2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلدى
باش ياز مەزگىلىدە ئۇچرىشىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كاتتا ئىشىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش. 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلدى، 500گە يېقىن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمان «ئوت يۇرتى» تۇرپانغا جەم بولۇپ، تەبىئەت ۋە ئادىمىيەت كاتتا مەنزىرىسىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىپ، ساياھەت تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.