تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلقئارا ساياھەت سودىگەرلەر يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، تۇرپان، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلقئارا ساياھەت سودىگەرلەر يىغىنى تۇرپان شەھىرىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تەشۋىقات ئەلچىلىرىگە نام تاختىسى بەردى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەبرىك سۆز قىلدى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، سەرخىل مەنزىرە رايونلىرى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر توپلىنىپ، ساياھەت بازىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، ھەمكارلىق تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. يىغىن كەڭ مەدەنىيەت - ساياھەت سودىگەرلىرىنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش ۋە كەسىپ قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىچكى خاس مەزمۇنغا، خاسلىققا ئىگە، سۈپەتلىك بولغان تېخىمۇ كۆپ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا؛ ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىپ سەيلە - ساياھەت قىلىشقا، چوڭقۇر ھېس قىلىشقا تەشكىللەشكە؛ ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بويىچە ئېچىش - لايىھەلەش، تىجارەت قىلىش - كېڭەيتىش، باشقۇرۇش - مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىرىكمە تىپتىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى، كىرگۈزۈشىگە كۈچ قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، شىنجاڭغا كەلگەن مەدەنىيەت - ساياھەت سودىگەرلىرىنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يىغىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بىرلىكتە شىنجاڭ باش تېما قىلىنغان نۇقتىلىق تىياتىرلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى؛ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كەسپىي مەدەنىيەت - ساياھەت سودىگەرلىرى، نوپۇزلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋەكىللىرى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش، چېگرادىن كىرىش ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ، مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىياتىدىكى ئىلغار ئىدىيەنى ھەمبەھرىلىدى؛ شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.