تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ مۇقىملىق، تەرەققىيات باشلامچىلىرىدىن بولايلى

چېن چۈەنگو سانجى ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ مۇقىملىق، تەرەققىيات باشلامچىلىرىدىن بولايلى

ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ما مىڭچېڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر جانلىق كەيپىياتتا قىزغىن سۆز قىلدى. ۋەكىللەر ئايرىم – ئايرىم ھالدا باش نىشاننى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىكى ‹‹ئىككى مۇھىم ھالقا››نى ئىگىلەش، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىر – تەكلىپلىرىنى بايان قىلدى. چېن چۈەنگو ئاڭلىغاچ خاتىرە قالدۇرۇپ، ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى.

چېن چۈەنگو ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ يولداش شۆھرەت زاكىر بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئۆتكەن بىر يىلدا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: 2017 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىلى، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى مۇھىم بىر يىل. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك. سانجى ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تېخىمۇ كۈچەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ مۇقىملىق، تەرەققىيات باشلامچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىرىنچى، باش نىشان ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە قىلىپ، باش نىشاننى مېڭىگە ھەقىقىي ئورنىتىش، خىزمەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۈنۈم جەھەتتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىككى قولدا تۇتۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى، تەرەققىيات بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. سانجى ئوبلاستى جەزمەن ئىككى قولدا تۇتۇش كۈچلۈك ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن قاراشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا باش نىشانغا بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ھەقىقىي چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئىككى قولدا تۇتۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، خەلق ماسلاشقان ھەمتۈرتكە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر بەنزە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملىقنى تۇتۇشقا، بىر بەنزە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇشقا ئاتلىنىپ، ئىش تەقسىملىۋېلىپ مەسئۇل بولۇش، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىش، مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇش، قولايلىق، ئۈنۈملۈك بولۇش، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرى راۋان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، دەرىجىمۇ دەرىجە، قاتلاممۇ قاتلام تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتەك مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، ئىككى قولدا تۇتۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇقىملىق جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كۈرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن خىزمىتى، ئاساسىي قاتلام ئاساسى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىدېئولوگىيەنى ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت، چېگرا، تور، نۇقتىلىق ئورۇنلاردىكى نۇقتىلىق ئادەملەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، تېز، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى، ئاممىۋى خىزمەتنى، ئىستىلنى ياخشىلاشنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەرەققىيات جەھەتتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى ‹‹بوغما›› ھالەتنى تۈگىتىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

بەشىنچى، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. ‹‹ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجىنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى تۇتۇش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش›› پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك ۋە خۇشامەتچىلىك قىلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، خىزمەتتە كۆڭۈل قويماسلىق، ئىككى يۈزلىمىچىلىك ھالەتلىرىنى قاتتىق تەرتىپكە سېلىپ، كادىرلار ئىستىلىدىكى ئەمەلىي بولماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ياخشى بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ۋە ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىت بەرپا قىلىپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئالتىنچى، قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قولدا قاتتىق بولۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق جەھەتتە ئىناقلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىياتتا ئۈستۈنلۈكنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىتتىپاقلىق – ئىناقلىق، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى