باش كۈز سالقىن مەزگىل، ئەمما كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقى چوڭ بولغانلىقتىن، زىققە ئاسانلا قوزغىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىكلىرىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر باش كۈزدە كانا تىپىدىكى قۇرتلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپرەك ئۆينى تازىلاپ، قىشلىق كىيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت، كۈز كىرگەندىن كېيىن، تەبىئىتى مۆتىدىل ھەمدە قۇرۇق ئىسسىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، ئۆپكىنى ياشارتىش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى يېيىش، نەشپۈت، شېكەر قومۇشى، بانان قاتارلىق مېۋە-چىۋىلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. مۇچ، سامساق، پىياز، كۈدە قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئېممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى