تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك جامائەت پىكرى تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 7–نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك جامائەت پىكرى تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، جۇ خەيلۇن ،لى پېڭشىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

 ياۋ تۇڭ، جاڭ يەنلى خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 7 – نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ 1 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 7 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، تيەن ۋېن قاتارلىقلار كېڭەشنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ۋەكىللەر ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئاخباراتچىلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى سائەت 13 تە چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار يىغىن زالىغا كىرىپ، ۋەكىللەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوندىكى ئاخبارات جامائەت پىكرى سېپىدىكىلەر ئۇزاقتىن بۇيان پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ،ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك جامائەت پىكرى تىرىكىگە ئىگە قىلىپ، ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. ئاپتونوم رايوندىكى ئاخبارات جامائەت پىكرى سېپىدىكىلەرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 9 – نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى، چاڭجياڭ – تاۋفېن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە، جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە، ئاخبارات مەقسىتىدە، خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخبارات جامائەت پىكرى سېپىدىكىلەر سىياسىي ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ماركسىزملىق ئاخبارات قارىشىدا، پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىقنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچىسى، نەزەرىيە ئىشەنچىسى، تۈزۈم ئىشەنچىسى، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى؛ يېتەكچىلىك قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقتا، غەيرەتلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەدبىرىنى ۋە پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە تەجرىبىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى؛ ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا تېخىمۇ ئاڭلىق، تەشەببۇسكار بولۇپ، تېخىمۇ مول ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، مەزمۇندا، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىشى، ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشى؛ بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ‹‹بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۆنىلىشنى يېتەكلەپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جەڭگىۋار روھقا ئىلھام بېرىپ، توغرا كەيپىيات ئارقىلىق كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، زېھىن – كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خاتالىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەق – ناھەقنى ئايرىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرۇپ، دۇنيا بىلەن ئالاقە باغلاش››تا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ئىقتىدارىنى، ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىيدا قەتئىي، كەسىپتە پىشقان، ئىستىلى دۇرۇس، پارتىيە ۋە خەلقنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمەت قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇشى كېرەك.

 تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاخباراتچىلار بىلەن ئالاقە باغلاش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنى خىزمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ماركسىزملىق ئاخبارات قارىشىنى پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ ‹‹تارازا تەڭپۇڭ چېكىتى›› قىلىپ، ئاخباراتچىلارنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ئاخباراتچىلاردىن بولۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئاخباراتچىلار توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسىدىكى جامائەت پىكرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ ئەخلاقىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، دەۋر تەرەققىياتىنى ئەتراپلىق، ئوبيېكتىپ خاتىرىلەپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، باش نىشانغا يېتىشكە كۈچ قوشۇش كېرەك.

 يىغىندا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەبرىك خېتى، بېيجىڭ، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق 24 ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى، تەبرىك تېلېگراممىلىرى ئوقۇلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى چۈنياڭ خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. يىغىندا شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 6 – نۆۋەتلىك كېڭىشى دائىمىي كېڭىشىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى، شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 7 – نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلدى.

 ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 135 كېڭەش ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى