□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي
تالانتلىقلار توپلانسا، ئىشلار روناق تاپىدۇ.
يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ تەخىرسىز بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پۈتۈن جەمئىيەتكە ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىختىساسلىقلارغا تەشنا بولۇش ئېنىق سىگنالىنى تارقاتتى: 10 مىليارد يۈەنلىك شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ياخشى ئىشلىتىش، ئېلىپ قېلىشتەك يېڭى ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.
بۇ بىر سەمىمىيلىككە تولغان تەكلىپ بولۇپ، بۇنىڭدا يەنە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەرقايسى كەسىپ، ساھەلەردىكى «گالنى بوغىدىغان» بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەر تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىنماقتا.
ئىختىساسلىقلار شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تىرەك كۈچ. شىنجاڭ ئادەتتىن تاشقىرى سېلىنما، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر، ئادەتتىن تاشقىرى سالماق بىلەن ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە ئەندىزە خاراكتېرلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولماقتا.
يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش
ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىدىكى «يۇمشاق مۇھىت»نى ئەلالاشتۇرۇش
2024 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، شىنجاڭ داشۆنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ ۋېيچىڭغا «دۆلەتلىك قالتىس ئىنژېنېر» دېگەن نام بېرىلدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشتىكى مول نەتىجىلىرىنىڭ بىرى.
بۇ مول نەتىجىگە ئېرىشىش 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. 2022 ـ يىلى، ۋاڭ ۋېيچىڭ شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنىڭ «تىيانشان تالانتلىقلىرى» يېتىشتۈرۈش پىلانى بويىچە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى باشلامچى ئىختىساس ئىگىسى بولۇشقا تاللاندى. ئۇدا ئۈچ يىل، ئۇ ھەر يىلى 2 مىليون يۈەن پەن تەتقىقات خىراجىتى مەدىتىگە ئېرىشتى، بۇ ئۇنى پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ پەن تەتقىقاتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مەۋقەنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش داۋامىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تۈرلۈك كەسىپلەرگە توپلاشقا كۈچەپ، تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ۋە «يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تۈزۈپ بېسىپ تارقىتىپ، شىنجاڭ رايون خاسلىقىغا ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولى، ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، تىرىشىپ نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىختىساسلىقلار رىقابەت سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈردى.
ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى سېلىنما سالمىقى زورايتىلىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىنىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى ئېچىشقا مەدەت بېرىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىلدى، مەبلەغ سوممىسى ئىلگىرىكى ئون يىلدىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن كۆپرەك بولدى.
«ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ئېھتىياج چۆرىدىلىپ، «تىيانشان تالانتلىقلىرى» يېتىشتۈرۈش پىلانى، «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىختىساسلىقلار پىلانى ھەم بەش مۇھىم ئىختىساسلىقلار تۈرى تەسىس قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.
شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتى ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشتا ئاچقۇچلۇق قەدەم تاشلاندى.
...
بىر قاتار ھۆججەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، تۈرلۈك سىياسەتلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىدىكى «يۇمشاق مۇھىت» ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپ ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە سىجىل توپلىنىپ، يېتەكلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلار شىنجاڭدا تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇلدى ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىلدى.
بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىق
ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش
2023 ـ يىلى، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى داشۆسىنىڭ ياش دوكتورى ليۇ جياكەي ئاپتونوم رايوننىڭ «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى» سۈپىتىدە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا ـ خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىغا كىرگۈزۈلدى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى ئەۋرىشىم كىرېمنىينى ئاساس قىلغان بىرىكمە يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىيالى ھەم دېتال ـ زاپچاسلارنى چۆرىدەپ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ تۇرۇشلۇق تەجرىبىخانىدىن بازارغا يۈزلەنگەن تېخنىكا ئېنېرگىيە ساھەسىدە 300 مىليون يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشقا تۈرتكە بولدى.
بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، شىنجاڭ فىزىكا ـ خىمىيە تەتقىقات ئورنى ليۇ جياكەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100گە يېقىن يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساس ئىگىسىنى كىرگۈزدى، بۇ، ئۆتكەن يەتتە يىلدا كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلار سانىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىغا باراۋەر.
پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى سەمىمىيلىك بىلەن قەدىرلەش، ئىختىساسلىقلارنى قېتىرقىنىپ يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى چىن دىلدىن جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىتىش كېرەك، ئاقىللارغا تەشنا بولغاندا، بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا توپلاش كېرەك.
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىتىنى ئاساس قىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي چارە قوللىنىپ، ئەمەلىي تەدبىر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزدى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قالدى، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلەتتى.
شىنجاڭ فىزىكا ـ خىمىيە تەتقىقات ئورنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «يىپەك يولى ئىختىساسلىقلىرى» پىلانىنى ئىجادىي تەسىس قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانىدىكى ياش دوكتورلار مەخسۇس تۈرى بويىچە ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغان ياش دوكتورلارغا ئۇدا ئۈچ يىل خىراجەت ياردىمى بەردى، ئۈچ يىلدىن كېيىن ياش دوكتورلارنى شىنجاڭ فىزىكا ـ خىمىيە تەتقىقات ئورنى ئىشتاتىغا كىرگۈزدى، «يىپەك يولى ئىختىساسلىقلىرى» پىلانى كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ياش دوكتورلارنى ھەر يىلى 200 مىڭ يۈەن مائاش ۋە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان 300 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىدى؛ ياش دوكتورلار پەن تەتقىقات تايانچلىرى بولۇپ يېتىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بويىچە باشقا تۈرلەرنى ئىلتىماس قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىدىكى ئۆمۈرلۈك يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئاقسۇ ۋىلايىتى «ئاقسۇنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق كۈچەيتىش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «1000 ماگىستىر، دوكتورنى تولۇق ۋەزىپىلىك كىرگۈزۈش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، «100 ماگىستىر، دوكتور جەمئىيەت ئەمەلىيىتى پائالىيىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، 2 ـ باشقۇرۇش مەزگىلىدىكى تۆمۈر چوققىسى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەش بويىچە «تۆمۈر چوققىسى يېتىشتۈرۈش ـ باشقۇرۇش» ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلار ئومۇمىي مىقدارىنى زورايتتى، ئىختىساسلىقلار ساقلانما مىقدارىنى جانلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، 60 مىليون يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى مەخسۇس تۈر مەبلەغ كۆلچىكى تەسىس قىلىپ، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلار قۇۋۋىتىنى سىجىل ئۇرغۇتتى.
...
ئىختىساسلىقلارنى ئىزدىگەندە ئاقىللارغا تەشنا بولۇش سەمىمىيىتى بىلەن ئىزدىدى، ئىختىساسلىقلارنى بايقىغاندا گۆھەرگە ئېرىشكەندەك ئەتىۋارلىدى، ئىختىساسلىقلارنى كۆرسىتىشتە بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىشتە ئۇلارنىڭ ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلارغا تۇرمۇش، خىزمەت جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارغا ھەسسىلەپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى كۆڭۈلنى توختىتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسىتىنى تەقدىم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ھەرقايسىسى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش
كەڭ تۇپراقتا زور نەتىجىلەرنى يارىتىش
سىرتتا يەتتە يىل ئوقۇپ، نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى بايلىقتىن پايدىلىنىش ۋە ئۆسۈملۈك قوغداش كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى سۈن شىنرەننىڭ ئالدى بىلەن ئويلىغىنى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىي ئىختىساسلىقلار سىياسىتى ماڭا يۇرتۇمغا قايتىپ تەرەققىي قىلىش جاسارىتى ۋە ئىشەنچىنى بېغىشلىدى، مەن شىنجاڭنىڭ بايلىقتىن پايدىلىنىش ۋە ئۆسۈملۈك قوغداش خىزمىتىگە كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.
ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، مەيلى جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ياكى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشنى تېزلىتىش بولسۇن، مەيلى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ياكى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش بولسۇن، شىنجاڭ ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا، ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق، ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ تەشنا، شۇنداقلا تېخىمۇ مۇھىمى، ئىختىساسلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش شارائىتى بار.
«غەربىي قىسىمغا بارايلى، ئاساسىي قاتلامغا بارايلى، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بارايلى.» بۇ جاراڭلىق چاقىرىقنىڭ تۈرتكىسىدە، داشۆنى پۈتكۈزگەن تۈركۈم ـ تۈركۈم ئوقۇغۇچى ياشلىق ئارزۇسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، شىنجاڭغا كېلىپ، ئاساسىي مائارىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن ـ تېخنىكىسى، داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
كۇڭ فەنچاۋ 2023 ـ يىللىق غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى. بۇ يىل باھار بايرىمىدىن بۇرۇن، ئۇ نۇرغۇن يېزا ـ كەنت ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنى پائالىيىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىزچىل ناھايىتى ئالدىراش بولدى. قىزىقىش، چۈشىنىش، ياخشى كۆرۈشتىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شىنجاڭدا قېلىشقا ئىرادە باغلاشقىچە، 1999 ـ يىلى تۇغۇلغان خېيلۇڭجياڭلىق بۇ يىگىت گۈزەل شىنجاڭنى تەۋسىيە قىلغۇچى بولۇپ قالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنى تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى، نۇرغۇن ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرى ئۇنىڭ كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىشى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلدى.
قايناق تۇرمۇشتا، تولۇن ئاي ئەسلىي مەقسەتنى نۇرلاندۇردى. 27 ياشلىق چېڭ جىڭرۇ چۆچەك شەھىرىنىڭ بوزداق بازىرىدا خىزمەت قىلىدۇ. 2021 ـ يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەن چېڭ جىڭرۇ «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى بويىچە چۆچەك شەھىرىگە كېلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلاندى. مۇلازىمەت قىلىش مەزگىلىدە، ئۇ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوتىغۇچ كۆتۈرۈپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ، مائارىپ، داۋالاش، يېزا ئىگىلىك ياردەم پۇلى قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەرنى ئاممىغا يەتكۈزدى.
...
ياراملىق ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلسە، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كەڭ تۇپراقتا، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ھەرقايسىسى ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلىپ، ئىختىساسلىقلار ھاياتىي كۈچىنى بەس ـ بەستە ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.