانىلىق، سەمىمىيلىك، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساقلىق››تىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيە قارىشى ۋە قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتىدىغان، دوستانە ئۆتىدىغان ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتى فاڭجېنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ پارتىيەلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ پارتىيەلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۆزئارا دوستلۇق ۋە ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  يۇقىرىقى ئۈچەيلەن يەنە مۇخبىرلار سورىغان باشقا سوئاللارغا جاۋاب بەردى. جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك 240 تىن ئارتۇق مۇخبىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى