□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ
«مەن غەربىي قىسىمغا ئاتلىنىپ، شىنجاڭغا رىشتە باغلاپ، بۇ يەردە يىلتىز تارتتىم.» يېقىندا، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ چىڭيىن ئۆزىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى كەچۈرمىشىنى ئەسلەپ شۇنداق دېدى.
2012 - يىلى، جېڭجوۋ سىفەن شۆيۈەنىدە ئوقۇغان ليۇ چىڭيىن دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا تىزىملاتتى، قاتلاممۇقاتلام تاللاش ئارقىلىق، شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئىش ئورنىغا رەسمىي چىقىپ، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا مۇلازىمەت قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ شىنجاڭغا كەلگىنىگە 13 يىل بولدى.
«ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى، ياشلىق جاسارىتى ئەينى چاغدا ماڭا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلاپ، يۇرتۇم خېنەندىن چىقىپ يولبويى غەربكە قاراپ مېڭىشىمغا تۈرتكە بولدى.» ليۇ چىڭيىن مۇنداق دېدى: پىدائىيلار مۇلازىمىتى مەزگىلىدە، مەن شىنجاڭنىڭ ھەربىر گۈل - گىياھى، تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ - ئادىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ھېس قىلىپ، خىزمەت ئورنۇمدا كۈندىلىك ھەربىر خىزمەتنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىدىم.
«كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، تۈمەن چاقىرىملىق يول بولسىمۇ قورقمايمىز، ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ ياخشى قىلساقلا، ھەرقانداق كۆپ ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن قورقمايمىز.» بۇ ليۇ چىڭيىن دائىم ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆز.
پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ليۇ چىڭيىن قېپقېلىپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسى بوستان تېرەك يېزىلىق ھۆكۈمەتكە كېلىپ خىزمەت قىلدى. ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئاساسىي قاتلام تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى.
«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىزنىڭ كۆز قارىچۇقىمىز، بىز ھەر مىللەت قېرىنداشلارنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشىمىز، ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.» ليۇ چىڭيىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشنىڭ زۆرۈر كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلەتتى. ھېيت - بايراملاردا ئۇ ھەمىشە ھەر مىللەت ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، ھال - ئەھۋال سوراپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېھىر - مۇھەببەتنى كۈچەيتتى. خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، ئۇ ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن ئۆزئارا قوللىدى، ئۆزئارا ياردەم بەردى.
2017 - يىلى 3 - ئايدا، ليۇ چىڭيىن ئۇلۇغچات ناھىيەسى بوستان تېرەك يېزىسى جۇلۇقباش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خالىدەم خالبېك بىلەن تۇغقانلاشتى. ھەر قېتىم تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، بالىلار ليۇ چىڭيىننىڭ «كىچىك ئەگەشكۈچىسى» بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوينايتتى، كەيپىيات تولىمۇ قىزىپ كېتەتتى. بەزىدە ليۇ چىڭيىن بالىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇلارغا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئەستايىدىل ئۆگىتەتتى.
ليۇ چىڭيىن تۇرمۇشتا ھەممە ئىشقا كۆڭۈل بۆلدى، خالىدەم ئائىلىسىگە ھەمىشە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى، 2018 - يىلى 3 - ئايدا، ئۇ خالىدەم ئائىلىسىگە تېلېۋىزور ئېلىپ بەردى، تور سىمى تارتقۇزۇپ بەردى. دائىم بېرىش - كېلىش قىلىش ۋە قىزغىن ياردەم بېرىش نەتىجىسىدە، خالىدەم ئائىلىسىدىكىلەر ليۇ چىڭيىندىن تولىمۇ رازى بولدى، ئۇلار بىر - بىرىنىڭ ھەقىقىي تۇغقىنىغا ئايلاندى.
2018 - يىلى 6 - ئايدا، ليۇ چىڭيىن ئۆيلەندى. «مەن شىنجاڭدا مەقسەت - نىشانىمىز بىردەك نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، شۇنداقلا بەختىمگە يارىشا خوتۇنۇم بىلەن تونۇشۇپ، ئۆي - ئوچاقلىق بولدۇم، بۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە نىسبەتەن ئائىلە تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدۇم.» ليۇ چىڭيىن خوتۇنى توغرىسىدا توختالغاندا، چىرايىنى كۈلكە قاپلىدى.
2023 - يىلى 8 - ئايدا، ليۇ چىڭيىن ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ دائىم ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاممىغا ياخشى خىزمەت قىلدى. ئۇ ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەيرىيەت باش جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقىنى بىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ھەم باشقا ناھىيە، شەھەرلەردىن بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىدى. 2024 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەيرىيەت باش جەمئىيىتى نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭەش ۋە نازارەتچىلىك كېڭىشىنى سايلاپ چىقتى ھەم ئۇلۇغچاتنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، 3 مىليون 900 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىئانە پۇلى توپلىدى.
ليۇ چىڭيىن يەنە تۈرلۈك ئامال - چارىلەر بىلەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى جانلاندۇردى. ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىش ئاساسىدا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت تۈرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، 3 - تەرەپ كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلۇغچات ناھىيەسى ياشانغانلار ساناتورىيەسى قۇرۇلۇشى تۈرى، يېزا - بازارلىق يېزا بەخت چوڭ ھويلىسى قۇرۇلۇشى تۈرى، مەھەللە ياشانغانلار ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى تۈرى قاتارلىقلارنىڭ ياخشى يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلۇغچات ناھىيەسى ياشانغانلار ساناتورىيەسى پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، مەھەللە ياشانغانلار ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىنى 3 - تەرەپ باشقۇرۇپ، ياشانغانلارنى تاماق بىلەن تەمىنلەش، كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ياشانغانلار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، ئارام ئېلىش - كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.
«بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردە يىلتىز تارتتىم، مەن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن، مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق خەلق ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، ئاممىغا قايناق تۇرمۇش جەريانىدىكى مۇقىم بەختنى ھېس قىلدۇرىمەن، ئاممىنى گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىلەندۈرىمەن» دېدى ليۇ چىڭيىن.