«مەن شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ قالتىس جاينى ياقتۇرۇپ قالدىم»
2 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، جۈمە، كەچكى شەپەق نۇرى دېرىزىدىن ئۆتۈپ جىڭ ناھىيەسى گۇەنلەن خاۋتىڭ ئولتۇراق رايونىدىكى ۋاڭ يەنجاۋنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ تۇراتتى، خوتۇنىنىڭ ئۆيگە كېلەي دەپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، ئۇ قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىپ بىر سىقىم ئالقاتنى پىشاي دەپ قالغان داپەنجىگە سالدى. شۇ كۈنى كەچتە، بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال ـ خۇرام ھالدا بىللە كەچلىك تاماق يېدى، ۋاڭ يەنجاۋ خوتۇنىغا ئۆز قولى بىلەن ئالقات قوشۇلغان داپەنجى ئېتىپ بېرىش ۋەدىسىنى نەقلەشتۈردى. توي قىلغان يەتتە يىلدىن بۇيان، خۇلاتاڭ ئىچىپ قاتلىما يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئۇ شۇ جاينىڭ يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتىگە ئاللىبۇرۇن سىڭىشىپ كەتكەن بولۇپ، پولۇ، لەڭمەن ۋە داپەنجى ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى كۈندىلىك تامىقىغا ئايلاندى. 16 يىل ئىلگىرى، خېنەن تەپتىش كەسپىي شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن ۋاڭ يەنجاۋ غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسىغا ئايلاندى، ئۇ يۈك ـ تاقلىرىنى يۈدۈپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۇپرىقىدىن ئايرىلىپ، قەتئىيلىك بىلەن غەربىي قىسىمدىكى چېگرا رايونغا بېرىش سەپىرىگە ئاتلاندى. ئۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ شىمالىي شىنجاڭدىكى گۈزەل كەچكى شەپەق، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ناخشا ـ ئۇسسۇللىرى، ئېبنۇر كۆلىدىكى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توغراقلار، يەنە ھەممە يەردە ئۇچراپ تۇرىدىغان قاردەك ئاپئاق پاختىلار ۋە شاخلاردىكى قىپقىزىل ئالقاتلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.