توردىن قەرز پۇل ئېلىش پەرزەنتلىرىمىزنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويمىسۇن-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

توردىن قەرز پۇل ئېلىش پەرزەنتلىرىمىزنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويمىسۇن

مۇبارەك ئىسمائىل

 نۇرغۇن ئاتا – ئانا باشقا يۇرتلاردا ئوقۇۋاتقان پەرزەنتىگە تۇرمۇش پۇلىنى كۆپ بېرىۋەتسە، ئۇلارنىڭ يامان ئىشلارغا ئۆگىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسە، پۇلنى ئاز بېرىپ قويسا، پەرزەنتلىرىنىڭ جاپا چېكىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇنداقتا، ئىستۇدېنتلارنىڭ ئايلىق تۇرمۇش پۇلى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟ ئىستۇدېنتلار تۇرمۇش چىقىمى ئەۋەتىلگەن پۇلدىن ئېشىپ كەتكەندە قانداق قىلىدۇ؟ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىستۇدېنتلار ئىچىدە تۇرمۇش پۇلى يېتىشمىگەن ئەھۋالدا ئاتا – ئانىسىدىن پۇل سورايدىغانلار ياكى قوشۇمچە ئىشلەپ پۇل تاپىدىغانلار يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدىكەن. تەخمىنەن %10 ئىستۇدېنت پۇل يېتىشمىگەن ئەھۋالدا ئىنتېرنېت تورىدىكى قەرز مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، توردا قەرز پۇل ئېلىش ئىستۇدېنتلارنىڭمۇ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بىر قىسىم ئىستۇدېنتلار بۇ خىل يېڭىچە ئىستېمال ئۇسۇلىنى ئاسانلا قوبۇل قىلىپ، توردىن قەرز ئېلىپ، قىسقا مۇددەتلىك ‹‹ئىقتىساد يېتىشمەسلىك›› مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئېلىمىزدىكى 50 نەچچە ئالىي مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، %62.77 ئوقۇغۇچى توردىكى مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز ئېلىش سۇپىسىدا قەرز ئالغان. قەرز سوممىسى 1000 يۈەندىن تۆۋەنلەر %40.7نى، 1000 – 2000 يۈەنگىچە بولغانلار %40.12نى ئىگىلىگەن. %5.23 ئوقۇغۇچىنىڭ قەرز ئالغان سوممىسى 5000 يۈەندىن ئاشقان. %54.7 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر ئايدا قايتۇرىدىغان قەرز پۇل سوممىسى 100 – 300 يۈەن بولغان، ئۇلار ئاساسەن قوشۇمچە ئىشلەپ پۇل تېپىش، كېيىنكى ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتىنى تېجەپ ئىشلىتىش ئارقىلىق قەرز قايتۇرىدىكەن.

 جۇڭگو تاراتقۇچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مېھرىگۈلنىڭ ئايلىق تۇرمۇش پۇلى 1800 يۈەن ئىكەن، ئۇنىڭ تۇرمۇش پۇلى ساۋاقداشلىرى ئىچىدە ئوتتۇراھال سەۋىيەدە تۇرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆيدىكىلەر بەرگەن ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنىڭ كۆپ قىسمىنى تاماق يېيىشكە ئىشلىتىمەن، ئېشىپ قالغان قىسمىغا كىيىم – كېچەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىمەن. مەكتەپ ئاشخانىسىدا بىر ۋاق تاماققا تەخمىنەن ئون يۈەن كېتىدۇ. مېنىڭمۇ بەزىدە يانچۇقۇم قۇرۇقدىلىپ قالىدىغان چاغلار بولىدۇ. ھەر قېتىم يېنىمدا پۇل قالمىغاندا ئاپامغا دەيمەن، گەرچە پۇل سوراشتىن خىجىل بولساممۇ ئامال يوق.

 ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇمۇ ئىلگىرى ‹‹مايى خۇابېي›› (ئەلى بابا ئالىپايدىكى پۇل قەرز ئېلىش سۇپىسىنى كۆرسىتىدۇ) قاتارلىق ئىنتېرنېت تورىدىكى پۇل قەرز ئېلىش سۇپىسى ئارقىلىق قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشنى سىناپ باققان بولسىمۇ، لېكىن توردىن ئالغان قەرز پۇلنى تۆلىيەلمەي قالغاندا، يەنىلا ئۆيدىكىلەردىن پۇل سوراشقا مەجبۇر بولغان. ئەتراپىدىكى تەخمىنەن %90 ئىستۇدېنت تۇرمۇش پۇلى يېتىشمىگەندە توردىن پۇل قەرز ئېلىپ ئىشلىتىدىكەن.

 بىراق توردىن قەرز پۇل ئېلىشنىڭمۇ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى بار. ئىستۇدېنتلارغا نىسبەتەن توردىن ئالغان قەرز پۇل ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرەلىگەن بىلەن، ئۇلارنىڭ مۇقىم ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى يوق، قەرزنى كۆپ ئېلىۋالسا قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى ئاز، مۇشۇنداق بولغاندا، توردا مۇلازىمەت قىلغۇچىلارغا ۋە ئاتا – ئانىلىرىغا ئاۋارىچىلىكلەرنى تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ.

 سانجى پەن – تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 3 – يىللىقىدا ئوقۇيدىغان گۈلمىرە ساۋاقداشلىرىنىڭ توردا قەرز پۇل ئېلىش توغرىلىق قىلغان گەپ – سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالدى ۋە ئۆزىمۇ سىناپ باقتى. 1 – قېتىم قەرز ئېلىپ، قەرزنى تېزلا قايتۇرۇۋەتتى. بۇنداق ئۇسۇلنىڭ ئىنتايىن قولايلىقلىقىنى ھېس قىلغان گۈلمىرە 2 – قېتىم 7000 يۈەن قەرز ئېلىپ، ساۋاقداشلىرى بىلەن باشقا شەھەرلەرگە ساياھەتكە بېرىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بەخىرىمان ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى. قەرز پۇلنىڭ مۇددىتى توشاي دېگەن مەزگىللەردە، گۈلمىرەنىڭ دادىسى تۇيۇقسىز مېڭە پارالېچ كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. ھېچقانداق ئىقتىسادىي كىرىمى يوق ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن 7000 يۈەننى ۋاقتىدا قايتۇرۇش تەسكە توختىدى. گۈلمىرە تەرەپ – تەرەپكە چېپىپ دوستلىرىدىن پۇل سورىدى، قەرز پۇل بەرگەن شىركەتنىڭ خادىملىرى گۈلمىرەگە كېپىل بولغانلارغا توختىماي ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرىنى يوللاشقا باشلىدى، دوستلىرىمۇ ئەنسىزلىك ئىچىدە كۈندە گۈلمىرەنى ئىزدىدى. قەرز پۇلنى تۆلەش مۇددىتى توشۇپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، قەرز ئىگىلىرى گۈلمىرەنى مەكتىپىگە ئىزدەپ كەلمەكچى بولدى. ئامالسىز قالغان گۈلمىرە بۇ ئىشنى ئاخىر ئانىسىغا ئېيتتى. دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش خىراجىتىنى تۆلەپ بولالمايۋاتقان ئانا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ تەرەپ – تەرەپكە قاتراپ پۇل توپلىغان بولسىمۇ، ئۆسۈمى خېلىلا ئېشىپ كەتكەن بۇ قەرز پۇلنى تۆلەپ بولالماي، ئاخىر ئۆيىنى سېتىپ قەرزنى قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

 پەرزەنتلىرىگە زادى قانچىلىك تۇرمۇش خىراجىتى ئەۋەتىش توغرىسىدا بەزى ئاتا – ئانىلار ئويلىنىپ قالغان. پەرزەنتى ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئايشەم خانىم مۇنداق دېدى: بالامنىڭ تۇرمۇش پۇلى قالمىغاندا بىزدىن سورايدۇ، ئۇنىڭغا ئايدا زادى قانچە پۇل ئەۋەتىپ بېرىش توغرىسىدا بىزمۇ ئېنىق بىر نەرسە دېمىدۇق. گەرچە پەرزەنتلەرنىڭ پۇلنى خالىغانچە بۇزۇپ – چېچىشىغا چەك قويماسلىق ياخشى ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن ‹‹پۇلۇم قالمىدى›› دەپ تېلېفون ئۇرسا، قاراپ تۇرالمايدىكەنمىز.

 ئۇقۇشىمچە، ئالىي مەكتەپلەردە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مۇكەممەل ياردەم بېرىش تۈزۈلمىسى ئورنىتىلغان، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۇلى ۋە ياتاق خىراجىتىنى بانكىدىن ئوقۇش قەرز پۇلى ئېلىپ ھەل قىلسا بولىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش جەريانىدىكى تۇرمۇش پۇلىنى دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلسا، ناۋادا تاسادىپىي ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قالسا، ۋاقىتلىق تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپلەردە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قوشۇمچە ئىشلەپ پۇل تېپىش خىزمەت ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان.

 ھازىر ئىستۇدېنتلارنىڭ توردىن پۇل قەرز ئېلىپ ئىشلىتىشى ئومۇملىشىپ قالدى، بۇنداق توردىن پۇل قەرز ئېلىش ئۇسۇلىدا ئالدامچىلىق، قاقتى – سوقتى قىلىش، يۇقىرى ئۆسۈم قاتارلىق ھەر خىل يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەرلەر ساقلانغان بولىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، بولۇپمۇ باشقا يۇرتلاردا ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىنىڭ ساغلام ئىستېمال ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماسلىقىغا يېقىندىن كۆز – قۇلاق بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر.

مەسئۇل مۇھەررىر : پەرغانە غوپۇر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ