□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى
«پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتەيلى» «ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئاھالىلەرنى مۇلازىمەت نۇقتىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقايلى» «ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، كۆپچىلىكنىڭ مەھەللە ئاشخانىسىغا بولغان پىكرىنى ئاڭلاپ باقايلى»... يېقىندا، سىرتتا تەربىيەلىنىۋاتقان يىن تۇڭشىن دەم ئېلىش ئارىلىقىدىن پايدىلىنىپ خىزمەتداشلىرىغا بىرقانچە ئۇچۇرنى ئارقا - ئارقىدىن يوللىدى.
يىن تۇڭشىن قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونى شىنىڭ يولى كوچا باشقارمىسى 14 - مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، 2017 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا، ئۇ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا پائال تىزىملىتىپ، 7 - ئايدا، 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى خېبېي شىڭتەيدىن قارامايغا كەلدى.
تۇنجى قېتىم يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ناتونۇش مۇھىتقا يۈزلەنگىنىدە، يىن تۇڭشىن قورۇنۇپ قالمىدى، ئۇنىڭدا پەقەت «دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، مانا مەغرۇر ھالقىدۇق بىز ئېگىز تاغلار ئۈستىدىن» دېگەندەك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بار ئىدى.
دەسلەپتە ئۇ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مايتاغ رايونلۇق كومىتېتىدا مۇلازىمەت قىلدى، جىددىي تۇرمۇش ۋە خىزمەت رىتىمى ئۇنى ئالدىراش قىلىۋەتتى، خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭغا يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى قانداق ئۆستۈرۈش، ئاھالىلەر بىلەن قانداق ئالاقە باغلاشنى ئۆگەتتى... ئاستا - ئاستا، ئۇ خىزمەتنى بارغانسېرى كۆڭۈلدىكىدەك ئىشلەيدىغان بولدى.
2019 - يىلى، ئىككى يىللىق پىدائىيلىق مۇلازىمەت مۇددىتى توشتى، چۆللۈكتىكى بۇ شەھەردە نامايان بولغان جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ھاياتىي كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە يىن تۇڭشىن قىلچە ئىككىلەنمەي بۇ جايدا قېلىشنى تاللىدى، كېيىن ئۇ مايتاغ رايونى شىنىڭ يولى كوچا باشقارمىسى 14 - مەھەللىنىڭ خىزمەتچىسى بولدى.
سالاھىيىتى ئۆزگەرگەن يىن تۇڭشىن دەرھال خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. ناخشا ئېيتىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ، ئۇ مايتاغ رايونى شىنىڭ يولى كوچا باشقارمىسى 14 - مەھەللە ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ، ئاھالىلەرنى باشلاپ تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاھالىلەر بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى.
ئاھالىلەر ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يىن تۇڭشىننىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى. 14 - مەھەللىدىكى جۇڭشىن گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىنىڭ غەربىي دەرۋازىسى دەل بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇدۇل بولۇپ، ھەر قېتىم مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش ۋاقىت بۆلىكىدە، بالىلارنى ئاپىرىپ - ئەكىلىدىغان نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئولتۇراق رايونغا كىرىپ، ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا ئىنتايىن قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنىدى. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىدىغان ئاھالىلەر دائىم ئۇچراپ تۇراتتى.
ئاھالىلەرنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يىن تۇڭشىن خىزمەتداشلىرىنى باشلاپ نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يول بويىدا تۇرۇپ ئۆتكەن - كەچكەن ئاپتوموبىللارنى سانىدى. «ئادەتتە ئەتىگەن سائەت 8دىن 10غىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 5تىن 7گىچە بولغان ۋاقىتنى تاللاپ ئاپتوموبىل سانىدۇق.» يىن تۇڭشىن مۇنداق دېدى: بۇ ۋاقىت بۆلەكلىرى دەل مەكتەپكە بېرىش - كېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتى تېخىمۇ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولالايدۇ.
نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن باشقا، يىن تۇڭشىن يەنە خەلق ئەھۋالى سەمىمىي سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاھالىلەر ۋەكىللىرى يىغىنى ئېچىپ، ئاھالىلەرنى ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، توردا سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يول ئۆزگەرتىش پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەڭ توپلىدى.
يېتەرلىك سانلىق مەلۇمات ۋە پىكىرنىڭ تۈرتكىسىدە، مەھەللە پارتىيە كومىتېتى قاتناش - يول مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنى تەكلىپ قىلىپ، يول ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلدى. نەق مەيداننى بىر مەزگىل چارلاش ئارقىلىق، مۇتەخەسسىسلەر جۇڭشىن گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىنىڭ غەربىي دەرۋازىسى يولى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا قارىتا مۇمكىنچىلىككە ئىگە بولغان ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەردى.
«بىر قاتار تەڭشەشلەردىن كېيىن، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنى ئۇزاقتىن بۇيان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بۇ مەسىلە ئۈنۈملۈك ھەل بولدى، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ تەرتىپلىك بولغانلىقىنى كۆرۈپ، مەن ئىچ - ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم.» يىن تۇڭشىن مۇنداق دېدى: ئاھالىلەر ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئۇششاق - چۈششەك ئىشلاردەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ھەل قىلغاندا ئادەمنى ئىنتايىن سىنايدىغان بولۇپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مېھىر - مۇھەببىتى ۋە قىزغىنلىقى بولۇشى كېرەك. بۇ يىللاردا، مەن ھەربىر قىيىن ئىشنى ياخشى ھەل قىلغاندا، بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولدۇم.
بۈگۈنكى كۈندە، يىن تۇڭشىن قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىدا ئۆي - ئوچاقلىق بولدى. ئىرادە نىشانى بار بولغان، ئارزۇ - ئارمانلىرى مۇجەسسەملەنگەن چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىش ئۇنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ قالدى.
«شىنجاڭغا كېلىش مېنىڭ ئارمانسىز تاللىشىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىپايان تۇپراقتا ياشلىق باھارىم ۋە كۈچۈمنى داۋاملىق بېغىشلاشنى خالايمەن.