تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ھازىرقى مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

 باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىش كېرەك

ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېتنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، ھازىرقى مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىر يىللىق پىلان باھاردىن باشلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما توخۇ يىلىدا يىراقنى كۆزلەپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، جاپالىق ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمەتلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.

 بىرىنچىدىن، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، شۇنداقلا شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، باش نىشاننى ھەممە ئائىلىلەرگە بىلدۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ قەلبى ۋە كاللىسىغا ئورنىتىپ، باش نىشان ئارقىلىق ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇش، پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 ئىككىنچىدىن، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىش كېرەك. ئىناقلىق، مۇقىملىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەننى باشتىن – ئاخىر چىڭ ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹ئالتىنى چىڭ تۇتۇش››، ‹‹بەشنى باشقۇرۇش››، ‹‹تۆتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە سېپى ۋە پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش، ئۈچ چوڭ كەسىپنى ياخشى تۇتۇپ، 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 – كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئۈچ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ياخشى ئىشلىتىپ، تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى – تاشقى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تولۇق ئىشلىتىش؛ تۆت چوڭ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى پائال كېڭەيتىش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مالىيە – باج جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان تۈۋرۈكلۈك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ ئۈچ چوڭ ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال سىڭىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق – تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېرىنداشلارچە ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش كېرەك. دىنلارنىڭ ئېجىل – ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتنى قوغداپ، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە دائىر جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھەقىقىي يېتىشتۈرۈپ ۋە قوغداپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە كۆپ يول ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئۈچ يىللىق قوش تىل مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى نورماللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

 مۇھىت ئاسراشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۆۋەن چەكنى قاتتىق ساقلاپ، قوغداشنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئادەم، ئەشيا ۋە تېخنىكا جەھەتتىن مۇداپىئە كۆرۈشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلق، ساقچى بىلەن خەلق، بىڭتۈەن بىلەن خەلق، چېگرا رايوندىكى خەلق بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش ۋە بىرلىشىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى يولغا قويۇپ، مۇستەھكەم چېگرا مۇداپىئە سېپىلى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، ئىككى بەنزە خىزمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكمىيەت قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېزا خىزمەت كۈچىنى تولۇقلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا – بازارلىرىدىكى كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئارقىلىق ‹‹باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ تىپ ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تىپلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىجابىي تىپلاردىن تەجرىبە ئۆگىنىپ، سەلبىي تىپلاردىن ساۋاق ئېلىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش، ھەل قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، يېزا – كەنت، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىققا دائىر تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بېيىش يولىنى تېپىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش؛ نۇقتىلىق تەربىيەلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئارقىلىق تونۇشى مۈجمەل، ئىش ئورنىدا بولمىغان، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، مۇقىملىق جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن ۋە ئىنتىزام بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

 تۆتىنچىدىن، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. نىشاننى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باش نىشان ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ھەقىقىي مۇجەسسەملەپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى نەپسىگىچە بەجانىدىل ئىشلەش؛ ۋەزىپىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاجىز ھالقىلارنى ئۈزلۈكسىز تېپىپ چىقىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى قىلىش؛ تەدبىرلەرنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە ئادەمنىڭ زىممىسىدە مەسئۇلىيەت بولۇش، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىستىلنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەتكە كېلىپ، دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 بەشىنچىدىن، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانى، نامرات ئاھالىنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ