تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي–قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركەزنىڭ سىياسىي–قانۇن خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى ۋە يەتكۈزۈلدى

 چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركەزنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سىياسىي – قانۇن سېپىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، 2017 – يىللىق سىياسىي – قانۇن خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر، نىشان – ۋەزىپىلەر توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە سىياسىي – قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار، بولۇپمۇ سىياسىي – قانۇن سىستېمىسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش مېڭ جيەنجۇنىڭ مەركەزنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت كۆزلىمىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن ھەقىقىي كۈتۈۋېلىشى كېرەك. باش نىشان ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باش نىشان ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى تىرىشىپ ئىگىلىشى كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىپ، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن خىزمىتى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىدېئولوگىيەنى چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەت، چېگرا رايون، تور، نۇقتىلىق رايونلاردىكى نۇقتىلىق خادىملارنى ياخشى باشقۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى، ئاممىۋى خىزمەت، ئىستىل ئۆزگەرتىشنى چىڭ تۇتۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي مەشىقنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك لايىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قاتلاملار ئىخچاملاشتۇرۇلغان جىددىي قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۈشمەن بايقىۋېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى تىرىشىپ يېڭىشى كېرەك. قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە سىياسىي – قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى››نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە – سىياسىي، ئىنتىزام – ئىستىل قۇرۇلۇشى، كەسىپ ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، پاك – دىيانەتلىك سىياسىي – قانۇن قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك.

 پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سىياسىي – قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، سىياسىي – قانۇن ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى ياخشى تاللاش ۋە سەپلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە سىياسىي – قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، بولۇپمۇ ئىدىيەۋى تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكىلەر ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەننىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى ۋە تەلىپى بويىچە ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىدىيەۋى جامائەت پىكرى مەدىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاش؛ باش تېما، ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش تېمىسىنى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي رىتىمىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئائىلىنىڭ مەدەنىي يېڭى كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىش؛ باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت – تەدبىرلىرىنى كەڭ، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا توغرىسىدىكى جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى قاراتمىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تەشۋىقات – تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش؛ توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق، مۇقىم بولۇپ رىغبەتلەندۈرۈش، يۈزتۈرانە تەشۋىق قىلىشنى ئاساس قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان كۈچلۈك ئىجابىي كۈچنى مۇجەسسەملەش؛ ئىچكى – تاشقى تەشۋىقاتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى تەشۋىقات بىلەن تاشقى تەشۋىقاتنىڭ ماسلىشىشى، ھەمتۈرتكىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارقىتىش ئىقتىدارى، جەلپكارلىقى، تەسىر كۈچى، ئىناۋىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئۆزىمىزگە پايدىلىق جامائەت پىكرى مۇھىتىنى يارىتىش؛ ئېسىل مەھسۇلات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىغا ئوخشاش بىر تۈركۈم تىپىك ۋەكىللىرىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش؛ قوشۇننىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەشنى، ئەخلاقىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ سىياسىيۋىلىكى چىڭ، كەسىپتە پىشقان، ئىستىلى دۇرۇس، پارتىيە ۋە خەلقنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى قوشۇنىنى قۇرۇش؛ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

 ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى