− ۋەكىللەر، ئەزالار غەربىي قىسىمغا ئاتلىنىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، قالتىس كىشىلىك ھاياتنى پۈتۈش توغرىسىدا ئورتاق توختالدى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ
«ئاساسىي قاتلامغا بارايلى، غەربىي قىسىمغا بارايلى، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بارايلى.» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي قىسىمدىكى رايونلار مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. نۇرغۇن ئىرادىلىك ياش تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا قالتىس كىشىلىك ھاياتنى پۈتتى.
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ قىزغىن كەيپىياتى ئىچىدە، غەربىي قىسىمغا ئاتلىنىش، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت «بىرىنچى بايلىق» ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى «بىرىنچى قۇۋۋەت»نى ئۇرغۇتۇش ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ قىزغىن مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلاندى.
ئەمدىلا 10 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى يۈنفېي كۇچا شەھىرى چاڭنىڭ يولى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى. 2012 - يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقاندىن كېيىن، لى يۈنفېي ئەسلىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئاقسۇ تارماق ئەترىتىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىدى، 2018 - يىلى قوشۇن ئىسلاھ قىلىنىپ تەۋەلىكى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن قېپقېلىشنى تاللىدى. زەيتۇن رەڭلىك يېشىل فورمىنىڭ يالقۇن كۆكى رەڭدىكى فورمىغا ئۆزگىرىشىگىچە، لى يۈنفېي باشتىن - ئاخىر ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىدىن 3800دىن ئارتۇقنى بىر تەرەپ قىلىش، قاپسىلىپ قالغان 500دىن ئارتۇق كىشىنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى.
«مەن بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ، ئۆسۈپ يېتىلدىم، شىنجاڭ ئارزۇيۇم قاناتلانغان جاي.» ۋەكىل لى يۈنفېي مۇنداق دېدى: مېنىڭ كەچۈرمىشىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ بېرىشقا ئەرزىيدىغان مۇنبەت تۇپراق، بۇ يەرنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارى ۋە زاپاس كۈچى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دېرەك بېرىدۇ، شەخسىي غايە بىلەن ئۇلۇغ دەۋر ماس ئىلگىرىلەيدىغان كەڭ سەھنە.
شەندۇڭ يەنتەيدىن شىنجاڭ قەشقەرگىچە، 11 يىل ۋاقىتتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى پاڭ زىجيەن ۋەتىنىمىزنىڭ چېگراسىدا يىلتىز تارتقان مەزمۇت توغراق بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى. يېزىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئۇ پائال ئامال - چارە ئىزدەپ، يول ئېچىپ، يۇرتداشلارنى بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىدى، شۇنداقلا ئۆزىگە تەۋە ياشلىق ناخشىسىنى پۈتتى.
«كەلگەن ئىكەنمەن، چوقۇم ئەمەلىي ئىش قىلىشىم كېرەك. ئەگەر يەنە تاللاش پۇرسىتى بولسا، جاۋابىم يەنىلا ئوخشاش بولىدۇ.» ۋەكىل پاڭ زىجيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىللاردا، دۆلەت سىياسىتىنىڭ شەرق شامىلى شىنجاڭغا مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، شىنجاڭمۇ تولۇپ تاشقان سەمىمىيىتى بىلەن ئىختىساسلىقلارنى يۈكسەك دەرىجىدە قەدىرلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. بۇ جەرياندا مەن بارغانسېرى كۆپ ياشنىڭ كىشىلىك ھايات كوردىناتىنى شىنجاڭغا نىشانلىغانلىقىغا ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم. بىز بىرلىكتە ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە ئەجرىمىز ئارقىلىق بۇ يەرنىڭ تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىمىزنى بېغىشلاش داۋامىدا كىشىلىك ھايات قىممىتىمىزنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
مائارىپ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ئۇ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان مەركىزىنىڭ مۇدىرى گۇەن فاڭفاڭ ئۇزاقتىن بۇيان مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقاردى.
«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ياش ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى.» ئەزا گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى بۇرچنى زىممىگە ئالغان، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. ئاساس مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، كۆيۈنىدىغان، ھۆرمەت قىلىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، مۇكاپاتلاش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چېگرا رايوننىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
پۇقراۋى ئىگىلىك يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم كۈچ. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى بولۇش - بولماسلىقىدىكى ئاچقۇچ ئىختىساسلىقلار موتورىنىڭ قوزغىتىلغان - قوزغىتىلمىغانلىقىدا.
«دىققەتنى كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى، كارخانا ئىختىساسلىقلارنى بىرلىشىپ تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلاردىن ھەمبەھرىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتىگە ئالاقىدار ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش قىيىن مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ جۈنباڭ سېلىنما چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: «ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان شارائىت»نى ياخشى بەرپا قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى ھەل قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك.
«بېيجىڭغا كېلىپ يىغىنغا قاتناشتىم، مەن <ئائىلەم>نىڭ ئىشلىرىدىن ناھايىتى خاتىرجەم.» 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئۇقسالۇر يېزىسى ئۇقسالۇر كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قانىمبۈ ئايسا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدار ساپاسى تەدرىجىي ئۆستى، داشۆ پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتىپ خىزمەتكە قاتناشقانلاردىن ئىككىيلەن بار، چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.
«داشۆ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ۋەزىپە ئۆتۈشى يېزا كادىرلار قوشۇنىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى.» ۋەكىل قانىمبۈ ئايسا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە داشۆ پۈتكۈزگەن تېخىمۇ كۆپ ياش، شەھەرلەردىكى ئاق ياقىلىقلار قاتارلىقلار يۇرتىغا قايتىپ، يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەپ، يېزا - كەنتلەردە يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە، يېڭى مەنزىرىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.
شۇڭا، ئۇ مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: «يېزا - كەنتلەرنىڭ كەڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ئارقىلىق كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ گۈزەل مۇھىتى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئېلىپ قېلىپ، كەسىپ تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ياشلارنى يېزىدا قېپقېلىش، بارغانسېرى ياخشى تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك».