
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇھىت ئىدارىسىنىڭ كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھىشباغ يېزىسى ئېلىسۈپ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى ئەترىتى «مەملىكەتلىك نامراتلانى يۆلەش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 16- ئۆكتەبىر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، نامراتلارنى يۆلەش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بۇ كەنتتىكى 25 نامرات ئائىلىگە 25 يۈرۈش يوتقان-كۆرپە، قىشلىق كىيىم – كېچەك ۋە مېھرى-شەپقەت كۆمۈرى تارقىتىپ بەردى ھەم كۈچ تەشكىللەپ ئۇلارنىڭ پاختا تېرىشىغا ياردەملەشتى.