ۋىتامىن C كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۈزەللەشتۈرۈش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاش رولىغا ئىگە. بىر قىسىم كىشىلەر مېۋە قانچە چۈچۈمەل بولسا تەركىبىدىكى ۋىتامىن C شۇنچە كۆپ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، مېۋىنىڭ چۈچۈمەللىكى ئاساسلىقى مېۋە تەركىبىدىكى ئالما كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، تارتارىن كىسلاتاسى ۋە ئىزوستىرىك كىسلاتاسى قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتالارنىڭ مىقدارىغا باغلىق بولىدۇ. مېۋىنىڭ چۈچۈمەل ياكى تاتلىق بولۇشى، ئۇلاردىكى شېكەر بىلەن كىسلاتانىڭ نىسبىتىگە باغلىق بولىدۇ، ئەگەر تەركىبىدە شېكەرنىڭ مىقدارى يۇقىرى، ئورگانىك كىسلاتانىڭ مىقدارى تۆۋەن بولسا، تەمى تاتلىق بولىدۇ؛ تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتانىڭ مىقدارى يۇقىرى، شېكەرنىڭ مىقدارى تۆۋەن بولسا تەمى چۈچۈمەل بولىدۇ. شۇڭا مېۋە تەمىنىڭ چۈچۈمەل ياكى تاتلىق بولۇشىنىڭ ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمايدۇ.
ئىستېمال قىلغاندا چۈچۈمەل تېتىيدىغان بەزى مېۋىلەردىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن، جىغاننىڭ ھەر 100 گىرامىدا 204 مىللىگىرام ۋىتامىن C بولىدۇ، چىلاننىڭ ھەر 100 گىرامىدا 900 مىللىگىرام ۋىتامىن C بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن مېۋە بۇ قانۇنىيەتكە چۈشمەيدۇ، مەسىلەن، لىموننىڭ ھەر 100 گىرامىدا ئارانلا 22 مىللىگىرام، ئاپېلسىننىڭ ھەر 100 گىرامىدا ئارانلا 33 مىللىگىرام، كۈزلۈك يېسسىۋېلەكنىڭ ھەر 100 گىرامىدا 47 مىللىگىرام ۋىتامىن C بار. دېمەك، تەركىبىدە ۋىتامىن C كۆپ دەپ ئاتالغان لىمون ۋە ئاپېلسىنلاردىكى ۋىتامىن C يېسسىۋېلەككىمۇ يەتمەيدۇ.
ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى