‹‹مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىمىز››-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت   ›   خەۋەر

‹‹مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىمىز››

 مۇبارەك ئىسمائىل

 1 – ئاينىڭ 16 – كۈنى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى يېڭىئۆستەڭ كەنتى ئۆزگىچە بىر قۇتلۇق كۈننى كۈتۈۋالدى، شۇ كۈنى ئەتىگەندە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يىغىن زالى 700دىن كۆپرەك كەنت ئاھالىسى بىلەن لىق تولغانىدى. ئۇلارنىڭ تەقەززالىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن قانداقتۇر بىر نەرسىنى كۈتۈۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3 – تۈركۈمدىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە يېڭىئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخانغا يازغان جاۋاب خېتىنى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەنىدى.

 كۆكيار يېزىلىق قوراللىق بۆلۈمنىڭ باشلىقى ئابلىمىت ياسىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخانغا يازغان جاۋاب خېتىنى جاراڭلىق ئاۋازدا ئوقۇشقا باشلىغاندا، يىغىن زالى تىمتاسلىققا چۆمدى، يىغىن زالىدىكى ھەممەيلەننىڭ دىققىتى خەتنىڭ مەزمۇنىغا مەركەزلەشكەنىدى، ياسىن ئابلىمىت جاۋاب خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاھالىلەرگە يەتكۈزگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇرۇن كېسەكتە سېلىنغان كونا ئۆيلەردە ئولتۇراتتۇق، ھازىر ئازادە ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتىمىز، داۋالانساق داۋالىنىش سۇغۇرتىمىز بار، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىمىزمۇ بار بولدى، كىرىمىمىزنى ئاشۇرايلى دېسەك، ياخشى سىياسەت يول ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ياخشى تۇرمۇشنى قەدىرلىمىسەك بولامدۇ – يۇرتداشلار؟

 ياسىن ئابلىمىتنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەزى دېھقانلارنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمدىن، بەزىلىرىنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ئەگىۋاتقان ياشتىن ئۇلارنىڭ ھاياجىنىنى، خۇشاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.

 رەجەپ بارات كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى يېڭى ئۆستەڭ كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەنىدى. 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۇ تېلېۋىزوردا ‹‹مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر›› پىروگراممىسىنى كۆرۈۋېتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يازغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرگەنىدى.

 رەجەپ بارات مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن ئالدىراش بولسىمۇ، مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ بىزگە جاۋاب خەت يېزىپتۇ. بۇ، باش شۇجىنىڭ كېرىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىزچىل كۆڭلىدە ساقلاۋاتقانلىقىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېرىيەدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. قۇربان تۇلۇم ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كېرىيە خەلقىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان قەلبىنى ئىزھار قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆچمەس روھى بىلەن شىنجاڭ خەلقىگە روھىي مەدەت بېرىپ كەلدى، بۇنداق روھنىڭ بولۇشى بىزنى ھەر بىر تاڭنى بۈگۈنكىدەك تىنچ، شادىمان كۈتۈۋېلىشقا ئۈندەيدۇ.

 كۆكيار يېزىسىدىكى قىزىل مۇچ مەسچىتىنىڭ خاتىپى مەتتۇرسۇن يۈسۈپ يىغىندىن كېيىن مۇنداق دېدى: قۇربان تۇلۇمنىڭ روھىدىن ئۈلگە ئېلىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭ پايتەختىمىز بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ تۇتاشقان. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش روھىدىن ئىلھاملىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كۆكيار يېزىسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ سۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خەت يېزىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا غايەت زور ئىلھام بولدى، بىز بۇ جاۋاب خەتنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، ھەممەيلەن بىرلىكتە گۈزەل، ئىناق كېرىيە قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

 بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەخمەتجان ئۆمەر بۇ يىل كەنتتە يەنە بىر يىل تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان ئىكەن، ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان خىزمەت، قۇربان تۇلۇم پەقەت كېرىيەنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئۆچمەس ئۈلگىسى ھەم پەخرى. بىز ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر قۇربان تۇلۇمنىڭ روھىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنى ياخشى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ