پارتىيەنىڭ نۇرى تەڭرىتاغنى يورۇتتى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت   ›   خەۋەر

پارتىيەنىڭ نۇرى تەڭرىتاغنى يورۇتتى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا

جاڭ لېي

بىر خىل بەخت بار، ئۇ بولسىمۇ دەل پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى؛ بىر خىل ئىللىقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ دەل ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ باغرى؛ بىر خىل چوڭقۇر مۇھەببەت بار، ئۇ بولسىمۇ دەل تەڭرىتاغ ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقى.

پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا يازغان سەمىمىي جاۋاب خېتى ئۇنى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، داۋاملىق پارتىيەنى، ۋەتەننى جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. قىزغىن سۆزلەر، ئىللىق سالاملار، سەمىمىي ئۈمىد، باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرى ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى ئىللىتقاندەك، 23 مىليوندىن ئارتۇق تەڭرىتاغ ئوغۇل – قىزى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى

‹‹ئۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ بەختلىك مىنۇتلار. 2014 – يىل 4 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن ئاشقاندا، باش شۇجى ئۆيىمىزگە كەلدى! مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، يېڭى ئۆيىمىزنى، ئارقا ھويلىنى، قوتان ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرىمىزنى كۆردى، ئاخىرىدا دادام ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇپ، يۇرتداشلار بىلەن مۇڭداشتى››. ھەر قېتىم مۇشۇ ئىشلارنى ئەسلىگەندە، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇقېيۇم روزى ھاياجىنىنى باسالماي قالىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014 – يىل 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن شىنجاڭنى تۇنجى قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈشى ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ تۆت كۈندە توختىماي ھەممە يەرنى كۆردى، ئۇنىڭ كۈنتەرتىپى تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. بۇ مەزگىلدە، ئابدۇقېيۇم روزى باش شۇجى بىلەن يۈز تۇرا پاراڭلاشتى، بۇ ئۇنىڭغا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە بولدى، ئۇ يەنە باش شۇجىغا دوپپا كىيگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويدى، 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ زېمىنغا زور يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ بۇرغىسى چېلىندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە تېخىمۇ ياخشى ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىيىتىگە ئاساسەن چىقىرىلغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم؛ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرغانلىقتۇر.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور سىياسەت – فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەش››، ‹‹شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش››، ‹‹كەلگۈسىنى پىلانلاش، ئاساسنى پۇختىلاش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى بەرپا قىلىپ، ئۇزاققىچە ئىدارە قىلىش ئىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش››نى ئوتتۇرىغا قويدى... ئۇزاق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەر، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەردە يېڭى دەۋردە شىنجاڭ دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئىلمىي تەھلىل قىلىندى. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015 – يىلى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىگەندە، ئۆز قولى بىلەن ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى›› دېگەن بېغىشلىمىنى يېزىپ بەردى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان چوڭقۇر مېھرىنى ئېلىپ شىنجاڭغا كېلىپ تەبرىكلىدى ۋە ھال سورىدى.

سەمىمىي غەمخورلۇق غايەت زور ئىلھام. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 23 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى.

باش شۇجىنىڭ قەلبى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىر تۇتاش

‹‹توختىخان: ياخشىمۇسىز! نەۋرىڭىز رۇقىيەمنىڭ خېتىنى كۆرۈپ... ناھايىتى خۇش بولدۇم... ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن... تېنىڭىز ساغلام، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن، ئائىلىڭىز بەختلىك بولغاي، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ۋە يۇرتداشلارغا مەندىن سالام ئېيتقايسىز. شى جىنپىڭ››. ‹‹ئېشەك مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان›› قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان 2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى جۇڭنەنخەيدىن كەلگەن جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋالدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ھاياجانلانغىنىدىن كېچىچە ئۇخلىيالمىدى.

‹‹باش شۇجىنىڭ خىزمىتى شۇنداق ئالدىراش تۇرۇپمۇ يەنە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ۋە ھەر مىللەت يۇرتداشلارنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ياد ئېتىپ تۇرۇپتۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا رەھمەت، باش شۇجىغا رەھمەت!››، 90 ياشقا يېقىنلاپ قالغان توختىخان قۇربان بۇ سۆزنى توختىماي تەكرارلاپ، كۆزىگە ياش ئالدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كۈنبويى دۆلەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ، ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم شىنجاڭدىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا خەت يازدى، كۆپ قېتىم تۈرلۈك سورۇندا شىنجاڭدىن كەلگەن ھەر مىللەت ئامما بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق جەھەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بەرگەن مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقلىرى ساناپ تۈگەتكۈسىز.

شى جىنپىڭ 2014 – يىل 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى داشى كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك ۋە بارلىق دېھقانلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، كۆپچىلىكنى ‹‹پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ھەر بىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تېخىمۇ ياخشى شۇغۇللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈپ››، داشى كەنتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

2015 – يىل 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشيا قاتارلىق بەش ئاپتونوم رايوندىن ئاساسىي قاتلامدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ 13 مۇنەۋۋەر ۋەكىلىنى بېيجىڭغا كېلىپ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى ھەم ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۇلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىن كەلگەن خانئايشەم ئەنۋەر، مېھرىگۈل ئەنۋەر، مەمەتتۇراپ مۇساق، جۇماتاي ئاۋبەكر، يۇ لياڭيىڭ قاتارلىق بەش ۋەكىل بار ئىدى.

2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئون مەدەنىي ئائىلە ۋەكىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلە ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

2015 – يىل 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى گۇما ناھىيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئىلگىرى – كېيىن ئىككى قېتىم گۇما ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇستەھكەملەنسە، ئەل ئەمىن تاپىدۇ. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ھەر تەرەپلىمە كۆڭۈل بۆلدى ۋە غەمخورلۇق قىلدى. پايتەخت بېيجىڭ شىنجاڭدىن يىراق بولسىمۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىر تۇتاش بولۇپ، قەلب رىشتىسى بىر – بىرىگە مەھكەم باغلانغان.

بۇ غەمخورلۇقلارنى شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئالغا ئىلگىرىلىدى. كۆپچىلىك يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مېھىر – مۇھەببىتىگە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش قاتارلىقلاردا بىر نىيەتتە ھەمكارلاشتى.

تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرىنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ

2016 – يىلى دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى 2 – ئۇچقارا كەنتىدە كۇچالىق كەشتىچى ئاچا – سىڭىلنىڭ كۆلىمى تۆت مو كېلىدىغان، 200 دىن كۆپرەك ئەزاسى بار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تىجارەت باشلىدى. پاكىز، يورۇق سېختا خىزمەت فورمىسى كىيگەن ئەزالارنىڭ بىر قىسمى سېسترالار كىيىمى تىكىۋاتاتتى، ئىشچىلار پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك كەشتە تىكىش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلاتتى، يەنە بىر قىسمى كىيىمنىڭ ئۈستىگە نەپىس كارخانا بەلگىسىنى كەشتىلەۋاتاتتى...

بۇ كوپىراتىپقا خانئايشەم ئەنۋەر بىلەن مېھرىگۈل ئەنۋەر ئاچا – سىڭىل مەسئۇل ئىدى. ئۇلار ئىككىسى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى كەشتىلەپ چىقتى.

خانئايشەم، مېھرىگۈل ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەننىڭ ئىلگىرىكى تۇرمۇشى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇلارنىڭ ۋە يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانىدى. ‹‹ئىلگىرى زاغرىلا يەيتتۇق، ھازىر ھەر ۋاق تامىقىمىزدا گۆش يېيەلەيدىغان بولدۇق؛ ئىلگىرى كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ئۆيدە ھاجەتخانىمۇ، توكمۇ يوق ئىدى. ھازىر قولايلىق ھەم ئازادە ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدە ئولتۇرۇۋاتىمىز››. 2015 – يىلى ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەن مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ‹‹بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كەشتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۇزۇن يول بېسىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا بۇ كەشتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭغا سوۋغا قىلىشنى ھاۋالە قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي، بۇ كەشتە بېيجىڭدا ئېچىلغان ‹‹ۋەتەن قوينىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى››دە كۆرگەزمە قىلىندى، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەن مەملىكەت بويىچە ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بەش مۇنەۋۋەر ۋەكىلى قاتارىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇشىدا تېخىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىدە، ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەن كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يۇرتداشلارنى بىرلىكتە بېيىش يولىغا يېتەكلىدى.

‹‹ئەگەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولمىغان بولسا، بىزنىڭ بۇ كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزمۇ بولمىغان بولاتتى. پارتىيەنىڭ پارلاق نۇرى قەلبىمىزنى يورۇتتى، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىزنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمىز››. بۇ ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەننىڭ يۈرەك سۆزى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، شىنجاڭغا، خەلق تۇرمۇشىغا مايىل بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. ياخشىلىقنى بىلىدىغان، مىننەتدار بولغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تەستە قولغا كەلگەن ياخشى تۇرمۇش ۋە ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاشنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇلتۇردىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹13 – بەش يىل››دىكى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلغان ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى، قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

‹‹بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توختىخان قۇربانغا يازغان جاۋاب خېتىدە مۇشۇنداق بىر جۈملە سۆز بار. بۇ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتىگە باشتىن – ئاخىر ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

‹‹پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، باش شۇجىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىزنى ئېغىزدىلا دەپ قويماي، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىپادىلىشىمىز كېرەك››. توختىخان قۇرباننىڭ نەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى ئىلگىرى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسى ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدا ئەسكەر بولغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىنى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھەممەيلەن ئاكتىپ كۈچ چىقىرىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ