تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلدى

​ئەركىن تۇنىياز تەبرىك سۆزى قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، تۇرپان، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: باش ياز مەزگىلىدە ئۇچرىشىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كاتتا ئىشىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش. 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلدى، 500گە يېقىن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمان «ئوت يۇرتى» تۇرپانغا جەم بولۇپ، تەبىئەت ۋە ئادىمىيەت كاتتا مەنزىرىسىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىپ، ساياھەت تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تەبرىك سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى.

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەدەت بېرىپ ۋە ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ھەم مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى ھەر ساھە دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئاجايىپ بىپايان زېمىنى بولۇپ، دۇنيا دەرىجىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىغا ئىگە. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، ئىقتىساد گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، پۇقرالار خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ، ساياھەتچىلىكمۇ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدىغان، كۈچ - قۇۋۋەت مۇجەسسەملەنگەن، ئىستىقبالى پارلاق بولغان مۇھىم ئالتۇن مەزگىلنى كۈتۈۋالدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت ئەۋزەللىكى يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى خاس ئۆرنەك ۋە دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشىمىز. ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى سىجىل بېيىتىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى جۇلالاندۇرىمىز. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ئىنتىلىدىغان «ئارزۇدىكىدەك جاي»غا ئايلاندۇرىمىز. ساياھەت مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. ساياھەتچىلىك ئارقىلىق بېيىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ساياھەتچىلىكنى خەلقنى بېيىتىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپىگە ئايلاندۇرىمىز.

يىغىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭ ساياھەت ئىستېمالى مەخسۇس ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ساياھەت كارخانىلىرى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، ساياھەتچى مەنبەسى ماركېتىڭىنى قانات يايدۇرۇش، مەنزىلگاھلاردا ئېتىبار بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، مەھسۇلات تەمىناتىنى بېيىتىش، قاتناش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەشۋىق قىلىش - كېڭەيتىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق بەش جەھەتنى چۆرىدەپ، مەبلەغ سېلىش ۋە بايلىق جەھەتتە مايىللىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە بىڭتۇەن مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مەدەنىيەت - ساياھەت خىزمىتىنى تونۇشتۇردى. كامبودژانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سوئىن لاتچاۋى، بونا كىنوچىلىق گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر ۋەكىلى سۆز قىلدى.

ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، مەمتىمىن قادىر، ياڭ يۇڭ، لى يۇڭخۇڭ قاتناشتى. سۈن خۇڭمېي رىياسەتچىلىك قىلدى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋەكىللىرى، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەت تەشكىلاتلىرى، مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، مەدەنىيەت - سەنئەت - تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندىن ئىلگىرى، ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

يىغىندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان خادىملار يەنە تۇرپاندىكى بىر قىسىم مەدەنىيەت - ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ كۆزدىن كەچۈرىدۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.