تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ‹‹جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل›› تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆردى

  19 – قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بارلىق ۋەكىل 10–ئاينىڭ 19 –كۈنى بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىغا بېرىپ، ‹‹جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل›› تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆردى. مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، يۈەن لېينىڭ بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى. قۇرۇلتاينىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 10–ئاينىڭ 19 – كۈنى كەچتە بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا ‹‹جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل›› تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆردى.

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر بىلەن بىللە كۆرگەزمىنى كۆردى.

  چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇب – شىمالىدا ئۇچقاندەك قاتناۋاتقان ‹‹گۈللىنىش›› ناملىق تېز پويىز، كۆپكۆك دېڭىزغا چوڭقۇر چۆككەن ‹‹سۇ ئەجدىھاسى›› ناملىق چۆكمە كېمە، جۇلالىق يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا باققان ‹‹ئەرش كۆزى››، كائىناتنىڭ چوڭقۇر جايلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈۋاتقان ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ... كۆرگەزمىدە ئون باش تېما كۆرگەزمە رايونى ۋە بىر ئالاھىدە سىناق كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كۆپ ۋاسىتە ۋە ئاكۇستوئوپتىكىلىق ئېلېكتىر ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى، زور نەتىجىلەر كۈچلۈك نامايان قىلىنىپ،پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يۈكسەك ئەقىل – پاراسىتى ۋە قالتىس ئىقتىدارى، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، شۇنداقلا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى خۇشال كۈتۈۋېلىشىدەك ياخشى روھىي قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  ئېكسكۇرسىيەدە، ۋەكىللەر چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، پات – پات توختاپ تەپسىلىي كۆردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېكسكۇرسىيە ئارقىلىق بەش يىلدىن بۇيان قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي ئىكەنلىكىنى، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك بولغانلىقىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان يول ئىشەنچىمىز، نەزەرىيە ئىشەنچىمىز، تۈزۈم ئىشەنچىمىز، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز تېخىمۇ چىڭىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 19 – قۇرۇلتاي روھىنى چوقۇم باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى