شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئاسپىرىن بىر خىل ئۇزاق تارىخقا ئىگە قىزىتما قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش دورىسى بولۇپ، دائىم دېگۈدەك ئىشلىتىلىدۇ. يېقىندا ئەنگلىيە بېلفاست ئايال پادىشاھ ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئاسپىرىننىڭ يەنە چىشنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش، چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار ئىكەن. چىش چىرىش كېسەللىكى ئادەتتە چىشنى قۇرت يېيىش، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ باكتېرىيە خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، ئىككىلەمچى چىش يىلىكى ياللۇغى ۋە چىش يىلتىز ئۇچى ئەتراپى ياللۇغىغا، ئېغىر بولغاندا ھەتتا چىش ئوقۇر سۆڭىكى ياللۇغى بىلەن جاغ سۆڭەك ياللۇغىغا سەۋەب بولىدۇ. ئەگەر بۇ كېسەل ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا، چىش چىرىيدۇ، چىشتا تۆشۈك ھاسىل بولىدۇ، چىش تاجى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ، ئاخىرىدا چىش چۈشۈپ كېتىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى قۇرامىغا يەتكەن ئادەملەرنىڭ %30 تىن ئارتۇقراقىدا چىش چىرىش كېسەللىكى بار ئىكەن.
پىراكتىكانت خالمۇرات غۇپۇر تەرجىمىسى