كۇچادىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما پارتىيە 19 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى ھاياجانلىق ۋە خۇشاللىق كەيپىياتىدا كۆردى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   سۈرەت

كۇچادىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما پارتىيە 19 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى ھاياجانلىق ۋە خۇشاللىق كەيپىياتىدا كۆردى

 ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما تېلېۋىزوردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆرمەكتە.

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قېتىملىق قۇرۇلتىيى 10–ئاينىڭ 18 –كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا باشلاندى. كۇچا ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما تاراتقۇلاردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆردى ۋە  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

    ھەر مىللەت ئامما بىردەك مۇنداق دېيىشتى: بىز ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز تېخىمۇ گۈللەپ قۇدرەت تاپىدۇ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

 ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەر مىللەت كادىر ، ئامما جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى كۆرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى