تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

4000 كىلومېتىردىن ھالقىپ تاپشۇرغان ياشلىق جاۋاب قەغىزى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

3 ـ ئاينىڭ باشلىرىدا، جەنۇبىي شىنجاڭ تەدرىجىي ئىللىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ دەل يېڭىسار ناھىيەسىدە ئۆرۈك كۆچىتى ئۇلايدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. «بۇلتۇر ئۆگەتكەن ئۇلاش بىلىملىرى يۇرتداشلارنىڭ ئېسىدە بارمۇ ـ يوق بىلمەيمىز، تېخنىك خادىملار ئېتىز باشلىرىغا كۆپرەك بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.» 3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، يىراقتىكى ئۆرۈكلۈك باغقا قاراپ، لى چيەن بۇ يىل قانداق قىلغاندا ئاندىن دېھقانلارنى ياخشى ھوسۇلغا ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرۇۋاتاتتى.

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ لومپا يېزىسىدا، نۇرغۇن ئامما 90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان لى چيەننى «شياۋلى شياڭجاڭ» دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ. يېڭىسار ناھىيەسى لومپا يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لى چيەن يۇرتىدىن 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئون نەچچە يىل تۇرۇپ، تەجرىبىسى يوق داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىيسىدىن يېزا باشلىقى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، بېرىلىپ ئىشلەپ، ئاممىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىرلا نىشان ئۈچۈن تىرىشتى.

2014 ـ يىلى، زاۋجۇاڭ شۆيۈەنىنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن لى چيەن ئاۋات چوڭ مەركىزىي شەھەردە قېپقالماي، بەلكى شەندۇڭدىن ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسىم چېگرا رايونىغا كېلىشنى تاللىدى.

بۇ، بىر قېتىملىق جۇغراپىيەلىك يۆتكىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر قېتىملىق روھىي جەھەتتىكى ئۆسۈپ يېتىلىش بولدى. قەشقەرگە كەلگەندىكى تۇنجى بېكەت يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ چولپان يېزىسى بولۇپ، ناتونۇش مۇھىت، تىل جەھەتتىكى توسالغۇ، پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتى ۋە تۇرمۇش شەكلى ئالدىدا، لى چيەن بەل قويۇۋەتمىدى. ئەينى يىللاردىكى ئەھۋالنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ ناھايىتى تەمكىن كۆرۈنەتتى: «يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق.»

2014 ـ يىلى چولپان يېزىسى تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى نامراتلارنى يۆلەش لى چيەننىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئىدى. ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇ شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كالا ـ قوي باقمىچىلىقىدا تەجرىبىسى مول بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچىسىنىڭ تارقاق باقمىچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، باقمىچىلىقنىڭ كۆلەملەشمىگەنلىكىنى، يەم ـ خەشەك قاتارلىق باقمىچىلىق تەننەرخىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باقمىچىلارنى باشلاپ باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يېڭى نەسىللىك گۆش قويلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئىلگىرىكى تارقاق ھەم كىچىك باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئارقىدىن، لى چيەن نەزەرىنى ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قاراتتى. ئۇ ئاياللارنى پەلەي قاتارلىق قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرىنى تىكىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنى جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، ئامىنە دەل بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. لى چيەننىڭ ياردىمىدە، ئامىنە ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە بىر ئائىلە كىشىلىرى كونا كېسەك ئۆيدىن يېپيېڭى، يورۇق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. 2016 ـ يىلى لى چيەن توي قىلغاندا، ئامىنە بىر يوتقاننى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈپ كېلىپ: «قىزچاق، سىز كەنتنى ئۆز ئائىلىڭىزدەك كۆردىڭىز، بىز ھەممىمىز سىزنىڭ تۇغقانلىرىڭىز، بۇ، ئۆز قولۇم بىلەن سىزگە تىككەن قىز مېلى» دېدى.

بۇ خىل قان بىلەن گۆشتەك ھېسسىيات لى چيەننى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ جايدا قېلىپ داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى.

2021 ـ يىلى، لى چيەن لومپا يېزىسىغا يۆتكىلىپ خىزمەت قىلدى. بۇ يېزىدا كەڭ كۆلەمدە ئۆرۈك كۆچىتى ئۆستۈرۈلگەن بولسىمۇ، سېتىش يولى مەسىلىسى ئىزچىل يۇرتداشلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. لى چيەن بۇنى كۆرۈپ، تىت ـ تىت بولدى. ئۇ ئۆرۈكنى لومپا يېزىسىنىڭ كۇرسلۇق مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇپ، يۇرتداشلارنى ئۆرۈك كەسپى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەش ئىرادىسىگە كەلدى.

لى چيەن ئېتىز بېشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش، ئۆرۈكلۈك باغنى رەتلەشكە يېتەكلىدى. دەسلەپتە، يۇرتداشلار ئۆرۈك كۆچىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش ۋە ئۆرۈكلۈك باغ رەتلەشنى ئانچە خالاپ كەتمىدى. «كۆپچىلىك ئۆرۈكنى كۆپ پۇلغا ساتقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغاچقا، پۇل خەجلەشنى خالىمىدى.» لى چيەن مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا، ئۆرۈكنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى تەكشى بولماي، كەسىپ زەنجىرى ۋە ماركا ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈش ناھايىتى تەسكە توختايتتى.

لى چيەن كۆپ قېتىم تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى ۋە دېھقانلارغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدى، يەڭنى تۈرۈپ كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ئەمگەك قىلدى، مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. بۇ خىل قەتئىي بوشاشماسلىق غەيرىتى يۇرتداشلارنى تەسىرلەندۈردى، بارغانسېرى كۆپ كىشى ئۆرۈك دەرىخى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆرۈكلۈك باغنى ئۆزگەرتىشكە قاتنىشىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 8700 مودىن ئارتۇق يەردە ئۆستەڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، 7900 مودىن ئارتۇق باغنى يېڭىلاپ ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى.

ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ پەرۋىش قىلىش ئۆرۈكنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى، كېيىنكى قەدەمدە سېتىش يوللىرىنى قانداق ئېچىش كېرەك؟ لى چيەن كۆڭلىدە ئاللىقاچان جاۋابقا ئېرىشكەنىدى. «تور + تور سىرتى» ۋە «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش + تىجارەت تەشۋىقاتى» دەل لى چيەن چىقارغان ئۆرۈك سېتىشتىكى «كوزىر» بىرىكمە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ياش كادىرلار، يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى «مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش رىياسەتچىسى» سېپىگە قاتنىشىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش شەكلى ئارقىلىق لومپا ئۆرۈكىگە ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا يېتەكلىدى.

بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، لومپا ئۆرۈكى ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلدى، سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. 2023 ـ يىلى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ لومپا يېزىسى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازار (ئۆرۈك بويىچە) بولۇپ باھالىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۈگۈنكى كۈندە يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئۆرۈكى تىلغا ئېلىنسىلا كۆپچىلىك: «لومپا يېزىسىغا بېرىڭ!» دېيىشىدۇ.

ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، چۆللۈكتىكى توغراقلارنىڭ يىل ھالقىسى كۆپەيدى، شۇنداقلا بىر ياشنىڭ غايىسى يىلتىز تارتىپ شاخلىدى. لى چيەن «بىر ئىشنى قىلىشنى تاللاپ، بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى چېگرا رايوننىڭ ھەم ئىرادىنى تاۋلايدىغان پېچ، شۇنداقلا غايىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇنبەت تۇپراق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ياشلىق قەدىمى دەۋر بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىگەندە، شەخسنىڭ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ تارام ـ تارام ئېقىنلىرى ئاخىرىدا مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك دەرياسىغا قوشۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.